12-13 ياشلاردىكى ئىككى ئۆسمۈر ساۋاقدىشىدىن 500 يۈەن قەرز ئالدى. پۇلنى قايتۇرماسلىق ئۈچۈن كىنولاردىكى گۇخوزەينى دوراپپالتا، بولقا بىلەن ساۋاقدىشىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتتى. ئۆلگۈچى ناھەق ئۆلگەن بولۇپ، ھەقىقەتەن ئىچىنىشلىق ئۆلگەن ئىدى. بۇ چاڭخېڭ ناھىيىسىدىكى مەكتەپتە يۈز بەرگەن تىراگىدىيە.بۇنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ھەقىقەتەن ئادەمنى ئويغا سالاتتى.
ئۆسمۈرنېمە سەۋەپتىن مەكتەپ ھاجەتخانىسىدا ئېچىنىشلىق ھالدا ئۆلۈپ قالدى؟
5- ئاينىڭ 8- كۈنى ئانىلار بايرىمى. بۇ بىر ئىللىقلىقا تولغان كۈن. بىراق چاڭخېڭ ناھىيىسىدىكى تيەن ئەپەندى قاتتىق ئازاپ ئىچىدە قالدى.2011- يىلى 5- ئاينىڭ 4- كۈنى 12 ياشلىق ئوغۇل مەكتەپ ھاجەتخانىسىدا 500 يۈەن پۇل ئۈچۈن ئېچىنىشلىق ئۆلتۈرۈلگەن. بۇ ئىش توردا قىزغىن مۇنازىرە قوزغىدى.
قەرز ئۈچۈن ئىككى ئۆسمۈر ساۋاقدىشىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى
قازا قىلغان بالىنىڭ ئىسىمى تيەنتيەن . ئاپىسى بۇ ئىشنى ئاڭلاپ ھازىرغىچە دوختۇرخانىدا ئىكەن. ئۆيدىكى 80 ياشلىق مومىسى ئۇنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى تېخى بىلمەيدىكەن. تيەنتيەن تولۇقسىز بىرىنچى يىللىق ئوقۇغۇچىسى بولۇپ،ئۇ جاڭ** ۋە چېڭ** بىلەن بىر سىنپتا ئوقۇيدىكەن. جاڭ** بىلەن چېڭ** نىڭ ئادەتتىكى نەتىجىسىمۇ
ناچار بولۇپ، ئائىلە شارائىتىمۇ ياخشى ئەمەس ئىكەن. ئۇلار كۆپ قېتىم تيەنتيەندىن پۇل قەرز ئېلىپ، جەمئىي 500 يۈەن بولغان. تيەنتيەن دائىم قەرزنى سۈيلىگەن.5- ئاينىڭ 4- كۈنى، ئەتىگەنلىك مۇزاكىرە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۇلار تيەنتيەننى مەكتەپ بىرىنچى قەۋەتتىكى ھاجەتخانىغا باشلاپ كىرىپ،تەييارلىقسىز تۇرغان تيەنتيەننىڭ بېشىغا بولقا ۋە پالتا بىلەن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن. دوختۇرلارنىڭ بېكىتىشىگە قارىغاندا، باش سۆڭىكى سۇنغان، قان كۆپ چىقىپ كەتكەن. ئىككى بالا قاتىل ئىنتايىن تېزلا تۇتۇلدى.ئۇلار قەرز قايتۇرماسلىق ئۈچۈن ساۋاقدىشىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن ئىكەن.چاڭخېڭ ناھيىلىك ج خ ئىدارىسىدىن ئىسمىنى ئاشكارلاشنى خالىمىغان بىر ساقچى بۇ ئۆسمۈرلەنىڭ قاتىللىق دېلوسىنىڭ راستلىقىنى مۇخبىرغا ئىسپات كۆرسىتىپ بەردى. مەكتەپنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلىنىڭ دېيىشىچە،ئۇلار يارىلانغۇچىنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى بىلەن تۆلەم مەسىلىسىنى كېلىشىۋاتىدىكەن.