ئومۇمىي كۆلىمى 127.5 مو كېلىدىغان ، 26 مىليون 500 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنغان چەرچەنناھىيەسىنىڭ خەلق باغچا قۇرۇلۇشىدا بۇ يىل ئەتىيازدا قۇرۇلۇش باشلانغان بولۇپ ، نۆۋەتتە ، قۇرۇلۇش جىددىي ئېلىپ بېرىلماقتا .
بۇ باغچا قۇرۇلۇشى 3-ئۆكتەبىر ئۆتكۈزۈلىدىغان چەرچەن ناھىيەسىنىڭ 5-قېتىملىق قاشتېشى مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمىدىن بۇرۇن تاماملىنىدىكەن .
چەرچەن ناھىيەلىك پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى غۇپۇرجان ئابلا (سولدىكى كىشى)چەرچەن ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ياڭ يەنلۇڭ (ئوتتۇردىكى كىشى ) يېڭىدىن ياسىلىۋاتقان سەھنە ئۈستىدە باغچىنىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا قوماندانلىق قىلماقتا.