تۈركمەنىستان چىگىتلىك پاختا مەھسۇلات مىقدارىنى تەڭشىدى

67 2011-09-05 11:26:22   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
  2010 - يىلى تۈركمەنىستاننىڭ چىگىتلىك پاختا مەھسۇلات مىقدارى 1 مىليون 300 مىڭ توننىغا يەتتى، ياخشى ھاۋا كىلىمات تۈركمەنىستاننىڭ چىگىتلىك پاختىدىن مول ھوسۇل ئېلىشىغا ئەۋزەل شارائىت ھازىرلاپ بەردى. تۈركمەنىستان دۇنيادىكى پاختا ئېكسپورت قىلىدىغان ئاساسلىق دۆلەتلەرنىڭ بىرى، كېۋەز تېرىلىدىغان يەر كۆلىمى 055 مىڭ گېكتارغا يېتىدۇ. تۈركمەنىستان تا ھازىرغىچە 2009 - يىلىدىكى پاختا مەھسۇلات مىقدارىنى ھەقىقىي ئېلان قىلمىدى. 2008 - يىلى پاختا مەھسۇلات مىقدارى 1 مىليون توننا، 2007 - يىلى 950 مىڭ توننا بولغانىدى.
      2010 - يىلى 21 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، جۇڭگو، تۈركمەنىستان، قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستان قاتارلىق تۆت دۆلەت رەھبەرلىرى تۈركمەنىستان ئام دەرياسىنىڭ ئوڭ قىرغىقىدىكى بىرىنچى تەبىئىي گازنى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتىدا گاز قويۇپ بېرىش كىلاپانىنى بىرلىكتە ئاچتى، بۇ ئوتتۇرا ئاسىيا تەبىئىي گاز يوللاش تۇرۇبىسىنىڭ رەسمىي گاز يوللاشقا باشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. 2011 - يىلى 1 - ئايدا ئوتتۇرا ئاسىيا تەبىئىي گاز يوللاش تۇرۇبىسى شىنجاڭ ئۈرۈمچىنى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشكە باشلىدى. بېسىمنى داۋاملىق ئاشۇرۇش ئارقىلىق بۇ يىل 1 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن باشلاپ ئوتتۇرا ئاسىيادىن كىرگۈزۈلگەن تەبىئىي گاز غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش ئىككىنچى لىنىيەسى ئارقىلىق جۇڭگونىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە، بېيجىڭ ۋە بېيجىڭنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارغا، خۇادوڭ رايونىغا يەتكۈزۈلۈشكە باشلىدى.
      جۇڭگو - ئوتتۇرا ئاسىيا تەبىئىي گاز يوللاش تۇرۇبىسى تۈركمەنسىتان ۋە ئۆزبېكىستان چېگرىسىدىن باشلىنىپ، ئۆزبېكىستاننىڭ ئوتتۇرا قىسمى، قازاقىستاننىڭ جەنۇبىي رايونلىرىنى كېسىپ ئۆتۈپ، شىنجاڭنىڭ قورغاس چېگرا ئېغىزىدىن كىرىدۇ، ئومۇمىي مۇساپىسى q1833، چېگرادىن كىرگەندىن كېيىن غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش ئىككىنچى لىنىيەسىگە تۇتاشتۇرۇلىدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر