
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 26-ماي تېلىگراممىسى، ئامېرىكىنىڭ بىن ئۆلتۈرگىنىگە 1 ئاي بولاي دەپ قالدى، ئامېرىكا كولۇمبىيە كىنوچىلىقى مۇشۇ ۋەقەنى رەتلەپ چىقىپ كىنو ئىشلەيدىغانلىقىنى ھەمدە داڭلىق رېژىسور Kathryn Bigelow نىڭ يىتەكچىلىك قىلىدىغانلىقىى ئېلان قىلغان.
Kathryn Bigelow رىژىسورلۇق قىلغان«بومبا چۇۋۇش ئەترىتى»دېگەن فىلىمدە، ئىراندىكى ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ بومبا چۇۋۇش كىچىك گۇرۇپپىسى سۆزلەنگەن بولۇپ، ئۇ بۇ فىلىمى ئارقىلىق 2010-يىللىق ئوسكار ئەڭ مۇنەۋۋەر رېژىسور مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
كولۇمبىيە كىنوچىلىق شىركىتىنىڭ باش شىركىتى بولغان سونى كىنو شىركىتىنىڭ كۆرسىتىشىچە،يېڭىدىن ئىشلەنمەكچى بولغان بۇ كىنوغا «بىن لادېننى ئۆلتۈرۈش»دەپ ۋاقىتلىق ئىسىم قۇيۇلغان. ئېنىقلىنىشىچە، بۇ فىلىمگە 2008-يىلىلا تەييارلىق كۆرۈلگەن بولۇپ، مەخسۇس ھەربىي ئەترەتنىڭ بىن لادېننى ئۆلتۈرۈش جەريانى بايان قىلىنغان، بىن لادېن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، بۇ كىنونىڭ جەريان مەزمۇنى ۋە نەتىجىسى ئېنىقلاشقان، يازنىڭ ئاخىرى كۈزنىڭ باشلىنىش ۋاقتىدىن باشلاپ سۈرەتكە ئېلىش پىلانلانغان بولۇپ، 2012-يىلى تۆتىنچى پەسىلدىن باشلاپ قۇيۇلىدىكەن.