مالتا ۋە فىلىپپىندا ئەر ئاياللار مەڭگۈ ئاجىراشسا بولمايدىكەن

132 2011-05-23 15:08:10   www.basbas.cn   نادىل
T|T:خەت رەزمىرى

   چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلرىنى خەۋىرىگە قارىغاندا، مالتا پات ئارىلىدا ئومومىي خەلق بېلەت تاشلاپ، ئەر-.ئاياللارنىڭ ئاجىرىشىشىغا يول قويۇش، قويماسلىقنى قارار قىلىدىكەن.
مالتا بولسا ياۋروپا ئىتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئىچىدە، ئاجىرىشىشقا يول قويمايدىغان بىردىنبىر دۆلەت بولۇپ، دۇنيادا بۇنداق تۈزۈمى بار دۆلەتتىن فىلىپپىن بىلەن مالتا ئىككىسىلا بار.
بۇ يىل 73 ياشقا كىرگەن Privitera ئەپەندى «ئاجىرىشىشقا يوق قويۇش» ھەرىكىتىنىڭ قىزغىن قوللىغۇچىسى. ئۇ 1980-يىلى  ئايالى بىلەن ئايرىلىپ تۇرغان، ئالتە يىلدىن كىيىن ھازىرقى قىز دوستى Joyce بىلەن تونۇشقان، ھازىرغا قەدەر، ئۇ Joyce بىلەن 19 يىل بىللە ياشىغان، خۇددى ئەر-خوتۇنلاردەك!
Privitera ئەپەندى مۇنداق دىگەن، مەن باشقىلارغا Joyce نى مىنىڭ ئايالىم دەپ تونۇشتۇرۇشنى شۇنداق ئارزۇ قىلىمەن، لىكىن مەن پەقەت ئۇ مىنىڭ قىز دوستۇملا دىيەلەيمەن. بۇ ناھايىتى ساختا ئىش، مەن 31 يىل ئىلگىرى مەن بىلەن بىرگە ياشىغان ئادەمنى ئايالىم دەپ، 19 يىلدىن بۇيان بىللە ياشاۋاتقان ئادىمىمنى قىز دوستۇم دىيىشنى پەقەت قوبۇل قىلالمايمەن.
مۇشۇ ھەپتىنىڭ شەنبە كۈنى (21-ماي)گە ئورۇنلاشتۇرۇلغان سايلام بۇ چوڭ ئىسلاھاتنىڭ ئىشىكىنى ئاچىدىغان موھىم ئىش ئىكەن.
مالتا خەلقىنىڭ %95 كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، ئاجىرىشىش مەسىلىسى ئىنتايىن مۇتەسسىپ بۇ جەمئىيەتتە نەچچە ئون يىل مۇزاكىرە قىلىنغان، ھەمدە ناھايىتى چوڭ بولغان تالاش-تارتىش ۋە بۆلۈنۈشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. خەۋەردە دىيىلىشىچە، بۇ جاينىڭ نوپۇسى ئاران 400 مىڭدىن ئارتۇقراق ئىكەن، ئائىلە مۇناسىۋىتىمۇ ناھايىتى مەخپى بولىدىكەن، ئۇلارمۇ مۇشۇنداق بولۇشى كېرەك دەپ قارايدىكەن. ئاجىراشماقچى بولغانلار چوقۇم بۇ دۆلەتتىن چىقىپ كەتسە، ئاندىن مەقسىتىگە يېتەلەيدىغان بولۇپ، بۇ ئاجىرىشىشنىڭ بىردىنبىر يولى ئىكەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر