كورېيە ئامېرىكا بىرلەشمە قوماندانلىق ئىشتابى 16-ئاۋغۇست مۇنداق دېدى: كورېيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ 2011-يىللىق بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى شۇ كۈنى رەسمىي باشلاندى. بۇ قېتىمقى مانېۋىر 26-ئاۋغۇستقىچە داۋاملىشىدۇ.
كورېيە ئامېرىكا بىرلەشمە قوماندانلىق ئىشتابى مۇنداق دېدى: مانېۋىر مۇداپىئەنى مەركەز قىلغان يىللىق قەرەللىك مانېۋىر بولۇپ، كورىيە ئامېرىكا بىرلەشمە قوماندانلىق ئىشتابى باشقۇرىدۇ، كومپيۇتېردا تەقلىدى ئۇرۇش قىلىدۇ.
كورېيە تاراتقۇلىرنىڭ كورىيە ئارمىيە دائىرىلىرىنىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە: مانېۋىرغا كورېيە تەرەپتىن 56 مىڭدىن كۆپرەك ئادەم قاتنىشىدىكەن، ئامېرىكا تەرەپتىن 30 مىڭدىن كۆپرەك ئادەم قاتنىشىدىكەن.