ياڭاق دەرىخى پەرۋىشىدىكى تېخنىكىلىق تەلەپلەر

0 2011-09-21 11:06:36   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
ياڭاق كىشىلەر ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلىدىغان ئوزۇقلۇق ۋە دورىلىق قىممىتى يۇقىرى بولغان داڭلىق مېۋىلەرنىڭ بىرى. ئۇنىڭ يەتتە ئۇرۇقداش 44 خىل سورتى بار. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ياڭاق دەرىخىنى ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى جەھەتتە ئىلگىرىكى ئەنئەنىۋى پەرۋىش ئۇسۇلى ئۆزگەرتىلىپ، ئىشلەپچىقىرىشتا شەكىل چىقىرىپ چاتاش، ئورمان كېسەللىكى ۋە زىيانداش ھاشاراتلاردىن مۇداپىئە كۆرۈش، يوقىتىش، پاكارلاشتۇرۇپ قويۇق ئۆستۈرۈش، ھورمون ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، مەھسۇلات مىقدارى ئۈزلۈكسىز ئاشقان بولسىمۇ، لېكىن بەزى سەرخىللاشتۇرۇش قۇرۇلمىسىدا بىر قىسىم مەسىلىلەر مەۋجۇت. ياڭاق دەرىخىنى پەرۋىش قىلىشتا تۆۋەندىكى بىرقانچە تېخنىكىلىق تەلەپلەرگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
      1. مۇۋاپىق ئوغۇتلاش لازىم. ياڭاق دەرىخىنى بالدۇر مېۋىگە كىرگۈزۈش، مەھسۇلاتى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن مۇۋاپىق ئوغۇتلاشقا ئەھمىيەت بېرىش لازىم. تەتقىقاتقا ئاساسلانغاندا، ئازوت ۋە كالىي ياڭاق مېۋىسىنىڭ شەكىللىنىشىدىكى مۇھىم ئېلېمېنت بولۇپ، ئازوتلۇق ئوغۇت ياڭاقنىڭ مېغىز نىسبىتىنى ئاشۇرىدىكەن. فوسفور ۋە كالىيلىق ئوغۇت ياڭاق مەھسۇلاتىنى ئاشۇرۇپ، مېۋە سۈپىتىنى ياخشىلايدىكەن. ئەمما تۇپراق تەركىبىدىكى ئازوتنىڭ مىقدارى كۆپ بولۇپ كەتسە، ياڭاق دەرىخىنىڭ ئۆسۈش مەزگىلىنى ئۇزارتىپ، مېۋىنىڭ پىشىشىنى كېچىكتۈرىدىكەن. گۈل بىخلىرى ۋە يۇمران شاخلارنىڭ يېنىك دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىشىنى پەيدا قىلىدىكەن. ئامېرىكىنىڭ ياڭاق توغرىسىدىكى ماتېرىيالىغا ئاساسلانغاندا، 100 كىلوگرام مەھسۇلات بەرگەن ياڭاق دەرىخى 58.0 گىرام ساپ ئازوت سۈمۈرىدىكەن. شۇڭا ياڭاقنىڭ مەھسۇلات ۋە سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، ئازوتلۇق ئوغۇت بىلەن مۇۋاپىق ئوغۇتلاشقا ئەھمىيەت بېرىش لازىم.
      2. ياڭاق دەرىخىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ۋە مېۋىلەش مەزگىلىدە مۇۋاپىق سۇغىرىش لازىم. ياڭاق دەرىخى بىخلىنىشتىن بۇرۇن سۇغىرىلسا، كۈز پەسلىدە بېرىلگەن ئاساسىي ئوغۇت ئۈنۈمىنى تولۇق جارى قىلدۇرغىلى، مېۋە شاخلىرىنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى ۋە چېچەكلەرنىڭ تۆكۈلۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. كۈزلۈك قوشۇمچە ئوغۇتلاشقا بىرلەشتۈرۈپ سۇغىرىلسا، ياڭاق دەرىخىنىڭ فوتوسىنتېز رولىنى كۈچەيتىپ، ياڭاق مېغىزىنىڭ توق بولۇشى ۋە ئارىلاش گۈل بىخلىرىنىڭ شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. كۈز پەسلىدىكى ئاساسىي ئوغۇتتىن كېيىن چىلاشتۇرۇپ سۇغىرىش ئارقىلىق ماددا ئالمىشىشنى، ئارىلاش مېۋە بىخلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ توپلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.
      3. قېرىشقا باشلىغان ياڭاق دەرەخلىرىنى چاتاش ئارقىلىق يېڭىلاش لازىم. ياڭاق دەرىخى قېرىش دەۋرىگە كىرگەندە ھەر يىلى ئۆسۈپ چىققان نوتىلىرىنىڭ ھەممىسى ناھايىتى قىسقا بولىدۇ. بۇ نوتىلارنىڭ كۆپ قىسمى گۈل بىخلىرىنى شەكىللەندۈرمەيدۇ ياكى گۈل بىخلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ناچار ھەم مېۋە بېرىش ئىقتىدارى تۆۋەن بولىدۇ، ھەتتا مېۋە بەرمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ياڭاق دەرىخى تاجىسىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى چوڭ شاخلاردىن باشلاپ، دەرەخ تاجىسىغىچە تەدرىجىي كىچىكلەيدۇ، شۇڭا بۇ مەزگىلدە كۆپرەك چاتاپ يېڭىلاش، ياڭاق دەرىخىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق تېخنىكىلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ياڭاق دەرىخىنىڭ مېۋە بېرىش مەزگىلىنى ئۇزارتىش لازىم. قېرىشقا باشلىغان ياڭاق دەرەخلىرىنى چاتاشتا قىسقارتىش، يېڭى، تىمەن ئۆسكەن شاخلارنىڭ ئۆسۈشىنى تېزلىتىش لازىم. لېكىن ھەددىدىن زىيادە ئاجىزلاپ كەتكەن قېرى دەرەخلەرنىڭ كۆپ يىللىق تايانچ شاخلىرىنى يىللارغا بۆلۈپ يېڭىلاش، يوشۇرۇن بىختىن ئۆسكەن نوتىلاردىن پايدىلىنىپ دەرەخ تاجىسىنى شەكىللەندۈرۈش لازىم.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر