
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 25-ماي خەۋىرى، يەمەن ھۆكۈمەت ئارمىيىسى بىلەن قەبىلە قوراللىق كۈچلىرى 24-ماي پايتەخت سانانىڭ شىمالىدىكى رايوندا كەسكىن ئېتىشقان، داۋالاش ئورگانلىرى ۋە ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئاشكارىلىشىچە، توقۇنۇشتا جەمئىي 38 ئادەم قازا قىلغان.
دوختۇرخانا تەرەپنىڭ كۆرسىتىشىچە، سىياسىي قارىشى ئوخشاش بولمىغان قەبىلە باشلىقى سادىق. ئەھمەرنىڭ 24 نەپەر قوللىغۇچىسى توقۇنۇشتا قازا قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە قەبىلە مۆتىۋەرلىرىمۇ بار ئىكەن، بۇنىڭدىن باشقا 10 ئادەم يارىلانغان.
يەمەن دۆلەت خەۋپسىزلىك تورىدا تارقالغان خەۋەردە بولسا 14 نەپەر ئەسكەر قازا قىلىپ، 2 ئادەم يوقاپ كەتكەن دەپ كۆرسىتىلگەن.
سەل بۇرۇن ئېلان قىلىنغان خەۋەردە بولسا، ئەھمەرنىڭ قوللىغۇچىلىرى يەمەن زۇڭتۇڭىنىڭ قوراللىق ئەترىتى بىلەن 24-مايدىن ئىككىنچى كۈنى سەھەرگىچى ئېتىشىپ 6 ئادەم قازا قىلغان دېيىلگەن.
شۇ جاي ۋاقتى 25-ماي سەھەرگىچە، پايتەخت سانادىن بومبا ئاۋازلىرى ئۈزۈلمىگەن.