ساقلىۋېلىش باش بەت قىلىش
نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> ئىجتىمائىي خەۋەرلەر >>
تىجارەتچىلەردە زىيان تارتىشقىمۇ تەييارلىق بولۇشى كېرەك
يوللىغان ۋاقىت:2011-06-03 09:05:15  يازغۇچى:admin  كىلىش مەنبەسى:مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانسىسى تورى  كۆرۈش سانى:  [ توردا ئەسەر يوللاش ]
كىچىك | نورمال | چوڭ             

  

      تىجارەتتە ھېچكىم زىيان تارتىشنى خالىمايدۇ. لېكىن، بازار رىقابىتى رەھىمسىز، ئۇچۇرنىڭ تارقىلىشى تېز، ئۆزگىرىشچان سودا، تىجارەتتە بۈگۈن تىجارەتچىگە پايدا ئېلىپ كەلگەن تاۋار ئەتە زىيان كەلتۈرىدىغان ئەھۋاللار دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. تىجارەتتە پايدا ئېلىشمۇ، زىيان تارتىشمۇ بولۇپ تۇرىدۇ. مەلۇم بىر مەزگىل تىجارەتتە پايدا ئېلىپ روناق تاپقانلار يەنە مەلۇم مەزگىللەرگە كەلگەندە تىجارەتتىن زىيان تارتىشىمۇ مۇمكىن. ئەتراپىمىزغا نەزەر سېلىپ باقساق، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا تىجارەتتە باش كۆتۈرۈپ خېلى كۆپ بايلىقنىڭ ئىگىسى بولۇپ قالغان بىر قىسىم تىجارەتچىلەر 90-يىللارنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە بازار رىقابىتىدە پۇت تىرەپ تۇرالماي مال-مۈلكىدىن، دەسمايىسىدىن ئايرىلىپ قالغان. بەزىسى تارتقان زىيىنىغا چىدىماي، ئاچچىقىنى ئىچىگە يۇتۇپ، ئاخىرى روھىي كېسەلگە گىرىپتار بولغان. بۇنداق ئەھۋاللار جەمئىيەتتە خېلى كۆپ نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ. تىجارەتتە زىيان تارتقانلارنىڭ ھەممىسىدىكى ئورتاق بىر ئاجىزلىق بازار رىقابىتىگە نىسبەتەن پۇختا ئىدىيىۋى تەييارلىق يوق. ئۇلار تىجارەتتە پايدا ئالغاندا زىيان تارتىدىغان ۋاقىتلارنىڭمۇ بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغان، يىراقنى كۆرەلمىگەن. ئۇلارنىڭ زىيان تارتىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب شۇكى، ئۇلارنىڭ تىجارەت ئۇسۇلى ئاددىي، باشقۇرۇشى رەتسىز، ئالغان پايدىسىدىن چىقىمى كۆپ. پايدا ئالغاندا ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي ئىقتىسادنى بۇزۇپ چېچىپ تۈگىتىدۇ. تىجارەتتە زىيان تارتقانلىقىنى ھېس قىلغاندا ئىدىيەدە گاڭگىراپ، نېمە قىلىشنى بىلمەي خۇدىنى يوقىتىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى روھىي ئاجىزلىق بولۇپ، تىجارەتچىلەرنىڭ ئۆزىنى روھىي جەھەتتىن چېنىقتۇرۇشقا سەل قارىغانلىقىدىن بولغان.

  تىجارەت دېگەندە پايدا ئېلىشمۇ، زىيان تارتىشمۇ نورمال ھادىسە. پايدىغا ئېرىشكەندە خۇشال بولۇشنى بىلگەن ئادەم، زىيان تارتقاندا زىياننى پايدىغا ئايلاندۇرۇشنىڭ ئۇسۇل، چارىسى توغرىسىدا ئىزدىنىشنىمۇ بىلىشى كېرەك. تىجارەتتە ئويلىماي باسقان بىر قەدەم ئادەمنى زور پۇشايمانغا سالىدۇ. تىجارەتچى ناۋادا روھىي جەھەتتە ئۆزىنى چېنىقتۇرمىغان، بېسىمغا بەرداشلىق بېرىش كۈچى ئاجىز، پايدا-زىيانغا نىسبەتەن ئىدىيىۋى تەييارلىقى سۇس بولسا، تىجارەتتە روناق تاپالمايدۇ. تىجارەتتە پايدا ئېلىۋاتقانلارنى مەڭگۈ پايدا ئالىدۇ، دېگىلى بولمايدۇ. تۈنۈگۈن پايدا ئالغانلار بۈگۈن زىيان تارتىشى، بۈگۈن زىيان تارتقانلار ئەتە پايدا ئېلىشى مۇمكىن. بۇ تىجارەتچىنىڭ ئىدىيىۋى تەييارلىقىغا باغلىق.

  روھىي جەھەتتە ئۆزىنى چېنىقتۇرۇش دېگەنلىك، يۈز بەرگەن ۋە يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ھەر قانداق ئەھۋالغا نىسبەتەن ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن ئويلىنىش، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ مەسىلىلەر ئۈستىدە ئىزدىنىش، ئۇسۇل چارە تېپىش دېگەنلىك. پەقەت قورساقنى كەڭ تۇتۇپ، ئۆزىنى بېسىۋېلىپ، كېيىنكى قەدەمنى قانداق بېسىش توغرىسىدا سوغۇققانلىق بىلەن ئويلانغاندىلا، ئاندىن بازار قانۇنىيىتىنى چۈشەنگىلى، بازار رىقابىتى ۋە خىرىسقا تاقابىل تۇرغىلى، تىجارەتنى ئوڭۇشلۇق يۈرۈشتۈرگىلى بولىدۇ.

ئۇلىنىش مەنزىلى: /article/2011/0603/article_12469.html
   رەسىملىك ئۇچۇرلار
تىجارەتچىلەردە زىيان تارتىشقىمۇ تەييارلىق بولۇشى كېرەك
تىجارەتچىلەردە زىيان تارتىشقىمۇ تەييارلىق بولۇشى كېرەك
بېيجىڭدىكى «شىنجاڭ سارىيى» پۈتۈپ تىجارەت باشلىدى
بېيجىڭدىكى «شىنجاڭ سارىيى» پۈتۈپ تىجارەت باشلىدى
مىكروسوفتنىڭ تاپىنى ئاستىدا ۋاقىتسىز ئۆلگەن شىركەتلەر
مىكروسوفتنىڭ تاپىنى ئاستىدا ۋاقىتسىز ئۆلگەن شىركەتلەر
دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك زامانىۋىي ماشىنا ئۆي ئەنگلىيەدە بارلىققا كەلدى
دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك زامانىۋىي ماشىنا ئۆي ئەنگلىيەدە بارلىققا كەل...
گۇگېل كۆچمە ھەق تۆلەش سىستېمىسىنى ئېلان قىلدى
گۇگېل كۆچمە ھەق تۆلەش سىستېمىسىنى ئېلان قىلدى
پاكىستاندا يولوچىلار ئاپتوبۇسى دەريا جىلغىسىغا چۈشۈپ كېتىپ 25 ئادەم قازا قىلدى
پاكىستاندا يولوچىلار ئاپتوبۇسى دەريا جىلغىسىغا چۈشۈپ كېتىپ 25 ئاد...
ئامېرىكا پاكىستاندىن ئەسكەر چىكىندۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
ئامېرىكا پاكىستاندىن ئەسكەر چىكىندۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
مىكروسوفت CEO سى «دەرستىن چۈشۈشى» كېرەكمۇ
مىكروسوفت CEO سى «دەرستىن چۈشۈشى» كېرەكمۇ
 
 
تور بېكەت ھەققىدە  |  شىركەت ھەققىدە  |  خېرىدارلىرىمىز  ھەمكارلىشىڭ  |  ئېلان بىرىڭ  |  مۇلازىمەتلىرىمىز ئالاقىلىشىڭ  |  پىكىر بىرىڭ