تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرىنىڭ قىرغىزىستاندا تۆلەشكە تېگىشلىك بولغان باج تۈرلىرى

70 2011-06-28 14:54:58   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   
T|T:خەت رەزمىرى
      تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرى قىرغىزىستاندا تىجارەت قىلغان مەزگىلدە تۆلەشكە تېگىشلىك بولغان باج تۈرلىرى تۆۋەندىكىچە:
      1. قوشۇلما قىممەت بېجى، باج نىسبىتى %20ئىمپورت ھالقىسىدىكى قوشۇلما قىممەت بېجىنى تاموژنا ۋاكالىتەن يىغىدۇ.
      2. كارخانا تاپاۋەت بېجى، باج نىسبىتى %10 يەرنى ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش ماتېرىيالى قىلغان كارخانىلارغا قارىتا يەر بېجى ئېلىنىدۇ.
      3. ئىستېمال بېجى، بۇ ئاساسلىقى يېقىلغۇ ماي مەھسۇلاتلىرى، ئىسپىرت تۈرىدىكى مەھسۇلاتلار، ئالتۇن - كۈمۈش زىننەت بۇيۇملىرى، تاماكا، ئالىي دەرىجىلىك جۇۋا تۈرىدىكى تاۋارلار قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. باج نىسبىتىنى قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى بەلگىلەيدۇ، ھەر يىلدا بىر قېتىم ئېلان قىلىنىدۇ.
      4. شەخس كىرىمىنى تەڭشەش بېجى، ئايلىق كىرىمى 650 سوم ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولغانلاردىن ئېلىنىدىغان باجنىڭ نىسبىتى %10باشقىلىرى تاپشۇرمايدۇ.
      5. ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندى، كارخانا مائاشى ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %92 ىنى كۆرسىتىدۇ. كارخانا %12 نى، شەخس %8 نى تاپشۇرىدۇ.
      6. يەر بېجى، دەرىجە پەرقى بويىچە باج ھېسابلاش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ، يەرنىڭ ئىشلىتىلىشى، جايلاشقان ئورنى، شۇنداقلا باشقا ئامىللارنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن بەلگىلىنىدۇ. كونكرېت باج نىسبىتى ۋە ھېسابلاش ئۇسۇلىنى شۇ يەرلىك‹شەھەر، رايون دەرىجىلىك› يەر باشقۇرۇش تارماقلىرىدىن مەسلىھەت سورىسا بولىدۇ.
      7. ئىمپورت - ئېكسپورت تاموژنا بېجى
      قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى بىلەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئىمزالىغان تەكرار باج ئېلىنىشتىن ساقلىنىش كېلىشىمى رەسمىي كۈچكە ئىگە بولدى. بۇ كېلىشىمگە ئاساسلانغاندا، جۇڭگونىڭ قىرغىزىستاندا مەبلەغ سالغان كارخانىلىرى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكەن دۆلەت ئىچى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تارماقلىرىنىڭ ئىسپاتىغا ئاساسەن، قىرغىزىستاندا تۇرۇشلۇق جۇڭگو تەرەپ خادىملىرىنىڭ ياشانغاندا بېقىنىش ئىجتىمائىي سۇغۇرتىسىنى تاپشۇرمىسىمۇ بولىدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر