رۇسىيە زۇڭتۇڭ سايلىمىغا نەزەر

0 2011-09-29 12:27:21   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   
T|T:خەت رەزمىرى
  چەت ئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 25- ئاپرېل، رۇسىيە زۇڭتۇڭى مېدۋېدېۋ كرېمل سارىيىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، رۇسىيە يۇقىرى پەن - تېخنىكا تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان »سودا پەرىشتىسى« بولۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. غەرب ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۇ مېدۋېدېۋنىڭ تۇنجى قېتىم داۋاملىق زۇڭتۇڭ بولۇش ئۈستىدە ئىزدەنمەيدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىشى، دەپ چۈشەندۈردى.25 - ئاپرېل مېدۋېدېۋ رۇسىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ۋەزىپىدىن بوشىغاندىن كېيىن، موسكۋا شەھىرى ئەتراپىدىكى سكولكوۋ يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىدە خىزمەت قىلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن. 2010 - يىلى فېۋرالدىن باشلاپ، مېدۋېدېۋ سكولكوۋ يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىنى رۇسىيەنىڭ كىرىمنىي جىلغىسى« غا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ئىزچىل تىرىشىپ كەلگەن.
      »مەن ‹سودا پەرىشتىسى› ياكى يېڭى پەن - تېخنىكىنى تەرەققىي قىلدۇرغۇچى دېگەن سالاھىيەت بىلەن سكولكوۋ يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى ياكى باشقا ئاپپاراتلار ئارقىلىق يېڭى پەن - تېخنىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارغا قاتنىشىمەن«.
      ئىلگىرى ئالىي مەكتەپتە قانۇن دەرسى بېرىدىغان مېدۋېدېۋ ئۆزىنى يېڭى پەن - تېخنىكىنىڭ چوقۇنغۇچىسى، دېگەن ھەمدە كرېمل سارىيى تور بېكىتىنىڭ مىكرو بىلوگىدا: ئەگەر يەنە داۋاملىق ئوقۇتقۇچىلىق قىلسام، سكولكوۋ مېنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشىم بولۇشى مۇمكىن، دەپ سۆز قالدۇرغان.
      »سكولكوۋنىڭ تەرەققىياتىغا ئىشەنچىم يۇقىرى، مەن شۇ يەردە دەرس ئۆتۈشنى خالايمەن. ھەرقانداق بىر دۆلەت رەھبىرى بولغان سىياسىيونلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، مەيلى ئۇ ئىجابىي ياكى سەلبىي بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۆزىنىڭ سەرگۈزەشتىلىرىنى بايان قىلىشى كېرەك.
      مۇخبىر شۇ كۈنى زۇڭتۇڭ مېدۋېدېۋدىن 2102 - يىللىق زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىدىغان - قاتناشمايدىغانلىقىنى سورىمىدى. بۇنىڭغا مېدۋېدېۋ ئالاھىدە رەھمەت ئېيتتى. لېكىن غەرب ئەللىرى تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: مېدۋېدېۋنىڭ ۋەزىپىسىدىن بوشىغاندىن كېيىنكى ئورۇنلاشتۇرۇشى توغرىسىدىكى سۆزىدىن ئۇنىڭ زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتناشماي، »پېنسىيەگە چىقىش« ى مۇمكىنلىكىدىن بىشارەت بېرىدۇ.
      2008 - يىلى مارتتا، مېدۋېدېۋ رۇسىيەنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى زۇڭتۇڭى پۇتىننىڭ قوللىشى بىلەن ئوڭۇشلۇق ھالدا رۇسىيەنىڭ كېلەر نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى بولۇپ سايلانغانىدى. 2012 - يىلى رۇسىيە زۇڭتۇڭ سايلىمى ئۆتكۈزىدۇ. پۇتىن بىلەن مېدۋېدېۋ ئىككىسىدىن كىمنىڭ رۇسىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش پارتىيەسىگە ۋاكالىتەن زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىدىغانلىقى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا. يېقىندا ھەر ئىككىلىسى زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىش مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر