ئامېرىكا سۈنئىي ھەمراھىنىڭ چۈشكەن جايى تېپىشماققا ئايلاندى

0 2011-09-29 10:57:10   شىنخۇا تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
    ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى (NASA) : ئاپتوبۇس چوڭلۇقىدىكى بىراك قىلىنغان بىر سۈنئىي ھەمراھ تۈنۈگۈن سەھەر يەر شارىغا قوندى، سۈنئىي ھەمراھ ئافرىقا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئوكياندىن ئۇچۇپ ئۆتكەندىن كېيىن كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى تىنچ ئوكيانغا چۈشۈپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن، دېدى.
   NASA: بۇ يۇقىرى ئاتموسفېرا قەۋىتى تەتقىقات سۈنئىي ھەمراھى (UARS) گرېنۋىچ ۋاقتى بۈگۈن سەھەر سائەت ئۈچتىن 23 مىنۇت ئۆتكەندىن سائەت بەشتىن 9 مىنۇت ئۆتكىچە بولغان ئارىلىقتا يەر شارىغا چۈشۈپ كەتكەن، بىرەر خادىمنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىغانلىقى ياكى مال-مۈلۈكنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق ئۇچۇر تاپشۇرۇۋالمىغان.
    NASAنىڭ باش ئىجرائىيە ئوربېتا ئالىمى نېك جونسون: ھازىرغىچە بىرەرمۇ ئىشەنچلىك نەق مەيدان دوكلاتى تاپشۇرۇۋالمىدۇق، دېدى. ئۇ يەنە: سۈنئىي ھەمراھ چۈشۈپ كەتكەن ئۇچۇش لىنىيەسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى سۇ ئۈستىدە بولىدۇ، دېدى.
    كالىفورنىيە ئىشتاتىدىكى ۋان دېن بېرگ ھاۋا ئارمىيە بازىسى ھاۋا بوشلۇقى بىرلەشمە ئۇرۇش قىلىش قوماندانلىق مەركىزى سۈنئىي ھەمراھ چۈشۈپ كېتىشتىن ئىككى سائەت ئىلگىرىكى ئەڭ يېڭى مۆلچەرىدە: سۈنئىي ھەمراھنىڭ يەر شارىغا قايتىپ كەلگەن ۋاقتى گرېنۋىچ ۋاقتى 24-سېنتەبىر سەھەر سائەت 4 تىن 16 مىنۇت ئۆتكەنگە توغرا كېلىدۇ، دېدى.
    جونسون: ئەگەر سۈنئىي ھەمراھنىڭ يەر شارىغا قايتىپ كەلگەن ۋاقتى راستىنلا مۇشۇ ۋاقىتقا توغرا كەلسە، ئۇنداقتا سۈنئىي ھەمراھنىڭ بارلىق قالدۇق پارچىلىرىنىڭ ھەممىسى تىنچ ئوكيانغا چۈشىدۇ، دېدى.
   NASA قەتئىي ھالدا: سۈنئىي ھەمراھنىڭ يەر شارىغا چۈشۈپ ئادەم يارىلاندۇرۇش ئېھتىمالى يوق دېيەرلىك، دېدى.
 NASA تور بېكىتىدە ئېلان قىلغان خەرىتىدە: بۇ يۇقىرى ئاتموسفېرا قەۋىتى تەتقىقات سۈنئىي ھەمراھى بىراك قىلىنىشتىن ئىلگىرى تەخمىنەن ھەر يېرىم سائەتتە يەر شارىنى بىر چۆگىلەيدۇ. ئۇ ئەڭ ئاخىرقى يەر شارىغا چۈشۈش جەريانىدا ناھايىتى چوڭ بىر دائىرىنى ئۇچۇپ ئۆتكەن. ئۇ ئافرىقا شەرقىي دېڭىز قىرغىقىدىن باشلاپ، ھىندى ئوكيان، تىنچ ئوكيان، كانادا، شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ۋە غەربىي ئافرىقىدىن ئۆتۈپ، ئاندىن يەنە ھىندى ئوكيانغا قايتىپ كەتكەن.
    سۈنئىي ھەمراھ قالدۇق پارچىلىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا قەيەرگە چۈشكەنلىكى ھازىرغىچە تېخى ئېنىق ئەمەس. جونسون: بىز سۈنئىي ھەمراھ قالدۇق پارچىلىرىنىڭ زادى قەيەرگە چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى مەڭگۈ بىلەلمەسلىكىمىز مۇمكىن، دېدى.
    بۇ سۈنئىي ھەمراھنىڭ ئاتموسفىرا قاتلىمىغا قايتقاندا 26 پارچە قالدۇق پارچىسىنىڭ بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن. ئاتموسفىرا قاتلىمىغا قايتقان چاغدىكى سۈنئىي ھەمراھ قالدۇقى تىتان يېقىلغۇ ساندۇقى، بىرىللىي سىرتقى قېپى، داتلاشماس باتارىيەنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博