قىرغىزىستان ئېلېكتر ئېنېرگىيە ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتى مۈشكۈل بولماقتا
قىرغىزىستان ئېلېكتر ئېنېرگىيە ئىگىلىكى مەبلىغىنىڭ يېتەرسىز بولۇشى، ئەسۋاب - ئۈسكۈنىلەرنىڭ كونىراپ كېتىشى، توك پۇلىنى نېسى قالدۇرۇش ئەھۋالىنىڭ ئېغىر بولۇشى قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، قىرغىزىستاننىڭ ئۆتكۈنچى زۇڭتۇڭى ئوۋتېنبايېۋا يېقىندا ھۆكۈمەت يىغىنى چاقىرىپ، يۇقىرىدا ئېيتىلغان مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق ھالدا مۇھاكىمە قىلدى. قىرغىزىستان ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، 2010 - يىلى 9 - ئايغا قەدەر، قىرغىزىستاندىكى ئەڭ چوڭ سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى − توقتۇگۇل سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ سۇ ساقلاش مىقدارى 19 مىليارد 500 مىليون كۇب مېتىر بولغان بولۇپ، 2009- يىلىنىڭ شۇ مەزگىلىدىكىدىن %170 ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى ياراتتى. بۇ سان سۇ ئامبىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سۇ سىغىمچانلىقىغا يېقىنلىشىپ، قىرغىزىستان بازىرىنىڭ قىش پەسىللىك توك بىلەن تەمىنلەش، ئىسسىنىش ۋە سۇ ئېلېكترىدىن پايدىلىنىپ كۆمۈرنى تېجەش قاتارلىق ئىسسىقلىق ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپلا قالماستىن، يەنە سۇ ئېلېكتر ئېنېرگىيەسىنىڭ ئېكسپورت مىقدارىنىمۇ ھەسسىلەپ ئاشۇرىدۇ. گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، لېكىن قىرغىزىستاننىڭ ئېلېكتر ئېنېرگىيە مەنبەسى ئۇزۇن مۇددەت تۆۋەن ھەق ئۆلچىمى (ھەربىر ۋات توك ھەققى 1 سومغىمۇ يەتمەيدۇ)نى ساقلاپ كەلگەچكە، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەق ئېلىش سىستېمىسىنىڭ باشقۇرۇلۇشى قالايمىقان بولغاچقا، ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش يېتەرسىز بولۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى توك ئوغرىلاش مەسىلىسى ئېغىرلىشىپ، قىرغىزىستاننىڭ ئېلېكتر ئېنېرگىيە ئىگىلىكىدە ئۇزۇن يىل زىيان كۆرۈلدى. ھازىرغا قەدەر، زىيان تارتقان سومما 662 مىليون سوم (تەخمىنەن 14 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا باراۋەر) بولۇپ، قىرغىزىستان ئېلېكتر ئېنېرگىيە مۇئەسسەسەلىرىنى ئاسراش ۋە يېڭىلاش خىراجىتى ئىنتايىن كەمچىل، كۆپلىگەن مۇئەسسەسەلەر ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50 -، 60 - يىللىرى ئىشلەپچىقىرىلغان، ئىشلىتىلىش مۇددىتى ئاللىقاچان توشۇپ بولغان، ئېلېكتر ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرىنىڭ ئۇپراش نىسبىتى يۇقىرىلاپ %87 كە يەتكەن. قىرغىزىستان ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقى بۇ ئەھۋالنى كۆزدە تۇتۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى توك ئىشلىتىش ھەققى ئۆلچىمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى تەكلىپ قىلدى ھەمدە ئەگەر داۋاملىق ھازىرقى ھەق ئۆلچىمىنى يۈرگۈزىدىغان بولسا، ئېلېكتر ئېنېرگىيە تارماقلىرىنىڭ توكنى مۇقىم تەمىنلىشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ ساھەدە داۋاملىشىۋاتقان زىيان تارتىش، كىرىم تۆۋەنلەش، ئىختىساسلىقلار ئېقىپ كېتىش مەسىلىلىرىنىمۇ ھەل قىلغىلى بولمايدۇ، دەپ قارىدى.
يۇقىرىقى ئەھۋاللارغا قارىتا، ئوۋتېنبايېۋا قىرغىزىستاننىڭ ئېلېكتر ئېنېرگىيە ئىگىلىكىنى مالىيە جەھەتتىن قوللاش توغرىسىدا يوليورۇق چۈشۈرۈپ، ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقىغا دۇنيا بانكىسى قاتارلىق خەلقئارا پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، مەزكۇر ئىگىلىككە ياردەم بېرىش سالمىقىنى كۈچەيتىشنى تاپشۇردى. ئوۋتېنبايېۋا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۇنيا بانكىسى قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى قالايمىقانچىلىق يۈز بەرگەن ئاپەت رايونىنىڭ ئېلېكتر ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرىنى قايتا قۇرۇش ئۈچۈن 35 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ياردەم بېرىشكە قوشۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يەنە قىرغىزىستان مالىيەسىدىن 10 مىليون 700 مىڭ سوم )تەخمىنەن 230 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا باراۋەر( ئاجرىتىپ، ئېلېكتر ئېنېرگىيە ئىگىلىكىنى مەخسۇس تۈر مەبلىغى ئارقىلىق قوللايمىز.