تاجىكىستاننىڭ جەنۇبىدىكى رايونلار ئاشلىق ۋە بەرەڭگە ئېكسپورتىنى مەنئىي قىلدى
تاجىكىستان رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تاجىكىستاننىڭ جەنۇبىدىكى خاتلون ئوبلاستلىق ھۆكۈمىتى 2011 - يىلى ئەتىيازدىن ئىلگىرى ئافغانىستان ۋە ئۆزبېكىستانغا ئاشلىق ۋە بەرەڭگە ئېكسپورت قىلىشنى مەنئىي قىلدى. بۇ قارار رۇسىيەنىڭ ئاشلىق ئېكسپورت قىلىشنى مەنئىي قىلىدىغانلىقىغا قارىتا قايتۇرۇلغان ئىنكاستۇر. چۈنكى رۇسىيەنىڭ ئاشلىق ئېكسپورتىنى مەنئىي قىلىشى تاجىكىستانغا ئېغىر تەسىر ئېلىپ كەلگەنىدى.
تاجىكىستاننىڭ ئافغانىستان ۋە ئۆزبېكىستانغا قارىتىلغان ئاشلىق ۋە بەرەڭگە ئېكسپورتى ئادەتتە خاتلون ئوبلاستى ئارقىلىق بىۋاسىتە ئېلىپ بېرىلىدۇ. خاتلون ئوبلاستلىق يېزا ئىگىلىك نازارىتىنىڭ نازىرى توگتېكىن.سوكىكوۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تاجىكىستاننىڭ 2009 - يىللىق ئاشلىق مەھسۇلات مىقدارى 1 مىليون توننا بولۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى يىللىق ئىستېمال ئېھتىياجىنىڭ %60 ىنى ئىگىلەيدۇ. 2010 - يىلىدىكى ئاشلىق مەھسۇلات مىقدارى ئازىيىپ كەتكەنلىكتىن، دۆلەت ئىچى يېمەكلىك باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئاشلىق ئېكسپورتىنى توختىتىش زۆرۈر. نۆۋەتتە، تاجىكىستاننىڭ دۆلەت ئىچىدىكى بۇغداي باھاسى 2009 - يىلىدىكىگە قارىغاندا 2 ھەسسە ئۆرلەپ، ھەر كىلوگىرامى تەخمىنەن 30 سېنتقا يەتتى.