قىرغىزىستان مەخسۇس زەھەر چەكلەش ئورگىنى قۇرۇشنى پىلانلىدى
رۇسىيە فېدېراتسىيەسى ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي كېسەللىك دورا بۇيۇملىرى ئوبوروتى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋىكتور ئىۋانوۋ، زور مىقداردىكى زەھەرلىك بۇيۇمنىڭ قىرغىزىستان چېگرىسى ئىچىدە ئالماشتۇرۇلىدىغانلىقىنى، قىرغىزىستاننىڭ بىر مەخسۇس زەھەر چەكلەش ئورگىنى قۇرۇپ چىقىش ھەققىدىكى مەسىلىلەرنى مۇزاكىرىلىشىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
ئىۋانوۋ مۇنداق دېدى: »قىرغىزىستان بىر مەخسۇس زەھەر چەكلەش ئورگىنى قۇرۇپ چىقىش ھەققىدىكى مەسىلىلەرنى مۇزاكىرىلىشىۋاتىدۇ، بۇ خىزمەتكە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەسئۇل بولىدۇ. ھەرقانداق بىر قارار بىز ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھەممىسى قوبۇل قىلىشقا بولىدۇ. بىز بۇ جەھەتتىكى مەسىلىلەرگە مەسئۇل بولغان قىرغىزىستان دۆلىتى مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئېلىپ بارىمىز«.
ئىۋانوۋ ئافغانىستاننىڭ قىرغىزىستاندىن ئۆتىدىغان زەھەرلىك بۇيۇملىرىنىڭ مىقدارى غايەت زور، دەپ كۆرسەتتى.