ئۆزبېكىستان شەرقىي رايونلارنىڭ ئېلېكتر ئېنېرگىيە تورىنى ئۆزگەرتىدۇ

0 2011-09-29 12:33:53   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
      ئۆزبېكىستان ئېلېكتر ئېنېرگىيە شىركىتى 2015-2011- يىللىرى 265 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىپ، ئۆزبېكىستاننىڭ شەرقىدىكى فەرغانە ئويمانلىقىنىڭ ئېلېكتر ئېنېرگىيە تورى سىستېمىسىنى قۇرۇش ۋە ئۆزگەرتىشنى پىلانلىدى.
      مەزكۇر پىلان 8 تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئىككى باسقۇچقا بۆلۈپ ئېلىپ بېرىلىدۇ. بىرىنچى باسقۇچى 2011 - يىلىدىن 2012 - يىلىغىچە بولۇپ، 6 تۈر يۈرگۈزۈلىدۇ، ئۇلار ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 76 كىلومېتىر بولغان يۇقىرى بېسىملىق توك يولى لىنىيەسىنى قۇرۇش،90 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى يۇقىرى بېسىملىق توك يولى لىنىيەسىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ھەمدە 36×2 مېگاۋاتلىق تىرانسفورماتورنى ئالماشتۇرۇش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت؛ ئىككىنچى باسقۇچى 2013 - يىلىدىن 2015 - يىلىغىچە بولۇپ، 2 تۈر يۈرگۈزۈلىدۇ، ئۇلار نەمەنگاندا 500 كىلوۋولتلىق تىرانسفورماتور ئىستانسىسى قۇرۇش، يېڭى ئانگرېنغا تۇتىشىدىغان 500 كىلوۋولتلۇق ئۆزگىرىشچان توك يوللاش لىنىيەسىنى بەرپا قىلىش ۋە 220022 كىلوۋولتلۇق 2 دانە يەككە توك لىنىيەسىنى تارتىشتىن ئىبارەت.
      ئىگىلىنىشىچە، كەلگۈسى 5 يىلدا ئۆزبېكىستاننىڭ ئېلېكتر ئېنېرگىيە ساھەسىدە 46 مەبلەغ سېلىش تۈرى ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدىغان بولۇپ، ئومۇمىي مەبلەغ سېلىنمىسى 5 مىليارد 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر