قىرغىزىستان ئېلېكتر ئېنېرگىيە مۇتەخەسسىسى راسسۇر ئۇمبېتارېيېۋ يېقىندا بىشكېكتە ئېچىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، قىرغىزىستان ئېلېكتر ئېنېرگىيە سىستېمىسىنىڭ 2012-2011 - يىللىق تەرەققىيات تەسەۋۋۇرىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل 1 - ئاينىڭ 8 - كۈنى قىرغىزىستاننىڭ ئېلېكتر ئېنېرگىيە سىستېمىسىدا بىر قاتار كاشىلا كۆرۈلدى، بۇنىڭ بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا بىر تۇتاش ئېلېكتر ئېنېرگىيە سىستېمىسىنىڭ نورمال يۈرۈشۈشى تەسىرگە ئۇچرىدى، قازاقىستاننىڭ جەنۇبىدىكى رايونلار بىلەن ئۆزبېكىستاندىكى بىر قىسىم رايونلارنىڭ ئېلېكتر ئېنېرگىيە تەمىناتى ئۈزۈلۈپ قالدى. مۇشۇ قېتىمقى كاشىلا تۈپەيلىدىن، ئۆزبېكىستان ئوتتۇرا ئاسىيا بىر تۇتاش ئېلېكتر ئېنېرگىيە سىستېمىسىدىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى كۆپ قېتىم جاكارلىدى، قازاقىستانمۇ مۇشۇنداق قارارىنى ئېلان قىلدى. قىرغىزىستانغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ 2011-2012- يىللىرى كۈز ۋە قىش پەسلىدە ئېلېكتر ئېنېرگىيە ئاپىتى يۈز بېرىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئۇمبېتارېيېۋ مۇنداق دېدى: ‹كىرىزىستىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن بۇ يىل 4 -، 5 - ئايدىن باشلاپ داتكا - كېمىن ئىستراتېگىيەلىك توك يوللاش لىنىيەسىنى تارتىش كېرەك؛ ئۇندىن قالسا قىرغىزىستان ئېلېكتر ئېنېرگىيە شىركىتىنىڭ خىزمىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئېلېكتر ئىستانسىسى ۋە توك يوللاش لىنىيەسىگە نىسبەتەن باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە، بىرلىككى كەلگەن ئىستراتېگىيەلىك پىلاننى تۈزۈپ چىقىش كېرەك›.
ھەمبەھىرلىنىڭ