پۈتۈن دۇنيادىكى پاي بازىرى ئېغىر ئوڭۇشسۇزلىققا ئۇچرىغان، ئىقتىسات كاساتلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، «ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى»مۇ كوچىغا چىقىپ تېلەمچىلىك قىلدىمۇ قانداق؟ تەيۋەن« بىرلەشمە ئاخبارات تورى»نىڭ 9-ئاۋغۇست ئەنگلىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، يېقىندا، ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى ئېلزابىت ئاجايىپ ئوخشىپ كېتىدىغان بىر ئايال تۇيۇقسىز ئەنگلىيە بېرمېڭخام بېكىتىدە پەيدا بولغان بولۇپ، ئۇچىسىغا كونا پوپايكا كەيگەن، ئۇخلاش خالتىسىغا يۆگىنىۋالغان، قولىغا« ئەنگلىيە بەختى ئۈچۈن ئىئانە توپلايلى»دېگەن خەتلەر يېزىلغان قارا تاختاي كۆتۈرۈۋالغان ئىكەن. ئىنچىكىلەپ قارىسا، بۇ ئەسلىدە، بىر داڭلىق سەنئەتكار سىلىتسىيلىق يىلىم ئارقىلىق ياساپ چىققان يالغان ئادەم ھەيكىلى بولۇپ، مۇشۇنداق ھەيكەل ياساش ئارقىلىق « ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى»نىڭ تېلەمچىلىك قىلغان ۋاقىتتىكى ئەھۋال -ھالتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش ئىكەن، نەتىجىدا بۇ ھەيكەلنىڭ كىرىمى باشقا ھەيكەللەرنىڭكىدىن كۆپ بولغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 23 ياشلىق بۇ سەنئەتكار Lithuanian Edgar ئىككى يىل ئىلگىرى شەرقىي ياۋرۇپادىن ئەنگلىيەگە كېلىپ ئوقۇغان،Lithuanian Edgar نىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئەنگلىيەگە كېلىپ ئوقۇغاندىن كېيىن، ھەممە ئادەمنىڭ ئەنگلىيەدىكى ئىقتىسادىي كاساتچىلىق ھەققىدە مۇزاكىرە قىلىۋاتقانلىقىنى بايقىغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ « ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئەنگلىيە خان جەمەتى ۋەيران بولۇپ، ئايال پادىشاھمۇ ئۆي-چاقىسىز قېلىپ، كوچىغا چىقىپ تىلەمچىلىك قىلسا، قانداق بولۇپ كېتەر »دېگەن بىر ئەھۋالغا قىزىقىپ قالغان ئىكەن.
Lithuanian Edgar بۇ سۇئالغان جاۋاب تېپىش ئۈچۈن بىر ئايغا يېقىن ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى ئېلزابىتكە ئوخشايدىغان يالغان ئادەم ھەيكىلى ياساپ چىققان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كەسپسىز كۆچمەن ئاھالىنىڭ تۇرمۇشىغا چوڭقۇر چۆكۈپ ، ئۇلار تېلەمچىلىك قىلىدىغان ئاساسلىك سورۇنلارنى چۈشىنىپ، ئايال پادىشاھنىڭ ھەيكىلىنى قويىدىغان ئورۇننى بەلگىلەپ، ھەيكەلنى ماشىنا بېكىتى سىرتىغا قويغاندا يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان نۇرغۇن يولوچىلارنىڭ دىققىىتىنى تارتىدىكەن دەپ ئويلىغان، ئۇ يەنە ساقچىلارنىمۇ كېلىپ بۇ ھەيكەلنى « بومبا»دەپ قېلىپ ئېلىپ كەتسە قانداق قىلارمەن دەپ ئەنسىرىگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئايال پادىشاھنىڭ بۇ ھەيكىلى ئىنتايىن كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان، تەكشۈرۈش خادىملىرى كۆزلىرىگە ئىشەنمەي بۇ راستمۇ يالى يالغانمۇ دەپ ھەيكەل يېنىغا كېلىپ تۇتۇپ بېقىشقان. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ھەيكەلنىڭ ھەر سائەتتىكى كىرىمى باشقا ھەيكەللەرنىڭكىدىن يۇقىرى بولغان، چۈنكى بۇ ھەيكەل بىلەن ئايال پادىشاھنىڭ ئوخشاشلىق دەرىجىسى بەكلا يۇقىرى ئىكەن.