تاجىكىستان تاماكا مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش ۋە ئىستېمال قىلىشنى مەنئىي قىلدى

112 2011-04-10 10:49:13   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   نەزەر
T|T:خەت رەزمىرى

تاجىكىستان تاماكا مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش ۋە ئىستېمال قىلىشنى مەنئىي قىلدى

      يېقىندا ئېچىلغان تاجىكىستان ھۆكۈمەت سۆھبەت يىغىنىدا »تاماكا مەھسۇلاتلىرى ئىستېمالىنى چەكلەش« توغرىسىدىكى قانۇن لايىھەسى ماقۇللاندى. بۇ يەردە ئېيتىلىۋاتقان تاماكا مەھسۇلاتلىرى پاپىروس، سىگارېت، موخوركا، ناس (يېنىك تىپتىكى ناركوز دورىسى بولۇپ، چايناپ ئىستېمال قىلىنىدىغان تاماكا) قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، مەزكۇر قانۇن لايىھەسى زۇڭتۇڭ ۋە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ تەتقىقات ئېلىپ بېرىشى ۋە ئانالىز قىلىشى ئارقىلىق ماقۇللاندى ھەمدە 2011 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىندى.
      قانۇن لايىھەسىدە مۇنۇلار بەلگىلەندى: دۆلەت ئورگانلىرى ۋە تەشكىلات بىنالىرى ئىچىدە تاماكا مەھسۇلاتلىرىنى ئىستېمال قىلىش ۋە سېتىش مەنئىي قىلىنىدۇ؛ مائارىپ ئورگانلىرى ۋە داۋالاش تارماقلىرىنىڭ بىنالىرى ئىچىدە تاماكا چېكىش مەنئىي قىلىنىدۇ؛ ئاممىۋى سورۇنلاردا، مەسىلەن تەنتەربىيە سارىيى، ۋوگزال، ئايروپورت، تىرانسپورت ئورۇنلىرىدا تاماكا چېكىش مەنئىي قىلىنىدۇ. شۇنى تەكىتلەشكە توغرا كېلىدۇكى، يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن ئورۇنلاردا تاماكا مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش مەنئىي قىلىنىدۇ. ئەمما تاماكا چەككۈچىلەر ئۈچۈن مەخسۇس تاماكا چېكىش ئورنى تەسىس قىلىنىدۇ. قانۇن لايىھەسىدىكى بەلگىلىمىلەردە كۆرسىتىلىشىچە، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا جەرىمانە قويۇلىدۇ، ئادەتتە گراژدانلار ۋە تەبىئىي شەخسلەرگە 118-48 ئامېرىكا دوللىرى، قانۇنىي ئىگىلەرگە ئەڭ كۆپ بولغاندا 2360 ئامېرىكا دوللىرى جەرىمانە قويۇلىدۇ.
      ھۆكۈمەت يىغىنىدا بۇ قانۇن لايىھەسى توغرىسىدا كېڭەش ئېلىپ بېرىلغاندا، تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمانوۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ تەدبىرنى قوللىنىشتىن مەقسەت، ئاساسلىقى ئاھالىلارنىڭ بولۇپمۇ ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان يېڭى بىر ئەۋلاتلارنىڭ تەن ساغلاملىقىنى ئاسراش ئۈچۈندۇر.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر