66- نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ ئادەتتىكى مۇنازىرىسى ئاياغلاشتى

0 2011-09-30 10:21:58   جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
    66- نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ ئادەتتىكى مۇنازىرىسى27-سېنتەبىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نىيۇ يوركتىكى باش ئورگىنىدا ئاياغلاشتى. بۇ نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ رەئىسى ناسىر يىغىن ئاياغلىشىشتىن ئىلگىرى خۇلاسە خاراكتېرلىك سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى : مۇتلەق كۆپ قىسىم دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ ئادىل، ئومۇميۈزلۈك تىنچلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ، پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق مۇستەقىل ئىككى دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن بىرگە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى مۇراجىئەت قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى : كۆپلىگەن دۆلەتلەر پىكرىنىڭ بىردەك بولۇشى ئاساسىدا ، مەن بۇ نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىدىكى مەزگىلىدە ، بىز كۈچلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ ، خەلقئارا قانۇن پىرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلىپ، ئەرەب ئەللىرى بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ توقۇنۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ھەل قىلىش يولىدا ئىزدىنىشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن .بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاساسلىق قاراپ چىقىش، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش ئاپپاراتى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بارلىق دۆلەتلەردىن تەشكىللەنگەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر