
رۇتىر ئاگېنتلىقى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىلىق تەسەۋۋۇرچى خارلود بۇ يىل 21-ماي قىيامەت قايىم بولىدۇ، دەپ پەرەز قىلغان، لېكىن 21-ماي ئۇنىڭ دېگىنىدەك بولمىغان، شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئۇنى ئەيىبلىگەن.
ئىگىلىنىشچە، خارلود «ئىجىل» دىكى سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق بۇ يىل 21-ماي قىيامەت قايىم بولىدىغانلىقىنى پەرەز قىلغان. ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى پەرەزگە ئىشىنىپ، قىيامەتنىڭ يېقىنلاپ قالغانلىقى توغرىسىدىكى تەشۋىقات ۋەرىقىنى تارقاتقان. بەزى ئامېرىكلىقلار قىيامەتتىن بۇرۇن ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرۈۋېلىش ئۈچۈن خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ، تاپقان-تەرگىنىنى خەجلەپ تۈگەتكەن. خالورد ئىلگىرى 1994-يىلىدىمۇ قىيامەت قايىم بولىدۇ، دېگەنىكەن.