ئۆزبېكىستان جاز مۇزىكىسىغا قىزىل چىراق ياقتى

0 2011-08-05 15:46:18   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
    ئۆزبېكىستان تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 20- فېۋرال ئېلان قىلغان خەۋەردە ‹‹جاز مۇزىكىسى غەربتىكى رادىكال لېبىرالىزم ئىدىيەسىنىڭ مەھسۇلى، ئۇ داۋاملىق يامرىماقتا›› دېيىلدى، يەنە ئۇنىڭغا ‹‹تەلۋىلىك ۋە ئەخلاقسىزلىق›› دەپ باھا بەردى.
      ئىگىلىنىشىچە، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ بۇ قانىلى ياشلارغا خاس ئىكەن. شۇ كۈنى كەچتە بۇ قانالدا كۆرسىتىلگەن »مۇزىكا ۋە ئاپەت« ناملىق ھۆججەتلىك قىلىمدە مۇنداق دېيىلگەن: »غەربنىڭ جاز مۇزىكىسى ئۆزبېكىستان ياشلىرىغا خۇددى قارا بۇلۇتتەك ئېتىلىپ كەلمەكتە... جاز مۇزىكىسى ئالۋاستىنىڭ يەنە بىر ساداسى، ئۇنى رەزىل كۈچلەر غەرب ياشلىرىنى تەلتۆكۈس چۈشكۈنلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئىجاد قىلغان... ئەگەر كىلاسسىك مۇزىكىلار كېسەلگە داۋا بولسا، ئۇنداقتا جاز مۇزىكىسىنى دوزاخنىڭ بېلىتى، دېيىشكە بولىدۇ«.
      ئۆزبېكىستاننىڭ تېلېۋىزىيە مۇخبىرىنى تەكلىپ قىلغان بىر داڭدار ناخشىچىسى غەربنىڭ مودا مۇزىكىلىرى بىلەن دۇمباق مۇزىكىسىنى قاتتىق سۆكتى، بۇ خىل مۇزىكىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۆزبېكىستاننىڭ كىلاسسىك مۇزىكىلىرىنى تەشۋىق قىلىش تەكلىپىنى بەردى. بۇ ھۆججەتلىك فىلىم قويۇلۇشتىن بۇرۇن، ئۆزبېكىستان مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى »جىنسىي مەزمۇن قويۇق«، دەپ قارالغان ئىككى قانالنى تاقىۋەتكەنىدى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر