ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى كەلگۈسى بەش يىلدا ئۆز دۆلىتىنىڭ ئاپتوموبىل مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇشنى پىلانلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە پىكاپ مەھسۇلات مىقدارى %20 ئاشۇرۇلىدۇ.
ئۆزبېكىستاننىڭ 2011-2015 - يىللىق دۆلەت سانائەت تەرەققىيات پىلانىغا ئاساسلانغاندا، ئۆزبېكىستاننىڭ 2015 - يىلىدىكى پىكاپ مەھسۇلات مىقدارى 2010 - يىلىدىكى 216 مىڭ دانىدىن 260 مىڭ دانىگە يېتىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاممىۋى ئاپتوبۇس ۋە يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ مەھسۇلات مىقدارىمۇ %30 ئېشىپ، 2010 - يىلىدىكى 2500 دانىدىن 3200 دانىگە يەتكۈزۈلىدىكەن. نۆۋەتتە ئۆزبېكىستان ئامېرىكا، گېرمانىيە، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ شىركەتلىرى بىلەن شېرىكلىشىپ ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقارماقتا. ھازىر ئۆزبېكىستان ئىگىدارلىقىدىكى ئاپتوموبىل ئومۇمىي سانى 1 مىليون 600 مىڭ دانىگە يېتىدۇ.
ھەمبەھىرلىنىڭ