گۈزەل مەنزىرىلىك قەدىمىي شەھەر - تاشكەنت

533 2011-09-03 12:21:17   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
تاشكەنت ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى، ئۆزبېكىستاننىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان، شەھەر يەر كۆلىمى 260 كىۋادرات كىلومېتىر، دائىمىي تۇرۇشلۇق ئاھالە سانى 2 مىليون 130 مىڭ ئادەم، ئۆزبېك، رۇس، تاجىك، قازاق قاتارلىق 120 نەچچە مىللەتتىن تەركىب تاپقان. تاشكەنت ئۆزبېكىستاننىڭ سىياسەت، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە قاتناش مەركىزى، شۇنداقلا مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىگە ئەزا دۆلەتلەر ئىچىدە موسكۋا، سايت - پېتېربۇرگ، كىيېپ، مىنسكى قاتارلىق شەھەرلەردىن كېيىنكى بەشىنچى چوڭ شەھەر.
      تاشكەنت2000 نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە، ماتېرىياللاردا خاتىرىلەنگەن تارىخى 1500 يىلدىن ئاشىدۇ، قەدىمىي يىپەك يولىدىكى مۇھىم بىر سودا ۋە قاتناش تۈگۈنلىرىنىڭ بىرى. بۇ شەھەر 11 - ئەسىردىن باشلاپ تاشكەنت دەپ ئاتالغان، ‹تاش شەھەر› دېگەن مەنىدە. 1220 - يىلى چىڭگىزخان تېررىتورىيەسىگە كىرگۈزۈلگەن، 1865 - يىلى چاررۇسىيە قوشونى تەرىپىدىن ئىگىلىنىپ، تۈركىستانغا قاراشلىق مەركەز قىلىنغان. 1930 - يىلىدىن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغانغا قەدەر ئۆزبېك سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەركىزى بولغان. 1966 - يىلى 4 - ئاينىڭ 26 - كۈنى 7.5 بال يەر تەۋرەپ بۇ شەھەرگە بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرلىك ئاپەت ئېلىپ كەلگەن، كېيىن سوۋېت سوتسىيالىستىك ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتىنىڭ ياردىمى بىلەن قايتىدىن قۇرۇلغان. قايتىدىن قۇرۇلغاندىن كېيىنكى تاشكەنت شەھىرىدە گەرچە قەدىمىي يادىكارلىقلار ئانچە كۆپ بولمىسىمۇ، لېكىن نۇرغۇنلىغان كوچا، باغچىلار، فونتانلار ۋە باشقا چوڭ تىپتىكى ھەيكەللەر ئىنتايىن كۆركەم قىلىپ ياسالغان، يېشىللاشتۇرۇش دەرىجىسى يۇقىرى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ شەھەر ھېسابلىنىدۇ.
      تاشكەنت ئۆزبېكىستاندىكى ئەڭ چوڭ سانائەت شەھىرى، ئاساسلىق سانائەت تارماقلىرىدىن ئېلېكتر ئېنېرگىيە، ئاۋىئاتسىيە، ماشىنىسازلىق، مېتال پىششىقلاپ ئىشلەش، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ۋە يېنىك سانائەت قاتارلىقلار بار. ئاتاغلىق چوڭ كارخانىلاردىن تاشكەنت ‹چىكاروۋ› ئاۋىئاتسىيە ئىشلەپچىقىرىش بىرلەشمە كارخانىسى، تاشكەنت تىراكتور ئىشلەپچىقىرىش بىرلەشمە كارخانىسى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى زاۋۇتى ۋە ئىلمە - توقۇلما ماشىنىلىرى زاۋۇتى قاتارلىقلار بار. ئاساسەن يىپەك، پاختا، ئىلمە - توقۇلما بۇيۇملىرى، نېفىت، تەبىئىي گاز، كۆمۈر، مىس، گۈڭگۈرت، گۈرۈچ ۋە تېلېۋىزور زاپچاسلىرى، ئاپتوموبىل، تىراكتور قاتارلىق مەھسۇلاتلار بار.
      تاشكەنتنىڭ پەن، مائارىپ، مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرى تولۇق، 15 ئالىي مەكتەپ بار. تاشكەنت دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتى 1920 - يىلى قۇرۇلغان، تاشكەنتتە يەنە بىر ئاكادېمىيە، بىرنەچچە تىياتىرخانا ۋە مۇزېي بار.
      تاشكەنتنىڭ تاشيول، تۆمۈريول، ئاۋىئاتسىيە قاتنىشى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ قاتناش تۈگۈنى ھېسابلىنىدۇ.1977- يىلى يەر ئاستى تۆمۈريولىدا قاتناش باشلانغان، بۇ تۆمۈريولنىڭ ھازىرقى ئومۇمىي مۇساپىسى q30. باشقا ئاممىۋى قاتناش ئەسلىھەلىرىمۇ بىرقەدەر قۇلايلىق.
      تاشكەنت شەھىرى ئىچىدە نۇرغۇنلىغان داڭلىق مەنزىرىلىك جايلار بار.
      مۇستەقىللىق مەيدانى: ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى كېرىموۋ1999 - يىلى 3 - ئايدا ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى كېرىموۋ بۇيرۇق چىقىرىپ، ھەر يىلى 5 - ئاينىڭ 9 - كۈنىنى (ئەسلىدىكى غەلىبە كۈنى)خاتىرە ۋە شان - شەرەپ كۈنى قىلىپ بېكىتتى. بۇنىڭ بىلەن تاشكەنت شەھەر مەركىزىگە جايلاشقان نامسىز قەھرىمانلار مەيدانى خاتىرە مەيدانى قىلىپ ئۆزگەرتىلدى، فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشتا قۇربان بولغان قەھرىمانلار ۋە ئۆزبېكىستاننىڭ ئەركىنلىكى، مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلغانلارنى خاتىرىلەش ئۈچۈن بۇ خاتىرە مەيدانىغا »غەمكىن ئانا« ئابىدىسىنى تىكلىدى، مەزكۇر ئابىدىنىڭ يوپۇقى 1999 - يىلى 5 - ئاينىڭ 9 - كۈنى ئېچىلدى.
      دۆلەت ئىگىلىكىدىكى سەنئەت مۇزېيى: 1918 - يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئۆزبېكىستان مىللىي سەنئەت بۇيۇملىرى ئەڭ كۆپ ساقلانغان مۇزېيلارنىڭ بىرى. مۇزېي ئۆزبېكىستاننىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغان زور مىقداردىكى نەپىس، مول كەشتە، گىلەم ۋە مىس بۇيۇملىرىنى ساقلاشتىن سىرت، يەنە جۇڭگو، ھىندىستان ۋە ياپونىيە قاتارلىق شەرق ئەللىرىنىڭ بىر قىسىم سەنئەت بۇيۇملىرىنى ساقلاپ كەلمەكتە.
      دۆلەت ئىگىلىكىدىكى تۆمۈر مۇزېيى: 1995 - يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى قارار ماقۇللاپ، تۆمۈر تۇغۇلغانلىقىنىڭ 660 يىللىقىنى تەبرىكلىگەن. 1995 - يىلى 12 - ئاينىڭ 26 - كۈنى زۇڭتۇڭ كېرىموۋ1996- يىلىنى تۆمۈر يىلى، دەپ ئېلان قىلدى. ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى 1996 - يىلى 3 - ئاينىڭ 14 - كۈنى قارار ماقۇللاپ، تۆمۈر قەبىلە تارىخى مۇزېيىنى قۇردى. مۇزېي تۆمۈرنىڭ ئىش - ئىزلىرى، ئاز بىر قىسىم بۇيۇملىرى ۋە ماتېرىياللىرىنى ئاساسلىق تونۇشتۇرىدۇ. مەزكۇر قۇرۇلۇش ئىسلام ئۇسلۇبىدا سېلىنغان بولۇپ، قۇرۇلۇش ئۈستىگە يېشىل گۈمبەز ئورنىتىلغان.
      نەۋائى باغچىسى: تاشكەنت شەھىرىنىڭ غەربىي جەنۇبى تەرىپىگە جايلاشقان نەۋائى باغچىسى (ئەسلى نامى ‹لېنىن كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى باغچىسى›) 1938 - يىلى قۇرۇلغان، تاشكەنتتىكى ئەڭ چوڭ باغچا، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى تەخمىنەن 75 گېكتار، باغچا ئىچىدە بىر چوڭ بىر كىچىك بولۇپ ئىككى كۆل بار. باغچىنىڭ ئېگىز تەرىپىگە ئەلىشىر نەۋائىنىڭ ھەيكىلى ئورنىتىلغان.
      مىللەتلەر دوستلۇق سارىيى: تاشكەنت شەھىرى مىللەتلەر دوستلۇق مەيدانىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان، بۇ ساراي كۆپ قوللىنىشچانلىق ساراي بولۇپ، كىنو قويۇش، ئەدەبىيات - سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلاش، مۇزىكا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈش ۋە ئاممىۋى يىغىلىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 11 مىڭ 300 كىۋادرات مېتىر، 4000 دىن ئارتۇق ئورۇن بار.
      مىللەتلەر دوستلۇق مەيدانى: تاشكەنت شەھىرىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان. 1966 - يىلى تاشكەنتتە يەر تەۋرىگەندە تاشكەنت ۋەيران بولۇش خاراكتېرلىك ئاپەتكە ئۇچرىغان، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى كەينى - كەينىدىن ياردەم بېرىش ئارقىلىق تاشكەنتنى قايتىدىن قۇرۇپ چىققان. مەزكۇر مەيدان شۇ دوستلۇقنى خاتىرىلەش سەۋەبىدىن قۇرۇلغان. مەيداننىڭ جەنۇبىي تەرىپىدە دوستلۇق سارىيى بار. مەيداننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا مىللەتلەر دوستلۇقىغا سىمۋول قىلىنغان مىس ھەيكەل بار، ھەيكەل ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشى مەزگىلىدە تۆمۈرچى مەخمودوۋ ئائىلىسىنىڭ 15 يېتىم بالىنى بېقىۋالغانلىق ھەقىقىي ھېكايىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ تۇرىدۇ.
      دۆلەت تارىخ مۇزېيى: تاشكەنت شەھىرىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان، ئەسلى نامى تاشكەنت جامائەت مۇزېيى، 1867 - يىلى قۇرۇلغان، كېيىن خەلق تارىخ مۇزېيى، دەپ ئۆزگەرتىلگەن. 1992 - يىلى ئۆزبېكىستان ئىچكى كابىنېتى قارار ماقۇللاپ، مۇزېينى قايتىدىن قۇرۇپ چىققان ۋە نامىنى ئۆزبېكىستان تارىخ مۇزېيى، دەپ ئۆزگەرتكەن. مۇزېي ئۆزبېكىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىنكى سانائەت، يېزا ئىگىلىك، مائارىپ، مەدەنىيەت، سەنئەت، دىپلوماتىيە ۋە باشقا سەھەلەردىكى نەتىجىلەرنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.
      يەر تەۋرەش خاتىرە مۇنارى: مەزكۇر ئابىدە 1966 - يىلى 4 - ئاينىڭ 26 - كۈنىدىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلارنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن تىكلەنگەن.
      تاشكەنت تېلېۋىزىيە مۇنارى: تاشكەنت تېلېۋىزىيە مۇنارىنىڭ ئېگىزلىكى 573 مېتىر، ئېگىزلىك جەھەتتە دۇنيا بويىچە 9 - ئورۇندا تۇرىدۇ. 1978 - يىلى قۇرۇلغان، 1985 - يىلى 1 - ئاينىڭ 15 - كۈنى ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلگەن. مۇنارنىڭ 100-1200مېتىر ئېگىزلىك يېرىدە ئايلانما ئاشخانا بار، بۇ ئاشخانا ‹قىزىل ئاشخانا› ۋە ‹يېشىل ئاشخانا›، دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ، 120 ئادەم بىرلا ۋاقىتتا غىزالىنالايدۇ، ساياھەتچىلەر تاماق يېيىش بىلەن بىرگە شەھەر مەنزىرىسىنى تاماشا قىلالايدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر