26–ئاپرېل سەھەردە ، قۇم قاچىلانغان بىر يۈك ئاپتوموبىلى بېيجىڭ شەھىرى فىڭتەي رايونىدىكى شىليۇجۇاڭ يولىدا كېتىۋاتقاندا ، يول يۈزى تۇيۇقسىز ئولتۇرۇشۇپ كېتىپ ، 15 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى ئازگال ھاسىل بولۇپ ، يۈك ئاپتوموبىلى چۈشۈپ كەتكەن ، بەختكە يارىشا ئاپتوموبىلدىكى ئىككى ئادەم ئەتراپتىكى كىشىلەر تەرىپىدىن قۇتۇلدۇرۇۋېلىنغان .
ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن يەر ، بېيجىڭ شەھىرى فىتەي رايونى شىليۇجۇاڭ يولىدىكى نەنلى ئولتۇراق رايونى شىمالىي قوۋۇقىنىڭ ئالدى تەرىپىدە بولۇپ ، نۆۋەتتە قۇرۇلۇش قىلىۋاتقان مېترو 10 لىنىيەنسىنىڭ ئىككىنچى قارارلىق قۇرۇلۇشىنىڭ شىليۇجۇاڭ بېكىتىگە 200 مېتىر كېلىدىكەن .نەق مەيداندىكى ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن ، ۋەقەگە ئۇچرىغان ئاپتوموبىلنى جايىغىلا كۆمۈپ قويۇش قارار قىلىنغان .