تۈركمەنىستان قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ئىشلەپچىقىرىشىنى كېڭەيتتى
يېقىندا تۈركمەنىستان قۇرۇلۇش سانائىتى ۋە ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى تەرەققىيات مەسىلىسى ھەققىدە خىزمەت يىغىنى ئاچتى، يىغىندا زۇڭتۇڭ دۆلەت ئىچىدىكى قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ئىشلەپچىقىرىشىنى كېڭەيتىشنى تەلەپ قىلدى. زۇڭتۇڭنىڭ بۇ تەلىپىگە ئاساسەن، تۈركمەنىستان ئەينەك سېغىز توپا ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتە چوڭ تىپتىكى زاۋۇت قۇرۇش، دۆلەت ئىچىدىكى سېمونت زاۋۇتلىرىنى رېمونت قىلىش ۋە سېغىز توپا ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتىنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇش قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى ئالدىنقى ۋەزىپە قىلىپ بېكىتتى.
زۇڭتۇڭ يەنە، قۇرۇلۇش تارماقلىرىدىكى رەھبەرلەرنىڭ بەزى چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش كارخانىلىرىنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇشىنى، قۇرۇلۇش ئىشلىرىدا تۈركمەنىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنى كۆپرەك ئىشلىتىش، تۈركمەنىستان رۇدىچىلىق كارخانىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنى ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلىش بىلەن بىرگە يەنە، مېتالچىلىق زاۋۇتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سۈرئىتىنى تېزلىتىشنى، مەھسۇلاتقا بولغان ئېھتىياجنىڭ مۇقىم ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى، شۇنداقلا دۆلەت ئىچىدىكى قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىغا بولغان ئېھتىياجنى قاندۇرۇشقا قەدەممۇ - قەدەم كەپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.