خەلقئارالىق ھەمكارلىق شىنجاڭنىڭ سىرتقا قاراتقان دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇردى

68 2011-04-05 10:54:07   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   نەزەر
T|T:خەت رەزمىرى

خەلقئارالىق ھەمكارلىق شىنجاڭنىڭ سىرتقا قاراتقان دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇردى

      شىنجاڭ دېھقانچىلىق ئىشلىرىدا سىرتقى مەبلەغدىن 1983 - يىلىدىن تارتىپ پايدىلىنىشقا باشلىغان. ئىسلاھات ئېچىۋېتىشنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلىرىدا پايدىلىنىدىغان سىرتقى مەبلەغ سوممىسى بارغانسېرى ئاشتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، سىرت بىلەن ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىق دائىرىسىمۇ كېڭەيدى. ھازىرغىچە، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە يېزا ئىگىلىكىدە پايدىلانغان سىرتقى مەبلەغ سوممىسى 64 مىليون 800 مىڭ 800 ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردىن ئېلىنغان قەرز 39 مىليون 835 مىڭ 500 ئامېرىكا دوللىرىغا، چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرىدىن ئېلىنغان قەرز 12 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا، قوبۇل قىلىنغان چەت ئەل ياردىمى 12 مىليون 972 مىڭ 600 ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى (ياپونىيە يېنى ئامېرىكا دوللىرىغا پېرېۋوت قىلىنىش نىسبىتى بويىچە ھېسابلاندى)، بۇ مەبلەغلەردىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى %100 كە يەتتى.
      شىنجاڭنىڭ سىرتقا يۈزلىنىش تىپىدىكى دېھقانچىلىق تۈرلىرى ئاساسەن: شال مايسىسى يېتىشتۈرۈش ۋە شال مايسىسىنى ماشىنا ئارقىلىق تېرىش تۈرى؛ دېھقانچىلىق كەسپىي ئاكادېمىيەسى دۇنيا بانكىسىدىن قەرز ئېلىش ئارقىلىق ئوقۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلاش تۈرى؛ پىچان ناھىيەسىنىڭ دۇنيا بانكىسىدىن قەرز ئېلىپ دېھقانلارنى تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇش تۈرى؛ تارىم ۋادىسىدا دېھقانچىلىق ئېتىزلىرىنى سۇغىرىش ۋە مۇھىت ئاسراش بىرىنچى قارارلىق قۇرۇلۇشىغا دۇنيا بانكىسىدىن قەرز ئېلىش تۈرى؛ ياپونىيەدىن قەرز پۇل ئېلىش ئارقىلىق سۈپەتلىك پاختا بازىسىنى قۇرۇش تۈرى؛ ياۋروپا ئىتتىپاقدىشىنىڭ ياردىمى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ دېھقانچىلىق زىرائەت مەھسۇلاتلىرى مىقدارىنى ئاشۇرۇش تۈرى؛ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاشلىق دېھقانچىلىق مەھكىمىسىنىڭ ياردىمى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ شورلۇق تۇپراقلىرىنى ياخشىلاش تېخنىكىلىرىنى كىرگۈزۈش ۋە ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى؛ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرەققىيات پىلان مەھكىمىسىنىڭ قەشقەر يېزا ئىگىلىك مەكتىپىگە ياردەم بېرىش تۈرى؛ تارىم ۋادىسىدا دېھقانچىلىق ئېتىزلىرىنى سۇغىرىش ۋە مۇھىت ئاسراش ئىككىنچى قارارلىق قۇرۇلۇشىغا دۇنيا بانكىسىدىن قەرز ئېلىش تۈرى؛ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنىڭ تاۋارلاشقان قەرز پۇل ئېلىش تۈرى؛ جۇڭگو بىلەن ئىسرائىلىيە ھەمكارلىشىپ قۇرغاق رايونلار ئۈلگە كۆرسىتىش مەركىزىنى قۇرۇش تۈرى؛ ياپونىيەنىڭ شىنجاڭلىقلارغا پايدىلىق تۈرلەرگە ياردەم بېرىش تۈرى قاتارلىق تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
      سىرتتىن كىرگۈزۈلىدىغان تۈر مەبلىغى ئاساسەن خەلقئارالىق پۇل مۇئامىلە تەشكىلاتلىرىدىن قەرز ئېلىش، چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرىدىن قەرز ئېلىش ۋە ھەقسىز ياردەمگە ئېرىشىش ئارقىلىق قولغا كېلىدۇ. مەزكۇر تۈرلەر ئۈچۈن مەبلەغ ئاجرىتىدىغان ئورۇن ۋە جايلار ئاساسەن دۇنيا بانكىسى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاشلىق يېزا ئىگىلىك مەھكىمىسى (FAO)، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرەققىيات پىلان مەھكىمىسى (UNDP)، ياپونىيە، ياۋروپا ئىتتىپاقدىشى، ئىسرائىلىيە، كانادا ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. كىرگۈزۈلگەن تاشقى مەبلەغ ئاساسەن دېھقانچىلىق ئاساسىي ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇش، مۇلازىمەت سىستېمىلىرىنى ياخشىلاش قۇرۇلۇشى، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنى تەربىيەلەش ۋە ئىلغار تېخنىكىلارنى كىرگۈزۈشكە ئىشلىتىلىدۇ. تۈر مەبلىغىدىن پايدىلىنىدىغان ئورۇنلار ئاساسەن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بەش ۋىلايەت - ئوبلاست، تۇرپان ۋىلايىتى، سانجى، ئالتاي قاتارلىق جايلاردىن ئىبارەت.
      چەت ئەل مەبلەغ تۈرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئارقىلىق شىنجاڭ تۆۋەن ھوسۇللۇق شورلۇق يەرلەرنى ئۆزگەرتىش تېخنىكىسى، قۇرغاق يەرلەرنى تېمىتىپ سۇغىرىش تېخنىكىسى، كېسەللىك - ھاشارات زىيانداشلىقىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش تېخنىكىسى، ماشىنا ئارقىلىق شال تېرىش تېخنىكىسى، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ مەھسۇلاتىنى ئاشۇرۇش تېخنىكىسى قاتارلىق ئىلغار دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىلىرىنى كىرگۈزۈش بىلەن بىرگە، يەنە 1000 خىلدىن ئارتۇق يېڭى سورتلارنى كىرگۈزدى؛ بۇنىڭدىن باشقا، يەنە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ شىنجاڭدا ئۇزۇن مۇددەت تۇرىدىغان بەش دېھقانچىلىق مۇتەخەسسىسىنى، قىسقا مۇددەت تۇرىدىغان توققۇز دېھقانچىلىق مۇتەخەسسىسىنى تەكلىپ قىلىپ ئىشلەتتى. بۇ چارە - تەدبىرلەر شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلىرىنىڭ ھەم ياخشى ھەم تېز تەرەققىي قىلىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىدى.
      شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خەلقئارالىق ھەمكارلىق شىنجاڭغا تۆۋەندىكىدەك نەپلەرنى ئېلىپ كەلدى:
      1. دېھقانچىلىق مەبلىغى يېتەرسىز بولۇش ئەھۋالىنى ياخشىلىدى. شىنجاڭدا قۇرۇلۇش مەبلىغى ئاز، دېھقانچىلىق ئىشلىرىغا سېلىنىدىغان مەبلەغ كەمچىل، شۇڭا چەت ئەل مەبلىغىنى كۆپ تەرەپلىمىلىك جەلپ قىلىش ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە سېلىنىدىغان مەبلەغنى مەلۇم دەرىجىدە تولۇقلىغىلى بولىدۇ.
      2. يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش شارائىتىنى ياخشىلىدى. يېزىلارنىڭ ئاساسىي ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىش مۇھىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاش دۆلىتىمىزنىڭ چەت ئەل مەبلىغىنى سېلىشتىكى مۇھىم نۇقتىلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز چەت ئەل مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ زور كۆلەمدىكى دېھقانچىلىق ئېتىزلىرىنى تۈزىدى، تۆۋەن ھوسۇللۇق ئېتىزلارنى ياخشىلاش، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش، سۇ ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى، دېھقانچىلىق ماشىنىلىرىنى سېتىۋېلىش، يېزا ئىگىلىكىدە ئىشلىتىلىدىغان ئېلېكتر تورى قۇرۇلۇشى ۋە يېزا تاشيول قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى ئېلىپ باردى؛ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش شارائىتىنى ۋە يېزا ئىگىلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ياخشىلىدى؛ سۇ تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى ئازايتتى؛ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى سەۋىيەسى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈردى؛ يېزا ۋە يېزا ئىقتىسادىنىڭ تېز سۈرئەتتە سىجىل تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن پۇختا ئاساس ياراتتى.
      3. يېزا ئىگىلىك تېخنىكا تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، چەت ئەل مەبلەغ تۈرىدىن پايدىلىنىش ئارقىلىق، شىنجاڭ كۆپلىگەن سۈپەتلىك سورتلارنى، تېخنىكا ۋە ئۈسكۈنىلەرنى كىرگۈزۈپ، تۈرلەرنىڭ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىنى يۇقىرى كۆتۈردى، زور بىر تۈركۈم يېزا ئىگىلىك، پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلىدى، شىنجاڭ بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەر ۋە دۇنيا دېھقانچىلىق پەن - تېخنىكىسى بىلەن بولغان ئارىلىقنى قىسقارتتى. بولۇپمۇ، سۇلياۋ يوپۇق يېپىپ ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى 100 خىلغا يېقىن زىرائەتكە قوللىنىلدى، كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيانداشلىقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئالدىنى ئېلىش تېخنىكىسىنىڭ قوللىنىلىشى دېھقانچىلىق دورىلىرىنى ئىشلىتىش مىقدارىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن ئازىيىش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈردى. 1998 - يىلى بىلەن 2004 - يىلىنى سېلىشتۇرغاندا دېھقانچىلىق دورىلىرىنى ئىشلىتىش نىسبىتى %29.6 تۆۋەنلىدى، خىمىيەلىك دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ ئىشلىتىلىش مىقدارى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، تۆۋەنلەش نىسبىتى %52 كە يەتتى، ئەكسىچە بىيولوگىيەلىك دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ ئىشلىتىلىش مىقدارى ئاشتى.
      4. يېزا ئىگىلىكىنىڭ كەسىپلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى. چەت ئەل مەبلەغ تۈرىنى كىرگۈزۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىك تىجارەت نۇقتىئىنەزىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى پەقەت بىر خىل تېرىقچىلىق ۋە باقمىچىلىقتىنلا ئىبارەت بىر كەسىپ دەپ قارىماستىن، بەلكى تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق، پىششىقلاپ ئىشلەش، تىرانسپورت ۋە سېتىشتىن ئىبارەت ھەرقايسى ھالقىلار بىر بىرى بىلەن زىچ باغلانغان، ئۆزئارا كونترول قىلىدىغان، ئۆزئارا بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان كەسىپ دەپ قاراش ئېڭىنى ئۆستۈردى. بۇ ئاپتونوم رايونىمىز دېھقانچىلىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا زور ئەھمىيەتكە ئىگە.
      5. دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈردى. چەت ئەللەر ياردەم قىلغان ھەقسىز قەرز ۋە بەزى بىر قىسىم ئېتىبارلىق قەرز پۇللار نامراتلانى يۆلەشتىكى مۇھىم مەبلەغ بولۇپ، بۇ مەبلەغ سوممىسى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ چەت - ياقا جايلار ۋە نامرات رايونلارنى ئۇنىۋېرسال تەرەققىي قىلدۇرۇپ تۈزەش، يېزىلاردىكى نامراتلىقنى تۈگىتىش، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، دېھقان - چارۋىچىلارنى مەدەنىيەت ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە ئۇلارنى نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رول ئوينىدى.
      ھازىر شىنجاڭنىڭ سىرتقا قارىتا يۈزلىنىش تىپىدىكى يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئومۇمىي نىشانى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى بازارلارغا يۈزلىنىپ، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىكىنىڭ سىجىل تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ مىقدارى، سۈپىتى ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى مەركەز قىلىپ، دېھقانچىلىق ئىشلىرىدا خەلقئارالىق ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى ئەمگەك كۈچى زىچ بولۇش تىپىدىكى دېھقانچىلىقىنى پەن - تېخنىكىنى ئاساس، بازارنى يېتەكچى قىلىپ، سىجىل تەرەققىي قىلىدىغان زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىگە ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «12 - بەش يىللىق» ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك ۋە ئالاھىدە تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى چۆرىدەپ، بىرتۇتاش پىلان، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش، نۇقتىلىق قۇرۇلۇش ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆكتات ۋە ئالاھىدە دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئەۋزەللىكىنى تولۇق قېزىپ، بازاردىن ھالقىش ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، تۆت چوڭ چېگرا ئېغىزىنى سۇپا قىلىپ، ئېكسپورت بازا ئاساسىي ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇشنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدار قۇرۇلۇشى، تاۋار - ئەشيا ئوبوروتى ۋە سودا قۇرۇلۇشىنى ئاساسىي نۇقتا قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى كېڭەيتىش، داڭلىق ماركا يارىتىش ۋە بازار رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشنى يادرو قىلىپ، يەرلىك دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى نىشان قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش بازا قۇرۇلۇشى، سۈپەت تەكشۈرۈش سىستېما قۇرۇلۇشى، پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە ساقلاش سىستېما قۇرۇلۇشى ھەم ئەشيا ئوبوروت سودا سىستېما قۇرۇلۇشى ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ دېھقانچىلىق قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىش بازا ئاساسىي رامكىسىنى تۇرغۇزۇپ، شىنجاڭنى مەملىكىتىمىزنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈزلەنگەن ئەڭ چوڭ دېھقانچىلىق قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاپ ئىشلەش، سېتىش مەركىزى قىلىپ قۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سىرتقا يۈزلىنىش تىپىدىكى يېزا ئىگىلىكىدە زور تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت.

 

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر