يەرلىك ئۇسۇلدا كالىلاردىكى قىچىشقاقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش

0 2011-09-21 11:05:13   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
      كالىلاردىكى قىچىشقاق كېسىلى قىش ۋە ئەتىيازدا كۆپرەك كۆرۈلىدۇ. كالىدا قىچىشقاق پەيدا بولغاندا تېرىسى قىچىشىپ يېرىلىپ، قان دېغى پەيدا بولىدۇ. يېنىك بولغانلىرى ئورۇقلايدۇ، ئېغىر بولغاندا كالا پالەچ بولۇپ قالىدۇ، ھەتتا ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن. قىچىشقاق كېسىلى تۇغما يۇقۇملىنىشتىن باشقا، يەنە ياخشى بېقىلماسلىق، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك تۈپەيلىدىنمۇ پەيدا بولىدۇ. قىچىشقاق كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشتا تۆۋەندىكىدەك تەدبىرلەرنى قوللىنىش كېرەك:
      1. ئوزۇقلۇق تولۇقلاش، يەنى كالىغا يىرىك، يېشىل ئوت - چۆپلەرنى كۆپرەك بېرىپ، ۋىتامىنلارغا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش كېرەك.
      2. كالا قوتىنىنىڭ تام، تۈۋرۈكلىرىنى ھاك بىلەن ئاقارتىپ، يەرگە ئۆچۈرۈلمىگەن ھاك سېپىپ دېزىنفېكسىيە قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كېسەل كالىنىڭ تېزەكلىرىنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.
      3. تۆت سەر گۈڭگۈرت پاراشوكى، ئىككى سەر كاۋاۋىچىن، بىر جىڭ كۆمۈرگە مۇۋاپىق مىقداردا زەمبۇرۇغ قوشۇپ، ئېزىپ، ئۇنىڭغا يەنە چاي قوشۇپ مەلھەم ياساپ، قىچىشقاق جاراھىتى بار ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، ساقىيىپ كېتىدۇ. دورىنى ئەڭ ياخشىسى ئاپتاپ چىققاندا چېپىش كېرەك.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر