شىنجاڭدا جۇڭگو - ياۋروئاسىيا كۆرگەزمىسىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى ئومۇميۈزلۈك باشلاندى

86 2011-04-05 10:59:20   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   نەزەر
T|T:خەت رەزمىرى

شىنجاڭدا جۇڭگو - ياۋروئاسىيا كۆرگەزمىسىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى ئومۇميۈزلۈك باشلاندى

      2010 - يىلى 9 - ئاينىڭ 5 - كۈنى رەسمىي ئاياغلاشقان ئۈرۈمچى تاشقى ئىقتىسادىي سودا يەرمەنكىسى 2011 - يىلى جۇڭگو - ياۋروئاسىيا كۆرگەزمىسى قىلىپ بېكىتىلىدۇ. نۆۋەتتە، شىنجاڭدا ئاللىبۇرۇن جۇڭگو - ياۋروئاسىيا كۆرگەزمىسىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى ئومۇميۈزلۈك باشلانغان بولۇپ، شىنجاڭ تېخىمۇ خەلقئارالاشقان، زامانىۋىلاشقان، كەسىپلەشكەن جۇڭگو - ياۋروئاسىيا كۆرگەزمىسىنى دۆلىتىمىزنىڭ سىرتقا قارىتا ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ھەرقايسى ئۆلكە، رايون، شەھەرلەر بىلەن، شۇنداقلا ئوتتۇرا - غەربىي - جەنۇبىي ئاسىيا ۋە ياۋروپا قىتئەسىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىقتىسادىي سودا، پەن - تېخنىكا، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدىغان يېپيېڭى مۇنبەرنى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشماقتا.
      شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى نۇر بەكرى مۇنداق دېدى: جۇڭگو - ياۋروئاسىيا كۆرگەزمىسى يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ دۆلىتىمىزنىڭ چېگرا بويىنى ئېچىۋېتىش ۋە غەربنى ئېچىۋېتىش قەدىمىنى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا كېڭەيتىش خىزمەتلىرىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشنى غەربنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئىستېھكامى قىلىپ، شىنجاڭدا دەۋر ھالقىش خاراكتېرلىك تەرەققىيات ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىدىغان بىر تۈرلۈك مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تەدبىردۇر.
      نۇر بەكرى يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو - ياۋروئاسىيا كۆرگەزمىسى شىنجاڭ بىلەن دۆلىتىمىزنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى تەرەققىي قىلغان ئۆلكە، رايون ۋە شەھەرلەرنىڭ ئىقتىسادىي ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق؛ شىنجاڭنىڭ ياۋروئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقى كۆۋرۈكىدىكى تۈگۈنلۈك رولىنى كۈچەيتىشكە، شۇنداقلا ئۇنىڭ ياۋروئاسىيانى تۇتاشتۇرىدىغان سودا ئەشيا ئوبوروت مەركىزى بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تىرىشىپ شىنجاڭنى دۆلىتىمىزنىڭ ئىشىكنى سىرتقا قارىتا ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم دەرۋازا قىلىپ چىقىشقا پايدىلىق؛ دۆلىتىمىز بىلەن ئوتتۇرا غەربىي جەنۇبىي ئاسىيا ۋە ياۋروپا قىتئەسىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ھەر تەرەپلىمىلىك، كۆپ ساھەلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ قۇرۇقلۇقتا ئىشىكنى ئېچىۋېتىش ۋە دېڭىز بويى رايونلىرىنى ئېچىۋېتىشتەك سىرتقا قارىتا ئېچىۋېتىش يېڭى ۋەزىيىتىنىڭ شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق.
      مۇخبىر مۇنۇلارنى ئىگىلىدى: ھازىرقى جۇڭگو - ياۋروئاسىيا كۆرگەزمىسى بولسا بىر تۈرلۈك دۆلەت دەرىجىلىك، يۇقىرى ئۆلچەملىك چوڭ تىپتىكى خەلقئارالىق كۆرگەزمە. شىنجاڭ بۇنىڭ ئۈچۈن خەلقئارالىق چوڭ كۆرگەزمە مەركىزىنى قۇرۇپ چىقىپ، بۇ تەنتەنىلىك يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن ئەۋزەل شارائىت ھازىرلىدى. شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىنىڭ كۆرگەزمە زالىدىكى كۆرگەزمە ئورنىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 45 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا يېتىدىغان بولۇپ، خەلقئارا ئۆلچەمدىكى كۆرگەزمە ئورنىدىن 3000 ىنى ئورۇنلاشتۇرغىلى بولىدۇ؛ زال سىرتىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان كۆرگەزمە مەيدانىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 50 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىرغا يېتىدۇ، خەلقئارا يىغىن مەركىزى ۋە بىر يۇلتۇز دەرىجىلىك مېھمانخانا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرا غەربىي - جەنۇبىي ئاسىياغا يۈزلەنگەن خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزى ۋە خەلقئارا يىغىن مەركىزىدۇر. شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىنىڭ بىرىنچى قارارلىق قۇرۇلۇشى بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا ئاساسىي جەھەتتىن تاماملىنىدۇ، 2011 - يىلى 5 - ئايدا سىناق دەرىجىدە يۈرگۈزۈلىدۇ. بىرىنچى قارارلىق تۈر قۇرۇلۇپ بولغان ھامان، ئىككىنچى قارارلىق تۈر قۇرۇلۇشى باشلىنىدۇ.
      بۇ يىل جۇڭگو - ياۋروئاسىيا كۆرگەزمىسى تەكلىپ قىلغان كۆرگەزمە ۋە يىغىن قاتناشچىلىرى تەخمىنەن 50 مىڭ ئادەمگە يېتىشى مۆلچەرلەنمەكتە. بۇنىڭ ئىچىدە چەت ئەللىك سودىگەرلەر 10 مىڭغا يېتىدىكەن. شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھەرقايسى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ئاۋۋال قول سېلىپ، تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلامدىكى دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى مېھمانلار ۋە دۇنياغا داڭلىق 500 كۈچلۈك كارخانىنىڭ سەييارە سودىگەرلىرىنى تەكلىپ قىلدى. جۇڭگو - ياۋروئاسىيا كۆرگەزمىسى يەنە شىنجاڭنى رايون خاراكتېرلىك خەلقئارا سودا مەركىزى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشتىكى مۇھىم مۇنبەر، شىنجاڭنى ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم ۋاسىتە ۋە كۆزنەك قىلىپ چىقىش ئۈچۈن خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ۋە خەلقئارالاشقان چوڭ كارخانىلارنى شىنجاڭنىڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىگە ئېلىپ كىردى.
      سودا مىنىستىرلىقى ۋە باشقا ھەرقايسى باشقۇرغۇچى ئورۇنلار جۇڭگو - ياۋروئاسىيا كۆرگەزمىسىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلىشىگە كۈچىنىڭ بارىچە ماسلىشىش ئۈچۈن، شىنجاڭدا خەلقئارا كۆرگەزمە ئىشلىرى ئىدارىسىنى قۇرىدۇ ھەمدە كۆرگەزمە مەزگىلىدە پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، بىر قىسىم كونكرېت بولغان زور تەسىر كۈچىگە ئىگە پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى قېرىنداش ئۆلكە، رايون، شەھەرلەر بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدۇ، جۇڭگو - ياۋروئاسىيا كۆرگەزمىسىنىڭ مۇلازىمەتلىرىنى بازارلىشىش ۋە كەسىپلىشىشكە قاراپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بىر تۈركۈم كەسپىي مۇلازىمەت ئورگانلىرىنى جەلپ قىلىپ، يىغىنغا قاتناشقان سودىگەرلەرنى تېخىمۇ ئەلا، تېخىمۇ يۇقىرى، تېخىمۇ تېز مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش پىلانلاندى.

 

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر