تۈركمەنىستاندا ئولىمپىك تەنتەربىيە شەھەرچىسى قۇرۇلماقتا

81 2011-09-06 10:41:54   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
تۈركمەنىستاننىڭ ئومۇمىي يەر كۆلىمى488مىڭ100كىۋادرات كىلومېتىر، يەر كۆلىمىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا قازاقىستاندىن قالسىلا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىككىنچى چوڭ دۆلەت، لېكىن تەنتەربىيە جەھەتتە بولسا »كىچىك دۆلەت«.
      1994 - يىلى، تۈركمەنىستان تۇنجى قېتىم مۇستەقىل ئۆمەك تەشكىللەپ، ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا قاتناشقان، لېكىن باشقا دۆلەتلەرگە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرالمىغان، 2002 - يىلىدىكى ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىلا ئىلگىرىكى ئالتۇن مېدال نۆل بولۇش رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان.
      بۇ ئەھۋالنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، تۈركمەنىستان 2008 - يىلىدىن باشلاپ تەنتەربىيە ساھەسىدە زاپاس تالانت ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشكە باشلىغان.
      تۈركمەنىستان »2020- يىلىدىن ئىلگىرى شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاش دۆلەت پىلانى« نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش رامكىسى ئىچىدە، 200 دىن ئارتۇق تەنتەربىيە مەكتىپىنى قۇرۇش،100دىن ئارتۇق تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرىنى رېمونت قىلىپ قۇرۇش، ھازىر بار بولغان 70 تىن ئارتۇق تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرىنى يېڭىلاشنى پىلانلىدى.
      بۇنىڭدىن باشقا، تۈركمەنىستان ئاشخابادتا 30 نەچچە قۇرۇلۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيا بويىچە ئەڭ چوڭ تەنتەربىيە ئۇنىۋېرسال مەيدانىنى قۇرۇشنى پىلانلىدى.
      مەزكۇر قۇرۇلۇش خەلقئارادىكى كۆپ ئىقتىدارلىق تەنھەرىكەت ئەسلىھەلىرى ئۆلچىمىگە ئاساسەن قۇرۇلىدۇ، زۇڭتۇڭ بەردىمۇھەممەدوۋ دۆلەتلىك ساياھەت ۋە تەنھەرىكەت كومىتېتىغا بۇ قۇرۇلۇشنىڭ سۈپەت ۋە قۇرۇلۇشنى تاپشۇرۇش مۇددىتىنى ئالاھىدە نازارەت قىلىشنى ھاۋالە قىلدى.
      تۈركمەنىستان قۇرماقچى بولىۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى بويىچە بىردىنبىر بولغان بۇ ئولىمپىك شەھەرچىسىنىڭ ئىگىلەيدىغان يەر كۆلىمى 751 گېكتار بولۇپ، ھازىرقى ئولىمپىك تەنتەربىيە مەيدانىنىڭ يېنىغا جايلىشىدۇ. قۇرۇلۇش 2009 - يىلى باشلىنىپ، 2015 - يىلى ئاخىرلىشىدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر