ئېنېرگىيە مەنبەسىنىڭ ئاساسلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، جۇڭگو رۇسىيەدىكى ئەنئەنىۋى كۈچ تەسىرى بىرقەدەر چوڭ بولغان نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بايلىقىنى ئېچىش ساھەسىگە زور مىقداردا مەبلەغ سېلىشنى قانات يايدۇردى.
ئامېرىكا ۋاسىتىلىرى مۇنداق دەپ خەۋەر قىلىدۇ: بىر يايما خوجايىنى جۇڭگولۇق، ئۇنىڭ ساتىدىغان مېلىمۇ جۇڭگو مېلى، لېكىن بازار قازاقىستاندىكى چوڭ شەھەر ئالمۇتا. قازاقىستان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت ئىچىدە ئىقتىسادىي ئەڭ تەرەققىي قىلغان دۆلەت.
بالاخوك بازىرى ئالمۇتادىكى ئەڭ چوڭ بازار، يايمىچىلار بۇ بازاردا پادىچىلار ئىشتىنى، نەملىكنى ئاشۇرۇش ئۈسكۈنىسى، زەرەتلىگۈچ ۋە باشقا مېۋە - چېۋىلەرنى ساتىدۇ. مانا بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ھەممىسى جۇڭگودىن كىرگۈزۈلگەن. تىجارەتتە ئاساسەن رۇس تىلى قوللىنىلىدۇ، بۇ ھال رۇسىيەنىڭ بۇ يەردىكى ئەنئەنىۋى تەسىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ تۇرىدۇ. بالاخوك بازىرىدا تىجارەت قىلىدىغان ئالىيە ئىسىملىك بىر يايمىچى مۇنداق دەيدۇ: »مەن سېتىۋاتقان ماللار رۇسىيەدىن كىرگۈزۈلمىگەن، رۇسىيە مېلى؟ بىزدە رۇسىيەنىڭ مېلى يوق«.
ھازىر ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ ئاھالىسى 62 مىليون ئادەم، جۇڭگونىڭ بۇ يەردە سېتىۋاتقىنى پەقەت ئاددىي ماللارلا ئەمەس.
ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئېنېرگىيەسى جۇڭگوغا نىسبەتەن مۇھىم
خەلقئارالىق ئېنېرگىيە ئورگىنىنىڭ ماتېرىيالىدىن قارىغاندا، جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ ئورنىنى ئىگىلەپ، دۇنيا بويىچە ئېنېرگىيە سەرپىياتى ئەڭ چوڭ دۆلەتكە ئايلىنىدىكەن. جۇڭگونىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتى كەلگۈسى 25يىلدا ھازىرقىدىن بىر ھەسسە ئاشىدىكەن.
لېكىن جۇڭگونىڭ زور مىقداردىكى نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئىمپورتى دېڭىز ئارقىلىق توشۇلىدۇ، خەتىرى بىرقەدەر چوڭ. ئەنگلىيە نودىڭخەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى لەي خوڭيى جۇڭگونىڭ دېڭىز سىرتى ئېنېرگىيە مەنبەسىنى ئېچىش تۈرى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارماقتا.
ئۇ مۇنداق دېدى: »جۇڭگوغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مۇھىملىقى ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىدە. ئوتتۇرا ئاسىيا قۇرۇقلۇق ئارقىلىق جۇڭگونى نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلىسە بولىدۇ، بۇنىڭدا دېڭىز ئارقىلىق توشۇش ھاجەتسىز، قۇرۇقلۇق ئارقىلىق توشۇش جۇڭگوغا نىسبەتەن تېخىمۇ بىخەتەر«.
دۇنيادىكى بىر قىسىم ئەڭ چوڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گازلىقلار ئەنە شۇ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا جايلاشقان. بۇ قەدىمكى يىپەك يولىنىڭ بىر قىسمى، كارۋانلار ئەينى يىللاردا جۇڭگو تاۋارلىرىنى ئېلىپ بوران - چاپقۇنغا قارىماي بۇ يەردىن ئۆتۈپ ياۋروپاغا بارغان. ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى ھازىر جۇڭگونىڭ مەبلەغ سالىدىغان ئوبيېكتى بولۇپ قالدى. ئەڭ يېڭى ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرىغا سالغان مەبلىغى 52 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن.
2009 - يىلى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ شەرققە قارىتىپ ياتقۇزۇلغان تۇرۇبا لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلۇپ، جۇڭگونى نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشكە باشلىدى. ھازىر، بېيجىڭدىكى مېھمانسارايلار ئەنە شۇ تۈركمەنىستاننىڭ تەبئىي گازىنى ئىشلەتمەكتە.
تۈركمەنىستان نېفىت زاپىسى مىقدارى جەھەتتە دۇنيا بويىچە 4 - ئورۇندا تۇرىدۇ. بىر كېچىدىلا جۇڭگوغا ئېكسپورت قىلغان تەبىئىي گاز مىقدارى رۇسىيەگە ساتقان تەبىئىي گاز مىقدارىدىن ئېشىپ كېتىدۇ.
قازاقىستان ھازىر نېفىت ئومۇمىي مىقدارىنىڭ 4/1 قىسمىنى جۇڭگوغا ئېكسپورت قىلىدۇ. قازاقسىتان ئۆزىنىڭ نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇپ دۇنيا بويىچە 01 - ئورۇنغا ئۆتۈشنى پىلانلىماقتا.
جۇڭگو پۇل چىقىرىپ نېفىت تۇرۇبا لىنىيەسىنى ياتقۇزۇپلا قالماي، يەنە قازاقىستاننى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان ئومۇمىي مۇساپىسى q300 غا يېتىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنى ياتقۇزماقتا. ئاسفالت يېيىتىلغان بۇ زامانىۋى تاشيول ئارقىلىق جۇڭگو ئاپتوموبىللىرى غەربىي ياۋروپاغا بارالايدۇ.
جۇڭگونىڭ تەسىر كۈچى كۈنسايىن ئاشماقتا
ئامېرىكىلىق بىر يازغۇچى ئۆزىنىڭ »دۇنيانى قانداق باشقۇرۇش كېرەك؟« دېگەن كىتابىدا مۇنداق دەپ يازغان: »بۇ تۇرۇبا لىنىيەسى، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ۋە تۆمۈريوللار خۇددى بەش بارماققا ئوخشاش جۇڭگودىن ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا قاراپ يېيىلدى. بۇ ئەھۋال رۇسىيەنى رۇسىيەنىڭ ئەنئەنىۋى تەسىر كۈچى تارقالغان ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئىبارەت بۇ رايوندا پاسسىپ ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويىدۇ«.
ئۇ يەنە مۇنداق دەپ يازغان: »رۇسىيە ئەگەر ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا ئۆز تەسىر كۈچىنى داۋاملىق ساقلاپ قالىمەن دەيدىكەن، چوقۇم ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىشى، يۇقىرىقىدەك تۈر قۇرۇلۇشلىرىغا مەبلەغ سېلىپ قاتنىشىشى كېرەك«. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلىرى ئىچىدە ئېلېكتر ۋە ئېنېرگىيە كەسپى جەھەتتە رۇسىيە ئەنئەنىۋى ئەۋزەللىككە ئىگە، لېكىن ھازىر بۇ ئەنئەنىۋى ئەۋزەللىكنى پائال قوغداش زۆرۈر. ھازىر ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر رەھبەرلىرى ئالمىشىپ تۇرىۋاتىدۇ، ئۇلار ئالدىنقى ئەۋلاد رەھبەرلەرگە ئوخشىمايدۇ، سۆزلىشىشتە قوللىنىلىدىغان تىلى ئوخشىمايدۇ، غەربكە قىزىقىدۇ، شەرقنىمۇ قولدىن بەرمەيدۇ.
قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدىن ئۈرۈمچىگە كۈندە بىر نۆۋەت ئايروپىلان قاتنايدۇ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى يېڭى ئەۋلادلارنىڭ جۇڭگو سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى توقۇنۇشىغا نىسبەتەن ھېچقانداق ئەسلىمىلىرى يوق. ئەينى چاغدا شۇ زىدىيەتلەر سەۋەبىدىن چېگرا ئېتىك ھالەتتە تۇراتتى.
قازاقىستاندىكى بىر سىياسىيون ھازىر قازاقىستاندا نۇرغۇنلىغان ياشلارنىڭ خەنزۇ تىلى ئۆگىنىۋاتقانلىقىغا، شۇنداقلا ئوقۇش ياردەم پۇلى بىلەن جۇڭگوغا ئوقۇشقا بېرىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلىپ مۇنداق دېدى: ‹ھازىر قازاقىستاندىكى نۇرغۇنلىغان ياشلار جۇڭگوغا بېرىپ تەربىيەلىنىۋاتىدۇ. ئۇلار ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ ئورتاق تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشى مۇقەررەر. رۇسىيە ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، مېنىڭچە بۇندىن كېيىن رۇسىيەنىڭ قازاقىستانغا بولغان تەسىر كۈچى سۇسلىشىپ ماڭىدۇ، چۈنكى رۇسىيەدە رىقابەت ئانچە كۈچلۈك ئەمەس›.
ھازىر قازاقىستاندا: »چەت ئەلگە چىقىمەن دېسەڭ، ئېنگلىزچە ئۆگەن، قازاقىستاندا قالىمەن دېسەڭ، خەنزۇ تىلى ئۆگەن«، دەيدىغان تەمسىل تارقالدى.
جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشى ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسىدۇر، بۇنى ھېچقانداق بىر كۈچ توسۇپ قالالمايدۇ.
ھەمبەھىرلىنىڭ