ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تەرەققىياتىغا پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ
ئالمۇتا خەلقئارا ئايرودرومى 2010 - يىلى 7 - ئاينىڭ 7 - كۈنى 19- نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى تاشقى ئىقتىسادىي سودا يەرمەنكىسىدىن تولۇق مۇۋەپپەقىيەت بىلەن قايتقان قازاقىستانلىق سودىگەرلەرنى كۈتۈۋالدى. قازاقىستان مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، 2011 - يىلىدىن باشلاپ ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىنىڭ دەرىجىسىنى يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈپ «جۇڭگو - ياۋروئاسىيا كۆرگەزمىسى» قىلىپ بېكىتىلىشى ئوتتۇرا ئاسىيا تەرەققىياتىغا زور پۇرسەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ.
ئاشخانا يۈرۈشلەشكەن ئۈسكۈنىلىرى مەخسۇس تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئالمۇتالىق سودىگەر ئايگۇل مۇخبىرغا شىركىتىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىدە جۇڭگو جېجياڭدىكى بىر شىركەتنىڭ تېخنىكا جەھەتتىكى مەبلىغىگە ئېرىشكەنلىكىنى، 2011 - يىلىنىڭ بېشىدا ئالمۇتانىڭ شەھەر سىرتىدا بىر زاۋۇت قۇرۇپ، جۇڭگو تېخنىكىسى ۋە ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدىن پايدىلىنىپ، ئاشخانا ئەسلىھەلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇزۇندىن بۇيان جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى بىلەن بولغان ئىقتىسادىي سودا ھەمكارلىقىغا نەزەر سېلىپ كېلىۋاتقان ئالى − فارابى قازاقىستان مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى رايونلار ۋەزىيىتى ۋە دۇنيا ئىقتىسادى ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، پىروفېسسور ماكاشېۋا مۇخبىرغا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر ئاسەسەن ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلەتلىرى بولۇپ، مۇھىت ئالاھىدىلىكى سەۋەبىدىن سىرت بىلەن ئالاقە قىلىشتا بەلگىلىك چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ. جۇڭگودىن باشقا، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئاساسلىق سودا شېرىكى پەقەت رۇسىيەدىنلا ئىبارەت. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو ئىقتىسادى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى، نەتىجىسىمۇ ئىنتايىن كۆزگە كۆرۈنەرلىك بولدى، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى «شەرق شامىلى»لىق رولىنىڭ تەسىرىدە، ئوتتۇرا ئاسىيا ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۈچۈن «يەلكەن» بولۇپ، ئىزچىل ھالدا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر ئىقتىسادى ساھەسىنىڭ ئورتاق ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىپ كەلدى.
ئەمما، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتى بىر تاشقى ئامىل، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى يەنە بىر قىسىم تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئۆز ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك. ماكاشېۋا مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى، بولۇپمۇ قازاقىستان بىلەن قىرغىزىستان «ئىنتايىن يېقىن»، 91 - نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى ئىران، تۈركىيە، گىرىتسىيە، ھىندىستان، سىنگاپور، كورېيە، ياپونىيە قاتارلىق 19 دۆلەت ۋە جۇڭگونىڭ 20 نەچچە ئۆلكە، رايون ۋە شەھىرىدىكى كارخانا ۋە مەبلەغ سالغۇچى سودىگەرلەرنى جەلپ قىلدى، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا بۇ ئۆز مەھسۇلاتلىرى ۋە بايلىقلىرىنى كۆرگەزمە قىلىدىغان، مەبلەغ جەلپ قىلىدىغان ئەڭ ياخشى سەھنە.
ماكاشېۋا مۇنداق بىلدۈردى: ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىنىڭ دەرىجىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ساھەسى، سەۋىيەسى ۋە كۆلىمى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بايلىق مەنبەلىرىنى ئېچىش ساھەسىدە مۇئەييەن تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى. ئەمما غەيرىي بايلىق مەنبەلىرىنى ئېچىش ساھەسىنىڭ تەرەققىياتى يەنىلا ئارقىدا. ئەگەر بەش دۆلەت ھۆكۈمىتى ۋە كارخانىلىرى ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان «جۇڭگو − ياۋروئاسىيا كۆرگەزمىسى» گە قارىتا پىلانلىق، مەقسەتلىك ھالدا تەييارلىق قىلسا، تېخىمۇ كۆپ مەبلەغنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ، بايلىق ۋە غەيرىي بايلىق ساھەسىدىكى تەرەققىياتىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىق ۋەزىيىتىنى ياخشىلايدۇ.
قازاقىستاندا ئەڭ دەسلەپتە قۇرۇلغان فوند جەمئىيىتىنىڭ تەۋەلىكىدىكى دۇنيا ئىقتىسادى ۋە سىياسەت تەتقىقات ئورنىنىڭ جۇڭگو مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى مادىيېۋ مۇخبىرغا مۇنداق دەپ بىلدۈردى: شىنجاڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ھەمكارلىق شېرىكى، جۇڭگو مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنىڭ يېڭى ئىستراتېگىيەسىگە زور كۈچ بىلەن ئىلھام بېرىشى نەتىجىسىدە، شىنجاڭنىڭ خەلقئارادىكى ئورنى ۋە رولى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ، بۇ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا بىر غايەت زور تەرەققىيات پۇرسىتىدۇر. يەنە بىر نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىمۇ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي قەدىمىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قىيىنچىلىقى بار كارخانىلارغا ياردەم بېرىپ، ئىش ئورۇنلىرىنى كۆپەيتىپ، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلالايدۇ.