ئىگىلەشلەرگە قارىغاندا، ‹تۈركمەنىستاننىڭ سۇ ئىشلىتىش قانۇنى› رەسمىي كۈچكە ئىگە بولغان، مەزكۇر قانۇندا تۈركمەنىستان ئاھالىلىرىنىڭ ھەقسىز سۇ ئىشلىتىشىگە قارىتا يېڭى بەلگىلىمىلەر بەلگىلىنىپ، ئىچىملىك سۇ بىلەن تەمىنلەش سىستېمىلىرىدا يولغا قويۇلىدىغان قانۇن، ئىقتىساد ۋە تەشكىلىي ئاساس ئېنىق تۇرغۇزۇلۇپ، ئاھالىلارنى بىخەتەر ئىچىملىك سۇ بىلەن ئۈزۈلدۈرمەي تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش بەلگىلەندى. مەزكۇر قانۇننىڭ 25 - ماددىسىغا ئاساسەن، ئاھالىلارنى ھەقسىز تەمىنلەيدىغان ئىچىملىك سۇنىڭ مىقدارىنى مۇستەقىل زۇڭتۇڭ نىزامى بەلگىلەيدۇ، چەكتىن ئېشىپ كەتكەن سۇ ھەققى ئۆلچىمىنى ئىچكى كابىنېت بەلگىلەيدۇ.
يېڭى قانۇن خەلقئاراغا تارقىلىشتىن ئىلگىرى، نېفىت ۋە تەبىئىي گازغا ئوخشاش تۈركمەنىستان ئاھالىلىرى ھەقسىز ئىچىملىك سۇ بىلەن تەمىنلىنىدۇ، يەنى ھەر كۈنى ھەربىر ئاھالە 250 لىتىر سۇ بىلەن تەمىنلىنىدۇ. بەلگىلىمىدىن ئېشىپ كەتكەن مىقدارغا نىسبەتەن، يېڭى ئۆلچەش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىلغان ئېگىز قەۋەتلىك بىنادىكى ھەربىر ئاھالە ھەر يىلى 5 ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىن ھەق تاپشۇرىدۇ، ئۆلچەش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىلمىغان كونا ئولتۇراق رايونلاردىكى ئاھالىلار يەرلىك مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ ئومۇمىي سۇ سائىتىگە ئاساسەن ھەق تاپشۇرىدۇ.
لېكىن بۇ چارە - تەدبىرلەر سۇ بايلىقى كەم بولۇشتەك مەسىلىنى تۈپتىن ھەل قىلىپ كېتەلمەيدۇ. ھازىر تۈركمەنىستاندىكى نۇرغۇنلىغان رايونلاردا دەۋرلىك سۇ توختاش ئەھۋاللىرى كۆرۈلمەكتە، تۈركمەنىستاننىڭ تەخمىنەن %80 رايونى قۇملۇق رايونغا جايلاشقان.
ھەمبەھىرلىنىڭ