كۆپ قىسىم يەم - خەشەكلەردىكى ئاقسىلنىڭ ھەزىم بولۇش نىسبىتى %90~%75 كە يېتىدۇ. بىر خىل يەم - خەشەكتىكى ئاقسىلنىڭ نىسبىتى ھەرقانچە يۇقىرى بولسىمۇ، ئەمما قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى تۆۋەن بولسا، بۇ يەم - خەشەك يۇقىرى ئاقسىللىق يەم - خەشەك ھېسابلانمايدۇ.
      ئاقسىلنىڭ تۈرى:
      پەي پاراشوكىنى مىسال قىلساق، ئۇنىڭ ئاقسىل تەركىبى %86 بولسىمۇ، لېكىن پەقەت %25 ىلا قوبۇل قىلىنىدۇ. پۇرچاق كۈنجۈرىسى تەركىبىدىكى ئاقسىلنىڭ قوبۇل قىلىنىشى %90 كە يېتىدۇ. 
      پاسار، بېدە قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدە سېللۇلوزا كۆپ بولسىمۇ، لېكىن بۇلار ئارقىلىق كۆپ مىقداردىكى ئاقسىلنى تولۇقلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولمايدۇ.
      ياخشى ئۇۋاقلانمىغان يەم - خەشەكلەرنى ئىشلەتسە، ئاقسىل ھەزىم فېرمېنتىنىڭ رولى ئاجىزلىشىپ، ئاقسىلنىڭ ھەزىم بولۇش نىسبىتى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.
      يەم - خەشەكلەرنى ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاپ ئىشلەش جەريانىدا ئۇزۇن ۋاقىت قىزىتسا، ئاقسىلنىڭ ھەزىم بولۇش نىسبىتى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.
      پىروتىئىنازانى چەكلىگۈچى فاكتور: كانىپۇرچاق تەركىبىدە تىرىپسىننى چەكلىگۈچى فاكتور بار؛ بەرەڭگە تەركىبىدە خىموتىرىپسىننى چەكلىگۈچى فاكتور بار، بۇلار ئاقسىلنىڭ ھەزىم بولۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدۇ.    
    ھەمبەھىرلىنىڭ