cnbeta تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى خەۋىرى، گۇگېل بۈگۈن ئاخبارات ئېلان قىلىش يېغىنى ئاچقان بولۇپ، گۇگېل MasterCard ۋە Citibank بىلەن ھەمكارلىشىپ، سان فىرانسىسكو، نىيو يوركتا كۆچمە ھەق تۆلەش سىستېمىسى Google Wallet يەنى «گۇگېل ھەميانى» نى ئېلان قىلدى. مەزكۇر سىستېما بۇ يىل يازدىن باشلاپ ئىستېمالچىلارغا رەسمىي ئېچىۋېتىلىدىكەن. ئۇنىڭدىن، ئامېرىكىنىڭ باشقا جايلىرىغا كېڭەيتىلىدىكەن. گۇگېل ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفوننىڭ كەلگۈسىدە كىشىلەرنىڭ ھەميانىغا ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلدى. گۇگېل ھەميانى ئەڭ دەسلەپتە ئەقلىيفۇن ۋە Google Nexus S نى قوللايدىغان بولۇپ، ئۇنى تىجارەت شىركىتى Sprint تەمىنلىگەنىدى. ئۇمۇ پەقەت MasterCard تېرمىنالىنىلا قوللايتتى. پۈتۈن ئامېرىكا دۇكان ۋە ئاشخانا بولۇپ جەمئىي 130 مىڭ 500 دانە تېرمىنال بار بولسىمۇ، ئەمما ئەمما بۇلار ئومۇمىي تېرمىنال سانىغا قارىغاندا ئەڭ كىچىك قىسىم ھېسابلىنىدۇ.

ھەق تاپشۇرۇش سىستېمىسىنى تەمىنلەش ئارقىلىق، گۇگېل پارچە سېتىش بازىرىدىن كىرىمگە ئىگە بولالايدۇ. Groupon، دۇكان كۆرۈنمە ئېلان شىركەتلىرى ۋە شىركەت yellow pages لەر بىلەن رىقابەتلىشەلەيدىكەن. ئۇ يەنە گۇگېلنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئابونتلارنىڭ ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشىپ، تورسىز مۇھىتتىكى سېتىۋېلىش ئادىتى ئارقىلىق ئىستېمالچىلارغا تور مۇھىتىدا سېتىۋېلىش ئادىتى سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قۇرۇش قاتارلىقلارغا كۆپ ياردىمى بولىدىكەن.
Issaquah نىڭ مۇستەقىل ئانالىزچىسى Chetan Sharma مۇنۇلارنى گۇگېل ئىستېمالچىلارنىڭ ئىشىك باقارىغا ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ». بۇلتۇر گۇگېلنىڭ تىجارەت كىرىمى 29 مىليارد 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولغان بولۇپ، بۇنىڭ %96 تى ئىزدەش ئېلانىدىن كەلگەنىكەن.
گۇگېل تۆۋەندىكى پارچە سېتىش شىركەتلىرى ۋە زەنجىرسىمان ئاشخانىلار بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان:
Subway Restaurants، Macy’s Inc، ئامېرىكا بۈركۈت داڭلىق ماركىلىق كىيىم-كېچەك شىركىتى (American Eagle Outfitters). ئۇنىڭدىن باشقا ئەسلىھە تەمىنلەش شىركىتى First Data مۇ بار.
NFC (يېقىن ئەتراپتىكى ئالاقىلىشىشنى قوللاش تېخنىكىسى) نى قوللايدىغان يانفون ئارقىلىق، ئابونتلار كۆرۈنمە ئېلانلاردىن ئېتىبار بېرىش چېكىنى چۈشۈرۈۋالسا بولىدىكەن، ھەمدە سىستېما ئىستېمالچىلارنى ئەڭ يېقىن ئەتراپتىكى ئاشخانىلارغا يېتەكلىيەلەيدىكەن.
ئانالىزچى Chetan Sharma مۇنداق دېدى:«پارچە سېتىش كەسپى ھازىرلا بۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، ئاندىن بۇ پۈتكۈل ئىستېمال كەسپىگە كېڭىيىدۇ. ئۇلار يۇقىرىدا دېيىلگەندەك ھەق تۆلەش، ساياھەت ۋە كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىقلار». ئامېرىكا كۆچمە ئېتىبار بېرىش چېكى ئىستېمالى 2014-يىلى 6 مىليارد 530 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىغان بولۇپ، بۇلتۇر 370 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، Chetan Sharma نىڭ قارىشىچە، بۇلار Android نىڭ قۇبۇل قىلىنىش سۈرئىتىنى تېزلىتىدىكەن.
MasterCard نىڭ ئامېرىكا بازىرىغا مەسئۇل باش لېدىرى Chris McWilton مۇنۇلارنى بىلدۈردى:« Chris McWilton بۇرۇنلا يانفوننى سۇپىغا ئايلاندۇرۇشقا، ئۇنى نەق پۇلنىڭ ئورنىنى ئالدۇرۇشقا، پۈتۈن يەرشارىدا ھەق تۆلەش ئىمكانىيىتىنى يارىتىشقا تۇتۇش قىلغانىدى. گۇگېل بىلەن بولغان بۇ قېتىمقى ھەمكارلىقىمىز مەزكۇر ستراتىگىيىمىزنىڭ بىر قىسمى . MasterCard تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن سىستېما بەرپا قىلىپ، ھامان بىر كۈنى كۆچمە ھەق تۆلەشنىڭ يەرشارىنىڭ ھەممە يېرىدە مەۋجۇت بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ».

