ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 2010 - يىلى شىنجاڭ پورتلىرىدىن ئېكسپورت قىلىنغان دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ مىقدارى 332 مىڭ توننا، قىممىتى 003 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولغان بولۇپ، 2009 - يىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا ئايرىم - ئايرىم ھالدا %10 تۆۋەنلىگەن ۋە %12 يۇقىرىلىغان؛ دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھەر توننىسىنىڭ ئوتتۇرىچە ئېكسپورت باھاسى 619 ئامېرىكا دوللىرى بولغان بولۇپ، %52 ئۆرلىگەن. بۇنىڭ بىلەن دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېكسپورت مىقدارى ئۆرلەش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلگەن.
بازار تەكشۈرگۈچى ئەربابلارنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، شىنجاڭ دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتىنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى تۆۋەندىكى جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدىكەن:
بىرىنچىدىن، سودىلىشىش مىقدارى تۆۋەنلەپ، ئوتتۇرىچە باھاسى يۇقىرى سەۋىيەنى ساقلاپ كەلدى. 2010 - يىلى شىنجاڭ پورتلىرىدا دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېكسپورت سودا مىقدارى ئومۇميۈزلۈك تۆۋەنلەپ كەتتى، بولۇپمۇ 5 -، 6 -، 7 - ئايلاردىكى تۆۋەنلەش نىسبەتەن كۆرۈنەرلىك بولۇپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا، ئوتتۇرىچە تۆۋەنلەش نىسبىتى %0330 تىن يۇقىرى بولدى. ئوتتۇرىچە باھاسى يۇقىرى سەۋىيەنى ساقلاپ، ھەر توننىسى 1000 ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا بولدى، بۇ باھا ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %25 يۇقىرى؛
ئىككىنچىدىن، چېگرا كىچىك سوممىلىق سودىسى بىلەن ئادەتتىكى سودا ئاساسلىق سودا شەكلى ھېسابلىنىدۇ.
ئۈچىنچىدىن، ئاساسلىق ئېكسپورت دۆلىتى قىرغىزىستان، قازاقىستان ۋە رۇسىيەدىن ئىبارەت. ئۇلارنىڭ ئېكسپورت سوممىسى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 120 مىليون ئامېرىكا دوللىرى، 110 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ۋە 40 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، شىنجاڭ چېگرا ئېغىزلىرىدىكى دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %40، %39 ۋە %13 ىنى ئىگىلەيدۇ، بۇ ئۈچ دۆلەتكە قارىتىلغان ئېكسپورت سوممىسىنى جەملىسە، شىنجاڭ پورتلىرىدىكى دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %92 ىنى ئىگىلەيدۇ.
تۆتىنچىدىن، خۇسۇسىي كارخانىلار يېتەكچى ئورۇندا بولۇپ، شىنجاڭ پورتلىرىدىكى پۈتۈن يىللىق دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %81 ى ۋە ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %75 ىنى ئىگىلەيدۇ.
بەشىنچىدىن، تورغات، ئالاتاغ، قورغاس ۋە تارباغاتاي دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتى ئېلىپ بېرىلىدىغان ئاساسلىق پورتلار بولۇپ، بۇ تۆت پورتتىكى دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورت سوممىسى شىنجاڭ پورتلىرىدىكى پۈتۈن يىللىق دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %80 ىنى ئىگىلەيدۇ.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئانالىزىغا ئاساسلانغاندا، ئۆتكەن يىلى شىنجاڭ پورتلىرىدىكى دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتىدا مىقدارى ئازىيىپ باھاسى ئۆرلەشتەك ۋەزىيەتنىڭ شەكىللىنىشىدىكى ئاساسىي سەۋەب خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن بولۇپ، شىنجاڭغا قوشنا بولغان قازاقىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ سېتىۋېلىش كۈچى بىراقلا تۆۋەنلەپ كەتكەن. گەرچە بازارنىڭ ئېھتىياجى ئىنتايىن زور بولسىمۇ، لېكىن سېتىۋېلىش كۈچى داۋاملىق ئاجىزلىماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خەلق پۇلى قىممىتىنىڭ ئېشىشى زور بېسىم ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى باھاسىنىڭ ئۆرلىشى دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتىغا بەلگىلىك دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتمەكتە. يەنە بىر مۇھىم سەۋەب شۇكى، شىنجاڭنىڭ سىرتقا يۈزلەنگەن دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى كەسپى يەنىلا باشلىنىش باسقۇچىدا تۇرماقتا، يەنى ئاساسى ئاجىز، كۆلىمى بىرقەدەر كىچىك، سودا يوللىرى بىرلا خىل، بازار رىقابەت كۈچى يېتەرسىز، بازا قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتى ئاستا، تەشكىللىنىش دەرىجىسى تۆۋەن بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر مەۋجۇت بولۇپ، شىنجاڭ دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلماقتا. شۇڭلاشقا ئۈرۈمچى تاموژنىسى بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى:
بىرىنچى، شىنجاڭنىڭ دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتىنى رىغبەتلەندۈرىدىغان ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى تېزدىن تۈزۈپ چىقىش كېرەك. شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئېكسپورتىنى راۋاجلاندۇرۇشتا زور ئۈستۈنلۈككە ئىگە، كىلىمات شارائىتى ئەۋزەل، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ تۈرلىرى كۆپ، سۈپىتى ياخشى، باھاسى ئەرزان، بۇلغىنىش دەرىجىسى تۆۋەن، ئېكسپورت بازىرىنىڭ ئىستىقبالى پارلاق. شۇڭلاشقا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن ئۈنۈملۈك بولغان ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش يولىنى ئېچىپ، بۇ دۆلەتلەرگە قارىتىلغان سودا سىياسىتى، تاموژنا ۋە باج تۈزۈمى، بازار ئېھتىياجى قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەتقىقاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، سىرتقا يۈزلەنگەن يېزا ئىگىلىكىنى يۆلەپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئالاقىدار سىياسەتلەرنى تېز ئارىدا تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، دۆلەتنىڭ ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى، تۈر مەبلىغى ۋە ئىلمىي تەتقىقات قاتارلىق جەھەتلەردە مەبلەغ سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، بازا قۇرۇلۇشى، ئۇرۇق ۋە مايسا كىرگۈزۈش، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش، مەھسۇلاتلارنى گۇۋاھلىقتىن ئۆتكۈزۈش قاتارلىق جەھەتلەردە قوشۇمچە مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش كېرەك؛
ئىككىنچى، باشلامچى كارخانا يېتىشتۈرۈپ ۋە كوزىر ماركا يارىتىپ، كەسپىي دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك. »بازا قۇرۇش، باشلامچى كارخانا يېتىشتۈرۈش، داڭلىق ماركا يارىتىش، بازارنى كېڭەيتىش« ئىدىيەسىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئوتتۇرا ۋە يۇقىرى ئورۇندىكى بازار ئېھتىياجىنى كۆزلەپ، ئەۋزەل مەھسۇلاتلارنىڭ دەرىجىسىنى تېزدىن يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، سىرتقا يۈزلەنگەن ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات قەدىمىنى تېزلىتىپ، تېرىقچىلىق بازىسى، ئامباردا ساقلاش ۋە توشۇش، تۈجۈپىلەپ پىششىقلاش ھالقىلىرىنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇپلا قالماستىن، يەنە دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى تۈجۈپىلەپ پىششىقلاش كەسىپ زەنجىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئېكسپورت قىلىنىدىغان دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ قوشۇلما قىممىتى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.
ئۈچىنچى، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورت بازىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتىنى يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. دېھقان ئائىلىسى، بازا، پىششىقلاش كارخانىسى ۋە ئېكسپورت كارخانىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەندىزىسىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورت بازىرىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن، ھۆكۈمەت تارماقلىرى بازارغا يېتەكلەش، تېخنىكا يېتەكلەش ۋە ئۇچۇر يەتكۈزۈش فۇنكسىيەسىنى كۈچەيتىپلا قالماستىن، يەنە دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتىدىكى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتىدا »يېشىل يول« ئېچىپ، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورت كارخانىلىرىنىڭ يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىپ، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتىغا بېرىلىدىغان قوشۇمچە ياردەم پۇلىنى يۇقىرىلىتىپ، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورت كارخانىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورت كارخانىلىرىنى ھەقىقىي نەپكە ئېرىشتۈرۈش كېرەك.
ھەمبەھىرلىنىڭ