|
فىرانسىيە مالىيە مىنىستىرى لاجا خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ لىدىرى سايلىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى |
يوللىغان ۋاقىت:2011-05-26 12:16:12 يازغۇچى:نادىل كىلىش مەنبەسى:www.basbas.cn كۆرۈش سانى: [ توردا ئەسەر يوللاش ] |
|

فىرانسىيە مالىيە مىنىستىرى لاجاد (Christine Lagarde) شۇ يەر ۋاقتى چاشەنبە كۈنى ئاخبارات يىغىنىدا ئۆزىنىڭ خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى لىدىرى سايلىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ ئوچۇق-ئاشكارە سايلام ئېلىپ بېرىشىنى تەشەببۇس قىلدى ۋە بۇ تەشكىلاتنىڭ يېقىندىن بويانقى خىزمىتىنى ماختىدى. خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ لىدىرى كائىن نيو-يۇرىكتىكى بىر مېھمانخانىدا، مېھمانخانىدىكى مۇلازىم قىزغا پوخورلۇق قىلدى، دەپ ئەيىپلىنىپ، تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن بويان ياۋرۇپا دۆلەتلىرى ئىزچىل ھالدا لاجادنىڭ ئەتىراپىغا ئويۇشقان. ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ بىر ئەمەلدارىنىڭ بىلدۈرىشىچە، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ لىدىرلىق سايلىمىدا، لاجاد بىرقەدەر ئاز رىقابەتكە دۇچ كېلىدىكەن. بۇ ئەمەلدار يەنە مۇنداق دېدى:« لاجاد بۇ ئورۇنغا ئەڭ ماس كېلىدىغان نامىزات. بېرلىن، لوندون، پارىژ تەرەپنىڭ ھەممىسى ئۇنى قوللايدۇ». بۇ ئەمەلدار ئۆزىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارلىمىدى. خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى لىدىرى سايلىمى تېخى ئاخىرلاشمىغان. مىكسىكا مەركىزى بانكىسىنىڭ باشلىقى كارىستىن (Augustin Carstens) سەيشەنبە كۈنى ئەتىگەن ئۆزىنىڭ بۇ سايلامغا قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. نۇرغۇن دۆلەتلەر كائىننىڭ ئورنى يېڭىدىن تەرەققىي قىلغان ئىقتىسادى گەۋدىلەرگە بېرىلگەن بىر قېتىملىق پۇرسەت، دەپ قارايدىكەن. خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى قۇرۇلغان 1945-يىلدىن بويان، فىرانسىيىنىڭ بۇ تەشكىلاتنى باشقۇرغان ۋاقتى ئاللىقاچان 35 يىلغا يەتكەن. ئەگەر لاجاد لىدىر بولۇپ سايلانسا، فىرانسىيە خام چوت مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى بارويىن (Francois Baroin) لاجادنىڭ ۋارىسى بولۇش ئىھتىماللىقى ئەڭ چوڭ. لاجادنىڭ سايلام رىقابىتىدە يەنىلا قىينچىلىق بار. چۈنكى ئۇ بۇرۇن ئۆزىنىڭ ھوقوق چەكلىمىسىدىن ئېشىپ كەتكەن، دەپ ئەيىپلەنگەن. 2007-يىلى لاجاد كىچىكتۈرۋەتكەن نۇرغۇن ئەرىزلەر نورمال قانۇنىي تەرتىپ بويىچە سوتلانمىغان. بۇ دېلودىكى ئىككى تەرەپ فىرانسىيە ھۆكۈمىتى ۋە فىرانسىيىلىك سودىگەر تاپى (Bernard Tapie). فىرانسىيىنىڭ سىياسى ساھەسىگە كىرىشتىن بۇرۇن، ھازىر 55 ياشقا كىرگەن لاجاد بولسا بىر ئادۋۇكات بولۇپ، 1981-يىلى بېيكىر مىكەنىزى (Baker & Mckenzie) خەلقئارالىق ئادۋۇكاتلىق ئورنىنىڭ فىرانسىيىدىكى تارماق ئورگىنىغا كىرگەن. 1999-يىلى بۇ ئامېرىكىدىك ئەڭ ئالىي دەرىجىلىك ئادۋۇكاتلىق ئورنىنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەن. 2004-يىلى بۇ ۋەزىپىسىنى ئاخىرلاشتۇرغان. لاجاد 2005-يىلى فىرانسىيىگە قايتىپ كېلىپ، دۆلەتلىك سودا مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى بولغان.
|
|
 |
رەسىملىك ئۇچۇرلار |
|
|
|
|