بىر قەلبتىن سانسىز قەلبكە

659 2011-05-23 12:10:05   يىزا مەكتەپ پىدائىيلىرى   نەزەر
T|T:خەت رەزمىرى

بىر قەلبتىن سانسىز قەلبكە 

  يېزا مەكتەپ پىدائىلار تورى خەۋىرى: يېزا مەكتەپ پىدائىلار ئەترىتىنىڭ باشلامچىسى، تەشكىللگۈچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئىشتىن سىرتقى ۋاقتىم ئاساسەن دېگۈدەك ئاممىغا پايدىلىق خىزمەتلەر بىلەن ئۆتىدۇ. شۇ سەۋەبتىن مەن نۇرغۇن جايلارنى ئايلاندىم، بۇ ساھەدىكى شەخىسلەر بىلەن تونۇشتۇم. تەنفاڭ پىروففىسور شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى. مەن تەنفاڭ پىروففىسور بىلەن دوستۇم لىيۇڭنىڭ تونۇشتۇرۇشى ئارقىلىق ئۇچراشتىم. خۇددى نۇرغۇن كىشىلەرگە ئوخشاش مەندە بۇ «غەلىتە» پىروففىسورغا ۋە ئۇنىڭ ئىش – ئىزلىرىغا بولغان كۈچلۈك قىزىقىش بار ئىدى. ئۇنىڭ ئىسىم كارتۇشكىسىنىڭ ئۈستىدە مۇنداق يېزىلغانىدى:«جۇڭگۇ ياخشىلار تورى» نىڭ قۇرغۇچىسى، باش مۇھەررىرى، خۇانەن پىداگوكىكا ئونۋىرستىتى نەزەرىيە بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، گۇاڭدۇڭ ئالى مائارىپ ئىدىيە – سىياسى دەرسلىكى ئوقۇتۇش كومىتىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى تەنفاڭ پىروففىسور خەلق ئارىسىدىكى سالاھىتىنى مەمۇرى سالاھىتىنىڭ ئالدىغا قويغان. «جۇڭگۇ ياخشىلار تورى» ئۇ ئۆز قولى بىلەن قۇرغان ئاممىغا پايدىلىق خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تور بەت. بۇ تور بەتنىڭ قىبلىنامىسى «ياخشى ئىشنى سۆزلەش، ياخشىلارغا يادەم بېرىش، ياخشىلاردىن بولۇش». بىر پىروففىسو نېمە ئۈچۈن بۇ ئىشلارنى قىلىدۇ؟ ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتى نېمە؟ مەن شۇ خىل قىزىقىش ئىچىدە توردىن ئۇنىڭغا ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ئىزدەشكە باشلىدىم.
  تەنفاڭ پىروففىسو «جۇڭگۇ ياخشىلار تورى» نى دەسلەپتە ئوقۇتۇش ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن قۇرغان. ئۇ 20 يىلدىن ئارتۇق ئالى مەكتەپ ئىدىيىۋى تەربىيە خىزمىتى ئىشلىگەن بولۇپ، بۇ جەرياندا ئۇ قانداق قىلىپ ئوقۇغۇچىلارنى توغرا يېتەكلەش ۋە قىزىقىشىنى قوزغاش جەھەتتە كۆپ ئىزدەنگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ «جۇڭگۇ ياخشىلار تورى» نى قۇرۇپ، جانلىق ئەمەلىيەت ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى مەسىلىلەردىن ئۆزىنى قاچۇرمايدىغان قىلىپلا قالماستىن، مۇھىمى بۇ ئارقىلىق مىڭلىغان ياخشى نىيەتلىك ئادەملەرنى، جەمىئەتنىڭ ھەق – ئادالەت نۇرىنى كۆرەلىدى.  ئۇ دائىم مۇنداق دەيتتى: «مەن ئىدىيىۋى تەربىيە ئوقۇتۇشى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر ئوقۇتقۇچى. باشقىلارنى ئاقكۆڭۈل، ئالىيجاناپ قىلىپ تەربىيەلەش مېنىڭ خىزمىتىم». ئۇزۇن مەزگىللىك تەييارلىقلاردىن كېيىن 2008 – يىلى 5 – ئاينىڭ 19 – كۈنى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ۋىنچۇەندىكى ئاپەت ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈرۈۋاتقان ۋاقىتتا تەنفاڭ پىروففىسو قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، جۇڭگۇ بويىچە تۇنجى ياخشى ئىشلارنى تەشۋىق قىلىدىغان، ئاممىغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان «جۇڭگۇ ياخشىلار تورى» نى قۇرۇپ چىقتى. 2010- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە بۇ تور بەتنىڭ كۆرۈلۈش قېتىم سانى كۈنسېرى ئاشتى. چېكىلىش قېتىم سانى 450 مىڭ قېتىمدىن ئېشىپ، 10 مىڭدىن ئاتۇرق ئىنكاس قالدۇرۇلدى. بېيجىڭ، خۇنەن، خۇبېي، شىنجاڭ قاتارلىق جايلاردا 1000 ئادەمدىن ئارتۇق بولغان پىدائىلار قوشۇنىغا ئىگە بولدى. پىدائىلارنىڭ ئەڭ چوڭى 80 نەچچە ياش، ئەڭ كىچىكى 6 ياش بولۇپ، بۇ تور بەت ئىسمى – جىسمىغا لايىق «ياخشىلار باغچىسى» غا ئايلاندى. شۇنداقتىمۇ تەنفاڭ پىروففىسو قىلچىمۇ مەغرۇرلىنىپ ياكى بوشىشىپ قالمىدى. ئۇ «جۇڭگۇ ياخشىلار تورى» نى مەۋھۇم مۇنبەردىن ئاممىغا پايدىلىق ئەمەلىي ھەرىكەتكە قاراپ تەرەققى قىلدۇردى. بۇ جەرياندا «جۇڭگۇ ياخشىلار تورى پىدائىلار بىرلەشمىسى» ، « جۇڭگۇ ياخشىلار تورى فوند جەمىئىتى» ، « جۇڭگۇ ياخشىلار تورى مۇتەخەسسىلەر مەسلىھەت كومتىتى» ئارقا – ئارقىدىن قۇرۇلدى. ھازىر يەنە «ياخشىلار ساناتورىسى» ، «ياخشىلار ئائىلىسى» ، «ياخشىلار مەكتىپى» قۇرۇلۇش باسقۇچىدا تۇرماقتا.
  يۇقۇرىقىلارنى كۆرۈۋېتىپ يۈرىكىم ئېيتقۇسىز بىر خىل ھاياجاندا سوقاتتى. بۇ چاغدا قىزىقىشنىڭ ئورنىنى ھۆرمەت ۋە قايىللىق ئىگەللىدى.
  مەنمۇ ئاممىغا پايدىلىق خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بولغاچقا، بۇ خىزمەتكە ئالاقىدار ئۇچۇرلارغا ئىنتايىن سەزگۈر ئىدىم. مەن تەنفاڭ پىروففىسور بىلەن تونۇشقانلىقىمدىن، ئەتراپىمدا مۇشۇنداق ئاممىغا پايدىلىق خىزمەتنى جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەۋاتقان ھەم ئۈنۈم يارىتىۋاتقان بىر شەخىسنىڭ بارلىقىدىن خۇشاللىق ھېس قىلىمەن ھەم پەخىرلىنىمەن.
  2011 – يىلى 3 – ئاينىڭ 4 – كۈنى مەن تەنفاڭ پىروففىسورنىڭ تەكلىپى بىلەن «جۇڭگۇ ياخشىلار تورى» نىڭ 2011 – يىللىق يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن گۇاڭجۇغا باردىم. ئايرىدۇرۇمغا چۈشۈشىمگىلا تەنفاڭ پىروففىسورنىڭ ئىككى ئوقۇغۇچىسى ئالدىمغا چىقتى.  بۇ ئاسپىرانت يىگىتلەر مەن بىلەن قىزغىن كۆرۈشۈپ، مېنى خۇانەن پىداگوكىكا ئونۋىرستىتىنىڭ يۆخەي مېھمانخانىسىغا ئورۇنلاشتۇردى. ئىككى يىگىت يۈك – تاقلىرىمنى كۆتۈرۈپ، مېنى ياتاققا ئورۇنلاشتۇرۇپ شۇنچىلىك قىزغىن مۇئامىلىدە بولدى. بۇ چاغدا ئۇلار ماڭا:« سىز دېگەن يىراقتىن كەلگەن ئەزىز مېھمان، تەنفاڭ پىروففىسور بىزگە سىزنى قىزغىن كۈتۈۋېلىشىمىزنى ئالاھىدە تاپىلىغان» دېدى. بۇنى ئاڭلاپ ناھايىتى تەسىرلەندىم. مەن خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن نۇرغۇن قېتىم يىغىنلارغا بارغان، ھەر خىل كۈتۈۋېلىشلارنى باشتىن كەچۈرگەن. لېكىن بۇ قېتىمقىسى ھېچقايسىسىغا ئوخشىمايتتى.
  ئىككىنچى كۈنى بىز شۇنچىلىك قىزغىن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتۇق. مەن تەنفاڭ پىروففىسورنىڭ قىزغىن ۋە ئەتراپلىق كۈتىۋېلىشىغا تەشەككۈر ئېيتتىم، لېكىن ئۇ ئىنتايىن ئوچۇق – يورۇقلۇق بىلەن ماڭا قايتا – قايتا تۈزۈت – تەكەللۇب قىلماسلىقىمنى ئېيتتى. ئاندىن بىز ئولتۇرۇپ پاراڭلاشتۇق. ئاممىغا پايدىلىق خىزمەت ۋە شەخسى غايىمىز ھەققىدە كەڭ – كۇشادە پىكىر ئالماشتۇردۇق، ئەتراپىمىزدىكى يۈز بەرگەن ئىشلار توغرۇلۇق ئورتاقلاشتۇق. ئۇ مېنىڭ بارلىق ئىشلىرىمنى قوللايدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەنمۇ ئۇنىڭ خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچۈم بىلەن قوللايدىغانلىقىمنى، شۇنداقلا قايىللىق بىلەن ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىمنى بىلدۈردۈم.
  ئۇزۇن ئۆتمەي يىللىق يىغىنمۇ باشلاندى. يىغىنغا كەلگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئالى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى بولۇپ، يەنە ماڭا ئوخشاش ئاممىغا پايدىلىق خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەرمۇ بار ئىدى. يىغىن جەريانىدا تەنفاڭ پىروففىسور بىزگە «جۇڭگۇ ياخشىلار تورى» نىڭ قۇرۇلۇش جەريانىدىكى بىر قىسىم ئىشلارنى ھېكايە قىلىپ بەردى. ئۇنىڭ جانلىق ۋە قىزىقارلىق نۇتقى كۆپچىلىكنىڭ كەيپىياتىنى يۇقۇرى دولقۇنغا كۆتۈردى، ئۇلاپلا تەنفاڭ پىروففىسور مېنى سۆزگە تەكلىپ قىلدى. پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن شۇنچە كۆپ پىروففىسور، مۇتەخەسىس ۋە پىدائىلارنىڭ ئالدىدا سۆزگە چىققىنىمدىن ھاياجانلىنىش بىلەن بىرگە يەنە بىر ئاز جىددىيلەشتىم. مەن سۆزگە چىققاندىن كېيىن بارلىق يىغىن ئەھلىگە بىزنىڭ شىنجاڭدىكى يېزا مەكتەپ پىدائىلار ئەترىتىنىڭ ئاساسلىق ئەھۋالى، پىرىنسىپى ۋە پائالىيەتلىرىنى تونۇشتۇردۇم. بايانلىرىم يىغىن ئەھلى ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلدى. سۆزۈمنىڭ ئاخىرىدا مەن كۆپچىلىكنى ئاممىغا پايدىلىق مائارىپنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش پائالىيىتىگە قاتنىشىشنى تەشەببۇس قىلدىم. بۇ تەشەببۇسۇم كۆپچىلىكنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ئېرىشتى.
  يىغىندا مەن يەنە ئىككى نەپەر قان تەقدىم قىلغۇچى قەھرىمان بىلەن تونۇشتۇم. بىرى  خۇنەن ئۆلكىسى لۇدى شەھرى شەنشىڭ شىركىتى سىنىك زاۋۇتىنىڭ قوغداش خادىمى لى خوڭخۇا. يەنە بىرى جۇڭگۇ بانكىسى شاڭخەي تارماق بانكىسى پارتىگۇرۇپىسىنىڭ پىنسىيەگە چىققان شۇجىسى خوڭ شۆيەن. ئۇلار ئۆزىنىڭ ئىسسىق قېنى بەدىلىگە نۇرغۇنلىغان ئائىلىلەرگە ئىللىقلىق ئاتا قىلغانىكەن. مەن يىغىن جەريانىدا يەنە نۇرغۇن شەخىسلەر بىلەن تونۇشۇپ، بۇندىن كېيىنكى خىزمىتىمىز، پىدائىلار خىزمىتىنى تېخىمۇ ئەتراپلىق، ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئاساس تىكلىدىم.
  كۆزنى يۇمۇپ – ئاچقۇچە مېنىڭ گۇاڭجۇ سەپىرىممۇ ئاخىرلىشىش ئالدىدا تۇراتتى.
  ئەتىگەن سائەت يەتتىدە تەنفاڭ پىروففىسور مېنى ئۇزىتىپ چىقتى. ئۇ مېنىڭ ئايرىدۇرۇمغا ماشىنا توسۇپ قايتاي دەپ چىڭ تۇرىۋالغىنىمغا قارىماي، ئۆزى ماشىنىسى بىلەن مېنى ئايرىدورۇمغا ئاپىرىپ قويدى. يول ئۈستىدە بىز يەنە پاراڭلىشىپ ماڭدۇق. ئاممىغا پايدىلىق خىزمەت بىزنىڭ ئاساسلىق پاراڭ تېمىمىز بولۇپ، بىزنىڭ ئوتتۇرىمىزدىكى بۇ سۆھبەت ئاخىرلىشىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. ماشىنا ناھايىتى تېزلا ئايرىدۇرۇمغا يېتىپ كەلدى. تەنفاڭ پىروففىسور سائىتىگە قارىدى، ۋاقىت تېخى بالدۇر ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ كۆرۈشمىكىمىز ئاسان بولمىغاچقا يەنە بىردەم پاراڭلاشماقچى بولدۇق. تەنفاڭ پىروففىسور ماشىنىسىنى ئايرىدۇرۇمغا يېقىن جايدىكى ئەپلىك جايغا توختاتتى، بىز قىزغىن سۆھبىتىمىزنى يەنە باشلىۋەتتۇق.
بىز ئېسىمىزنى يىغىپ سائەتكە قارىغىنىمىزدا ئايرۇپىلان قوزغىلىدىغانغا پەقەت 40 مىنۇتلا ۋاقىت قالغانىكەن. بۇ چاغدا بىز ئالدىراپلا ئايرىدۇرۇمغا كىرىپ ئايرۇپىلانغا چىقىش رەسمىيىتى ئۆتىمەكچى بولدۇق. لېكىن خىزمەتچى خادىم بىزگە تىزىملاش سېستىمىسىنىڭ ئابدۇماتىك ئىتىۋېتىلگەنلىكىنى ئېيتتى. ئەسلىدە ئايرۇپىلان قوزغىلىشتىن 45 مىنۇت بۇرۇن تىزىملاش سېستىمىسى تاقىلىدىكەن. لېكىن مەن خىيالىمدا 30 مىنۇت بۇرۇن تاقىلىدۇ دەپ ئويلىغانىدىم. بېلىتىمگە قاراپ جىددىيلىشىشكە باشلىدىم. مېنىڭ بېلىتىم قايتۇرغىلى ياكى ئالماشتۇرغىلى بولمايدىغان ئېتىبار باھالىق بېلەت ئىدى. بۇ چاغدا تەنفاڭ پىروففىسور يۈگۈرەپ دېگۈدەك مۇناسىۋەتلىك خادىملارغا ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ مېنى ئايرۇپىلانغا چىقىرىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتاتتى. «سەۋەب قىلساڭ سېۋەتتە سۇ توختايدۇ» دېگەندەك، يەر يۈزىدىكى خىزمەتچى خادىملار ۋە ئايرۇپىلان خادىملىرى ئالاقىلىشىپ ئەھۋالنى چۈشەندۈرگەندىن كېيىن، ئاخىرى مېنى ئايرۇپىلانغا چىقىشقا رۇخسەت قىلدى. تەنفاڭ پىروففىسور ئايرۇدۇرۇمنىڭ كۈتۈش زالىدا قوللىرىنى پۇلاڭلىتىپ مەن بىلەن خوشلاشتى. ئۇنىڭ ھاۋاغا كۆتۈرگەن قولى ماڭا خۇددى:«ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ، چوقۇم غەيرەتلىك بولۇپ ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرۇڭ...» دەۋاتقاندەك قىلاتتى. مەن چۈشەندىم، تەنفاڭ پىروففىسورمۇ چۈشەندى.
  بىز ئاممىغا پايدىلىق خىزمەت يولىدا تونۇشتۇق، چۈشىنىشتۇق، قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلاشتۇق. ئىشىنىمىزكى ئەتىمىز تېخىمۇ ئۈمىدلىك، تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ. 
 
                                       تەرجىمان: ياقۇپجان ياسىن
 

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر