2010- يىلى 12 - ئاينىڭ 2 - كۈنى جۇڭگو ۋە قىرغىزىستان ئىككى تەرەپنىڭ ۋەكىللىرى تورغات پورتىدا جۇڭگو - قىرغىزىستان 2011 - يىللىق خەلقئارا ئاپتوموبىل تىرانسپورتى ئاپتوموبىل ھەيدەش ئىجازەتنامىسىنى تۇنجى قېتىم ئۆزئارا ئالماشتۇردى، جەمئىي 13 مىڭ 180 پارچىسى ئالماشتۇرۇلۇپ بولدى.
بۇ قېتىمقى ئىجازەتنامە ئالماشتۇرۇش 2010 - يىلى 11 - ئاينىڭ 11 - كۈنى جۇڭگو شىنجاڭ قاتناش تىرانسپورت ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرلىقى ۋەكىللىرىنىڭ قەرەللىك خىزمەت يىغىنىدا ئىمزالانغان »سۆھبەت خاتىرىسى« غا ئاساسەن ئېلىپ بېرىلدى.
سۆھبەت جەريانىدا، جۇڭگو ۋە قىرغىزىستان ئىككى تەرەپ 2011 - يىلى ئاپتوموبىل ھەيدەش ئىجازەتنامىسىنىڭ ئالماشتۇرۇلۇش سانىنى 2010 - يىلىدىكى سەۋىيەدە ساقلاشنى، يەنى A تۈردىكىدىن 180 پارچە، B تۈردىكىدىن مىڭ پارچە، C تۈردىكىدىن17 مىڭ پارچە، جەمئىي 18 مىڭ 180 پارچە ئالماشتۇرۇشنى كېڭەشتى. بۇنىڭ ئىچىدە C تۈرىدىكى ئىجازەتنامە ئىككى قېتىم ئالماشتۇرۇلىدۇ، بىرىنچى قېتىمدا 12 مىڭ پارچە ئالماشتۇرۇلدى، ئەگەر ئېھتىياج بولسا كېيىنكى قېتىملىق سۆھبەتتە 5 مىڭ پارچە تولۇقلاپ ئالماشتۇرۇلىدۇ.
ھەمبەھىرلىنىڭ