10 نەچچە ياشلىق قىز ئۆزىنىڭ سۆيگۈسىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، قولىنى كېسىۋالدى. ئەجىبا بۇ دۇنيادا ھەقىقىي سۆيگۈنى ئىپادىلەپ بەرگۈدەك باشقا نەرسە قالمىدىمۇ؟ سۆيگۈ ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىش، قوللىرىنى كېسىپ قانغا بوياش، قولىغا سۆيگىنىنىڭ ئىسمىنى ياكى ئىسمىنىڭ باش ھەرىپىنى ئويۇۋىلىش..... مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋاللار تېخى قۇرامىغا يەتمەي تۇرۇپ مۇھەببەتلەشكەن قىز-يىگىتلەردە كۆپ كۆرۈلمەكتە. بۇلارنى قانداق قىلىپ توغرا يولغا يىتەكلەش كېرەك؟ ئاتا-ئانا، جەمئىيەت، مەكتەپ ئۇلارغا كۆپرەك تەلىم-تەربىيە ئىشلەپ، تېخى ئېغىزىدىن سۈت پۇراپ تۇرغان، ئەمما بالدۇرلا مۇھەببەت قاينىمىغا كىرىپ ئېزىپ كېتىۋاتقان سەبىيلەرنى بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ تۇيۇق يولدىن توسۇپ قالايلى!؟