قازاقىستاندا قازمىچىلىق كارخانىلىرى سودىسى توردا ئاشكارا ئېلىپ بېرىلىدۇ
قازاقىستان نېفىت - تەبىئىي گاز مىنىستىرلىقى قارمىقىدىكى توختام ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى نۇربېكوۋ يېقىندا مۇنداق دېدى: قازاقىستان نېفىت - تەبىئىي گاز مىنىستىرلىقى نۆۋەتتە كۆپلىگەن چوڭ تىپتىكى قازمىچىلىق كارخانىلىرى بىلەن ئۆز دۆلىتىدە ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىش ئۈلۈشىنى ئاشۇرۇپ، قازاقىستان ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىغا پايدىلىق بولغان ئەمەلىي يۈرگۈزۈلىدىغان سېتىۋېلىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش توغرىسىدا كېڭەش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ھازىر شىمالىي كاسپى دېڭىزى تۈرى سۆھبىتى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، لېكىن قاراچاغاناق، تېنگىز قاتارلىق نېفىتلىكلەر تۈرلىرى سۆھبىتىدە ئىلگىرىلەش ئاستا بولىۋاتىدۇ.
نۇربېكوۋ ئەپەندى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 2009 - يىلى قازاقىستان زېمىنىدىكى دۆلەت ئىچى - سىرتى قازمىچىلىق كارخانىلىرىنىڭ تاۋار، قۇرۇلۇش ۋە مۇلازىمەت سېتىۋېلىش ئومۇمىي سوممىسى 71 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئۈچ چوڭ نېفىتلىكنى ئېچىش تۈرىنىڭ سېتىۋېلىش سوممىسى ئومۇمىي سېتىۋېلىش سوممىسىنىڭ %52 ىنى ئىگىلەيدۇ. ئەمما ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرغۇچى تارماقلىرى چوڭ تىپتىكى بايلىق مەنبەسىنى قېزىش كارخانىلىرى بىلەن ئىمزالانغان 217 توختامنى سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق شۇنى بايقىدىكى، ئۆز دۆلىتىدە ئىشلەپچىقىرىلغان تاۋارلارنى سېتىۋېلىش سوممىسى ئاران %1 نى ئىگىلىگەن.
نۇربېكوۋ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: يېڭىدىن يۈرگۈزۈلگەن «يەر ئاستى بايلىقى قانۇنى» بويىچە، 2010 - يىلى 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ، بارلىق قازمىچىلىق كارخانىلىرىنىڭ سېتىۋېلىش پائالىيەتلىرى «بايلىقلارنى قېزىش ۋە ئۇنىڭغا زۆرۈر تاۋار، قۇرۇلۇش، مۇلازىمەت تىجارىتىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش تورى» (www.reestr.kca.kz) نىڭ ئېلېكترونلۇق سودا سۇپىسىدا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك. بۇ مېخانىزمنىڭ ماھىيىتى شۇكى، توردا ئاشكارا سودىلىشىش سۇپىسىنى قۇرۇش ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپلىگەن يەرلىك ھۆددىگەرلەرنى قازمىچىلىق تۈرلىرىنىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا قاتنىشىشقا جەلپ قىلىپ، ئۆز دۆلىتى كارخانىلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ سېتىش يولى ۋە پۇرسىتىنى يارىتىپ، چەت ئەل كارخانىلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.