تۈركمەنىستان سۇغۇرتىچىلىقى خەلقئارا سەۋىيەگە يېتىش ئۈچۈن تىرىشماقتا

125 2011-06-05 09:45:19   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   نەزەر
T|T:خەت رەزمىرى

تۈركمەنىستان سۇغۇرتىچىلىقى خەلقئارا سەۋىيەگە يېتىش ئۈچۈن تىرىشماقتا

      تۈركمەنىستاندىكى يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ ئەھمىيەت بېرىشى بىلەن، سۇغۇرتىچىلىق تۈركمەنىستاندا بىرقەدەر تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان يېڭى كەسىپلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.
      نۆۋەتتە، تۈركمەنىستان دۆلەتلىك سۇغۇرتا شىركىتى تۈركمەنىستاندىكى سۇغۇرتىچىلىق كەسپى ساھەسىدە ئاساسلىق ئورگان بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، مەزكۇر شىركەتنىڭ تۈركمەنىستاندىكى ھەرقايسى جايلاردا 40 قا يېقىن مۇستەقىل شۆبە شىركەتى بار، ھازىر بۇ شىركەتنى تۈركمەنىستاندىكى سۇغۇرتا كەسپىنى مونوپول قىلىۋالدى، دېيىشكە بولىدۇ. تۈركمەنىستان دۆلەتلىك سۇغۇرتا شىركىتى بازاردىكى بارلىق سۇغۇرتا تۈرلىرىنى سۇغۇرتا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش يەنى مال - مۈلۈك سۇغۇرتىسى، جىسمانىي سۇغۇرتا ۋە مەسئۇلىيەت سۇغۇرتىسى قاتارلىق سۇغۇرتىلار بىلەن تەمىنلەشتىن باشقا، يەنە خېرىدارلارغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن 40 خىلغا يېقىن سۇغۇرتىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇنىڭ ئىچىدە بەش خىل سۇغۇرتا مەجبۇرىي خاراكتېرلىق سۇغۇرتا ھېسابلىنىدۇ. ھازىر تۈركمەنىستاندا سۇغۇرتىغا ئىختىيارىي قاتنىشىدىغان خېرىدارلار تۈركمەنىستان دۆلەتلىك سۇغۇرتا شىركىتى خېرىدار ئومۇمىي سانىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىگىلەيدۇ (%95)، بۇ خېرىدارلارنىڭ كۆپىنچىسى مال - مۈلۈك سۇغۇرتىسىنى سېتىۋالغان. مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلىرىدىن قارىغاندا، 2009 - يىلى تۈركمەنىستان دۆلەتلىك سۇغۇرتا شىركىتى يىغقان مال - مۈلۈك سۇغۇرتا ئومۇمىي سوممىسى 108 مىليون 600 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بولغان.
      كۆپ يىللىق تەرەققىياتلار ئارقىلىق تۈركمەنىستان دۆلەتلىك سۇغۇرتا شىركىتى نۆۋەتتە چەت ئەللەردىكى بىر قىسىم داڭلىق سۇغۇرتا شىركەتلىرى، تەكرار سۇغۇرتا شىركەتلىرى ۋە سۇغۇرتا ۋاكالەتچى شىركەتلەر بىلەن كەسپىي جەھەتتە ھەمكارلىق ئورناتتى. بولۇپمۇ يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان، مەزكۇر شىركەت تەكرار سۇغۇرتا تۈزۈلمىلىرىدىن پائال پايدىلىنىپ، قوبۇل قىلغان سۇغۇرتىنىڭ خېيىم - خەتەر مەسئۇلىيىتىنى ياۋروپا ۋە ئاسىيا سۇغۇرتا بازارلىرىغا تارقاقلاشتۇرۇپ، ئۆزىدىكى تىجارەت خېيىم - خەتىرىنى تۆۋەنلىتىش بىلەن بىرگە، شىركەتنىڭ كەسپىي دائىرىسىنىمۇ كېڭەيتتى.
      بۇنىڭدىن باشقا، يەنە ھازىر تۈركمەنىستان يولغا قويىۋاتقان «ئېچىۋېتىش» سىياسىتى تۈركمەنىستان سۇغۇرتا كەسپىنىڭ چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنى سۇغۇرتا ئىشلىرى بىلەن تەمىنلەشكە پايدىلىق پۇرسەتلەرنى ياراتتى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر