رۇسىيەنىڭ چاي مەدەنىيىتى
كىشىلەرگە مەلۇم، جۇڭگو چاي ماكانى، شۇنداقلا چاي مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى، جۇڭگولۇقلار ئۇزۇن يىللىق چاي ئىچىش تارىخىغا ئىگە. رۇسىيەلىكلەرنىڭ چاي ئىچىش تارىخى ئانچە ئۇزۇن بولمىسىمۇ، لېكىن چاي رۇسىيەنىڭ مىللىي مەدەنىيەت تارىخىدا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. رۇسىيەلىكلەر چاي ئىچىشنى ياخشى كۆرۈپلا قالماي، يەنە ئۆزلىرىنىڭ ئالاھىدە چاي مەدەنىيىتىنى ياراتتى.
تارىختا، چاي جۇڭگودىن سىبىرىيە ئارقىلىق رۇسىيەگە بىۋاسىتە كىرگەن، بۇ جەريانغا ياۋروپا ئەللىرىنىڭ مۇناسىۋىتى يوق. بەزى بىر كىتابلار ۋە قامۇسلاردا خاتىرىلىنىشىچە، رۇسىيەلىكلەر 1638 - يىلى تۇنجى قېتىم چاي بىلەن ئۇچراشقان. ئەينى چاغدا، دوستلۇق ئەلچىسى بولغان رۇسىيەلىك ئاقسۆڭەك ۋاسىلىي ستاۋاكوۋ چاررۇسىيە پادىشاھىنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەت موڭغۇل خاقانىغا قارا بۇلغۇن تېرىسىنى سوۋغا قىلغاندا موڭغۇل خاقانى بۇنىڭغا جاۋابەن تۆت پۇت (تەخمىنەن 64t ئېغىرلىقتا)چاي سوۋغا قىلغان. چاررۇسىيە پادىشاھى موڭغۇل خاقانى سوۋغا قىلغان بۇ چاينى ئىچكەندىن كېيىن، بۇ ئىچىملىكنى ياخشى كۆرۈپ قالغان، شۇنىڭ بىلەن چاي خان ئوردىسىغا، ئارقىدىن ئاقسۆڭەكلەر ئائىلىلىرىگە كىرىشكە باشلىغان. 17 - ئەسىرنىڭ 70 - يىللىرىدىن باشلاپ، رۇسىيەلىك سودىگەرلەر جۇڭگودىن چاي ئىمپورت قىلىش سودىسىنى قىلغان. چىڭ سۇلالىسىدىكى كاڭشى خانلىق مەزگىلىدە يەنى 1679 - يىللىرى جۇڭگو بىلەن رۇسىيە رۇسىيەنىڭ جۇڭگودىن ئۇزۇن مەزگىل چاي ئىمپورت قىلىش كېلىشىمىنى تۈزگەن. لېكىن جۇڭگودىن چاي ئىمپورت قىلغاندا، رۇسىيە يول يىراق، توشۇش قىيىن، مىقدارمۇ چەكلىك بولۇشتەك قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىغان. شۇڭا، 17 -، 18 - ئەسىرلەردىكى رۇسىيەدە چاي »شەھەرلىكلەر راھەتلىنىپ ئىچىدىغان ئىچىملىك« كە ئايلانغان، چاي ئىچىدىغانلارنىڭ دائىرىسىمۇ پەقەت ئاقسۆڭەكلەر ۋە پۇلدارلار بىلەن چەكلىنىپ، چاي ئىچىش بىر خىل سالاھىيەت ۋە بايلىقنىڭ سىموۋولى بولۇپ قالغان. 18 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە، چاي بازىرى موسكۋادىن كېڭىيىپ ئاز ساندىكى باشقا رايونلارغىمۇ تارقالغان. 19 - ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە بولسا چاي ئىچىش رۇسىيەنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىغىچە سىڭىپ كىرگەن.
ئەمەلىيەتتە تارىخىي ماتېرىياللاردا، رۇسىيەنىڭ تۇنجى قېتىم چاي بىلەن ئۇچراشقان ۋاقتى يۇقىرىدا سۆزلەنگەن ۋاقىتتىن ئىلگىرى يەنى 1567- يىلى، دەپ خاتىرىلەنگەن. ئەينى چاغدا جۇڭگوغا كەلگەن ئىككى نەپەر كازاك ئاتامانى پېتروۋ بىلەن يارىشېۋ شۇ چاغلاردا جۇڭگونىڭ نامىنى بىلمەيدىغان ئاز ئۇچرايدىغان بىر خىل ئىچىملىكىنى تەسۋىرلىگەن، بۇ خىل ئىچىملىك شۇ چاغلاردىلا سىبىرىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرىدا ئومۇملاشقان. لېكىن كازاك ئاتامانىنىڭ تەسۋىرى چاررۇسىيەدىكى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ دىققىتىنى تارتمىغان، شۇڭا بۇ تارىخنىمۇ كىشىلەر بىلمىگەن.
ئوخشاش بولمىغان مىللەتلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان چاي ئىچىش ئادەتلىرى بار. چاي ئىچىش شەكلىدىن قارىغاندا، جۇڭگولۇقلار يالغۇز چاينىڭ ئۆزىنىلا ھوزۇرلىنىپ ئىچىدۇ، رۇسىيەلىكلەر بولسا چاي ئىچكەندە تورت، بولكا، ھەسەل، مۇراببا ۋە باشقا تاتلىقلار بىلەن قوشۇپ ئىچىدۇ؛ ئىقتىدار جەھەتتىن قارىغاندا، جۇڭگولۇقلار مەسلىكنى يېشىش، ھارغىنلىقنى تۈگىتىش ياكى مېھمان كۈتۈشتە ئىچىدۇ، رۇسىيەلىكلەر بولسا ئۈچ ۋاق تاماقنىڭ سىرتىدىكى قوشۇمچە ئىچىملىك ياكى ئۈچ ۋاق تاماقنىڭ بىرى قاتارىدا ئىچىدۇ. ئەلۋەتتە، چاي ئىچكەچ قۇرۇق پاراڭ سالىدىغان ئىشلار بولۇپ تۇرىدۇ، رۇسىيەلىكلەر چاي ئىچىشنى بىر خىل پىكىر ئالماشتۇرىدىغان شەكىل دەپمۇ قارايدۇ، چۈنكى چاي ئىچكەچ پاراڭلاشقاندا پىكىر ئالماشتۇرۇشتىكى ئەڭ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ؛ يالغۇز ئولتۇرۇپ چاي ئىچكەندە ئۆزىگە ئويلىنىش پۇرسىتى ياراتقىلى، ئۆز ئۆزى بىلەن مۇڭداشقىلى بولىدۇ.
چاي ئىچىش تۈرىدىن قارىغاندا، جۇڭگولۇقلار كۆكچاي ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ، رۇسىيەلىكلەر پەمىلچاي ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ. قىزىقارلىقى پەمىلچاينىڭ رۇسچە ئاتىلىشى «йач йыняёч»، بولۇپ، بۇنى بىۋاسىتە تەرجىمە قىلغاندا »قاراچاي« دېگەن مەنا چىقىدۇ. بۇ چاينىڭ »قاراچاي« دەپ ئاتىلىشىدىكى سەۋەب، بىرىنچىدىن، پەمىلچاي چايغا سېلىنمىغان ۋاقىتتا رەڭگى قارا بولغانلىقى؛ ئىككىنچىدىن، رۇسىيەلىكلەر قېنىق چاي ئىچىشنى ياخشى كۆرىدىغان بولغاچقا، پەمىلچاينى قېنىق دەملىگەندە رەڭگىنىڭ قېنىق بولىدىغانلىقى. چاينىڭ تەمىدىن قارىغاندا، رۇسىيەلىكلەر تاتلىق چاي ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ، پەمىلچاي ئىچكەندە قەنت، لىمون پارچىسى ياكى سۈت قوشۇپ ئىچىدۇ. شۇڭا، رۇسىيەنىڭ چاي مەدەنىيىتىدە قەنت بىلەن چاي ئايرىلمايدۇ. كىشىلەر ساھىبخاننىڭ قىزغىن كۈتۈۋالغانلىقىغا مىننەددارلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن: »شېكەر ۋە چايلىرىڭىزغا رەخمەت«، دەيدۇ. چاي ئىچىشتىكى كونكرېتنى شەكىلدىن قارىغاندا، رۇسىيەلىكلەرنىڭ تاتلىق چاي ئىچىشىدە ئۈچ خىل شەكىل بار يەنى بىرىنچى، شېكەرنى چايغا سېلىپ قوشۇق بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىچىدۇ؛ ئىككىنچى، ئاغزىغا ئازراق شېكەر سېلىۋېلىپ شورىغاچ چاي ئىچىدۇ؛ ئۈچىنچى، شېكەرگە قاراپ تۇرۇپ چاي ئىچىدۇ، شېكەرنى يا چايغا يا ئاغزىغا سالمايدۇ، شېكەرگە قاراپ تۇرۇپ ياكى شېكەرنى ئويلاپ ئولتۇرۇپ چاي ئىچىدۇ. بۇنىڭدا بىرىنچى خىل شەكىل ئەڭ ئومۇملاشقان، ياشانغانلار ياكى دېھقانلار ئىككىنچى خىل شەكىلدە چاي ئىچىدۇ، شېكەر يوق ئەھۋالدا ئۈچىنچى خىل شەكىلدە چاي ئىچىلىدۇ، چۈنكى بۇنىڭدا چاي ئىچكۈچى شېكەرنى ئويلاپ تۇرۇپ چاي ئىچكەندە چاينىڭ شۇ تاتلىق تەمىنى تېتىغاندەك بولىدۇ.
تەكىتلەشكە ئەرزىيدىغىنى شۇكى، رۇسىيەلىكلەر يەنە شېكەر ئەمەس، بەلكى ھەسەل قوشۇلغان تاتلىق چاينى ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ. رۇسىيەنىڭ يېزىلىرىدا كىشىلەر دەملەنگەن چاينى ئىستاكان ياكى پىيالىلەرگە ئەمەس، بەلكى كىچىك چاي تەخسىلىرىگە قۇيۇپ، چاي تەخسىسىنى قولىدا تۇتۇپ ئولتۇرۇپ، چاي قوشۇقى بىلەن ھەسەلنى ئاغزىغا بىر قوشۇق سالغاندىن كېيىن، چاي تەخسىسىدىكى چاينى ئاۋاز چىقىرىپ شۈمۈرۈپ ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ، مۇشۇنداق چاي ئىچكەندە ئۇلار ئۆزلىرىنى ئىنتايىن بەختلىك ۋە راھەت - بەخىش ھېس قىلىشىدۇ، بۇ خىل چاي ئىچىش شەكلى رۇسىيەدە »تەخسىدە چاي ئىچىش« دەپ ئاتىلىدۇ. بەزىدە ھەسەلنىڭ ئورنىغا مېۋە مۇراببالىرىنى ئىچىدۇ، ئىچىش ئۇسۇلى چايغا ھەسەل قوشۇپ ئىچكەنگە ئوخشايدۇ. 18 -، 19 - ئەسىرلەردە رۇسىيە يېزىلىرىدا بۇ خىل چاي ئىچىش خېلى ئومۇملاشقان.
رۇسىيەلىكلەر چاي ئىچىشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ، رۇسچە »چاي« ئاتالغۇسىمۇ نۇرغۇن مەنالارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. رۇسىيەلىكلەر ئىچىدە «كېلىپ چاي ئىچىپ كېتىڭ» دەپ يېزىلغان تەكلىپنامىلارنى ئەۋەتىش دوستلۇقنى ئىپادىلەيدىغان بىر خىل ئەڭ ياخشى شەكىلگە ئايلانغان. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە كونا زاماندا رۇسىيەدە چاي ئىچكەندە چاي پۇلى بېرىش ئادىتى بارىدى، كېيىن بۇ ئۇسۇل ھەممە ساھەلەرگىچە تارقالدى.
جۇڭگونىڭ چاي مەدەنىيىتىدە چىنە - چەينەكلەرگە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. رۇسىيەنىڭ چاي مەدەنىيىتى ھەققىدە توختالغاندا رۇسىيەنىڭ ساماۋەرلىرىنىمۇ تىلغا ئالماي بولمايدۇ. رۇسىيەدە »ساماۋەر بولمىسا چاي ئىچكىلى بولمايدۇ«، دەيدىغان گەپ بار. كىشىلەر ساماۋەرنى «ئىۋان ئىۋانوۋىچ ساماۋەر» ياكى «ئالتۇندەك ئىۋان ئىۋانوۋىچ»، دەپ ئاتاپ، ساماۋەرگە بولغان ياخشى كۆرۈشىنى ئىپادىلەيدۇ. قەدىمكى زاماندىكى رۇسىيەدە ساماۋەر خان ئوردىسىدىن تارتىپ ئاددىي پۇقرالارنىڭ ئۆيلىرىگىچە كەم بولسا بولمايدىغان چايدان ئىدى، كىشىلەر سىرتلارغا ساياھەتكە چىققاندىمۇ ساماۋەر ئېلىۋالاتتى. رۇسىيەلىكلەر ساماۋەرنى قويۇپ چاي ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇنداق چاي ئىچىدىغان سورۇنلارمۇ كۆپ. دوست - بۇرادەرلەر بىلەن يىغىلغاندا، تونۇش - بىلىشلەر كەلگەندە، ئەتتىگەنلىك چاي ئىچكەندە، كەچتە يۇيۇنۇپ بولغاندىن كېيىن، تومۇزدىكى ئېتىز باشلىرىدا، ئۆتەڭلەردە، خۇشاللىقتىن دوستلار بىلەن تەڭ بەھرىمەن بولۇشقاندا، ئۈمىدسىزلىنىپ قايغۇرغاندا تەسەللىگە ئېھتىياجلىق بولغاندا، ئادەتتىكى كۈنلەردە، ھېيت - بايراملاردا ساماۋەردە چاي قاينىتىلىپ چاي ئىچىلىدۇ. ئاز بولمىغان رۇسىيەلىكلەرنىڭ ئۆيلىرىدە ئىككىدىن ساماۋەر بولۇپ، بۇنىڭ بىرى ئادەتتە ئىشلىتىلىدۇ، يەنە بىرى ھېيت - بايراملاردا ئىشلىتىلىدۇ. ئادەتتە ھېيت - بايراملاردا ئىشلىتىلىدىغان ساماۋەر مېھمانخانا ئۆينىڭ بىر بۇرجىكىگە مەخسۇس ساماۋەر ئۈستىلى قويۇلۇپ، شۇنىڭ ئۈستىگە قويۇلىدۇ، يەنە بەزى ئۆيلەردە بولسا ئايرىم »چايخانا« بولىدۇ. ئادەتتە ساماۋەر مىستىن ياسىلىدۇ، مىستىن ياسالغان ساماۋەرنىڭ پارقىراقلىقىنى ساقلاش ئۈچۈن خوجايىن رەخت بىلەن ئۇنىڭ ئۈستىنى يېپىپ قويىدۇ.
رۇسىيەدە ساماۋەر 18 - ئەسىرلەردە بارلىققا كەلگەن. ساماۋەر ياساش مېتال بۇيۇملارنى پىششىقلاپ ئىشلەش ھۈنەر - سەنئىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. رۇسىيەدە قايسى ۋاقىتتا تۇنجى ساماۋەرنىڭ ياسالغانلىقى توغرىسىدا ھازىرغىچە ئېنىق مەلۇمات يوق، لېكىن تارىخىي ماتېرىياللاردا خاتىرىلىنىشىچە، 1730 - يىلى ئۇرال رايونىدا سىرتقى كۆرۈنۈشى ساماۋەرگە ئوخشاپ قالىدىغان مىستىن ياسالغان ئۈزۈم ھارىقى قاينىتىش چەينىكى بارلىققا كەلگەن. 18- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرا ۋە كېيىنكى مەزگىللىرىگە كەلگەندىلا ئىشلىتىلىشى ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل ساماۋەر يەنى بىر خىلى چەينەكسىمان ساماۋەر، يەنە بىر خىلى ئوچاقسىمان ساماۋەر بارلىققا كەلگەن. چەينەكسىمان ساماۋەر ئاساسەن چاي دەملەشكە ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسسىقلىق ساقلاش ئىقتىدارى ياخشى بولغانلىقتىن ھەسەل چېيى ساتىدىغان كىچىك تىجارەتچىلەر دائىم بۇ خىل ساماۋەرنى كۆتۈرۈپ كوچا - كوچىلاردا ھەسەل چېيى ساتقان. چۈنكى بۇ خىل ساماۋەرنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا ئوتۇن ياكى كۆمۈر سالىدىغان كانايچىسى بولۇپ، چاي شۇنىڭ ئەتراپىدىكى بوشلۇقتا دەملىنىدۇ، بۇنىڭ بىلەن چاينى ئىسسىق ساقلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. ئوچاقسىمان ساماۋەرنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا ئوتۇن ياكى كۆمۈر سالىدىغان كانايچىسى بولغاندىن سىرت، يەنە ئۇنىڭ ئەتراپى ئايرىم - ئايرىم نەچچە بۆلەككە ئايرىلغان بولۇپ، بۇ خىل ساماۋەرنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسى كەڭرى. سۇ قاينىتىش ۋە چاي دەملەش ئىشلىرىنى بىرلا ۋاقىتتا ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ. «كىچىك تىپتىكى بۇ ئاشخانا» ئەينى چاغلاردا پەقەت ئائىلىلەردىلا ئەمەس، باشقا ساياھەتچىلىكتىمۇ كەڭ ئىشلىتىلگەن. مەيلى ئورمانلىق ياكى يايلاقلاردا بولسۇن، كىشىلەر پەقەت قالىغىدەك ئوتۇن تاپالىسىلا بۇ ساماۋەردە دالا تامىقى ئېتىپ، ئىسسىق چاي ئىچەلەيدۇ. 19 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە، ساماۋەر ئاساسەن ئۈچ خىل شەكىلگە مۇقىملاشقان: يەنى چەيناكسىمان ساماۋەر (قەھۋە چەينىكى دەپمۇ ئاتىلىدۇ)، ئوچاقسىمان ساماۋەر ۋە چاي قاينىتىشتا ئىشلىتىلىدىغان ساماۋەر قاتارلىقلار.
ساماۋەرنىڭ سىرتقى شەكلىمۇ ھەر خىل بولۇپ توپسىمان، چېلەكسىمان، تەشتەكسىمان، رومكىسىمان، قۇتىسىمان ۋە باشقا شەكىلدىكى ساماۋەرلەر بار.
ساماۋەر ھەققىدە توختالغان ئۇنىڭ ئىشلەپچىقىرىلغان جايىنى تىلغا ئالماي بولمايدۇ. 19 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا موسكۋادىكى پىد سىلىن ئەپەندىنىڭ زاۋۇتىدا يىلدا ئاساسەن 3000 دەك ساماۋەر ئىشلەپچىقىرىلاتتى. 19 - ئەسىرنىڭ 20 - يىللىرىغا كەلگەندە، موسكۋاغا ئانچە يىراق بولمىغان تۇرا شەھىرى ساماۋەر ئىشلەپچىقىرىدىغان بازىغا ئايلاندى. شۇ يىللاردا پەقەت تۇرا شەھىرى ۋە تۇرا ئوبلاستىدىلا مىس مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەيدىغان زاۋۇتتىن 100 نەچچىسى بارلىققا كەلدى، بۇ زاۋۇتلار ئاساسەن ساماۋەر ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللاندى. 1912- ۋە 1913 - يىللىرىغا كەلگەندە رۇسىيەنىڭ ساماۋەر ئىشلەپچىقىرىشى يۇقىرى پەللىگە يەتتى، بۇ يىللاردا تۇرادا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان ساماۋەرنىڭ سانى 660 مىڭغا يەتتى، بۇنىڭدىن رۇسىيەدە ئەينى يىللاردا ساماۋەر بازىرىنىڭ قانچىلىك چوڭ ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
رۇسىيەلىك يازغۇچى ۋە سەنئەتكارلارنىڭ ئەسەرلىرىدىنمۇ رۇسىيە ساماۋەرلىرىنىڭ تەسۋىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
ھازىرمۇ رۇسىيەلىكلەر ئائىلە تۇرمۇشىدا ساماۋەردىن ئايرىلالمايدۇ، لېكىن ھازىر ئوتتۇرىسىدا كۆمۈر ياكى ئوتۇن سالىدىغان كانايچىسى بار ساماۋەر ئەمەس، بەلكى پەقەت سۇ قاينىتىشقىلا ئىشلىتىلىدىغان توكلۇق ساماۋەرلەرنى ئىشلىتىدىغان بولدى. ئوتۇن - كۆمۈر قالايدىغان ساماۋەرلەر بولسا ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرى قاتارىدا تىزىپ قويۇلىدىغان بولدى.
لېكىن، ھېيت - بايراملاردا بۇ خىل ساماۋەرلەر جوزىلارغا قويۇلۇپ، مېھمانلار ئۇنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ ھېيت - بايراملارنىڭ پەيزىنى سۈرىدىغان بولدى، مۇشۇنداق قىلغاندىلا، رۇسلار بىر خىل بايرام تۈسىنى، شۇنداقلا كىشىلەر ئارىسىدىكى يېقىملىقنى ھېس قىلغاندەك بولىدۇ.