قازاقستاننىڭ قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى بازىرى

86 2011-04-03 09:51:27   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   نەزەر
T|T:خەت رەزمىرى

قازاقستاننىڭ قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى بازىرى

      يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قازاقستان ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، ئولتۇراق ئۆيلەرگە بولغان ئېھتىياجى بارغانچە ئاشتى، بۇنىڭ بىلەن قۇرۇلۇش بازارلىرىمۇ جانلىنىپ، قۇرۇلۇش زىننەتلەش ماتېرىياللىرىغا بولغان ئېھتىياج زور دەرىجىدە ئاشتى. گەرچە يەر شارى خاراكتېرلىق ئىقتىسادىي كرىزىسنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، لېكىن قازاقستاندا ھەر يىلى ئېشىۋاتقان ئولتۇراق ئۆي كۆلىمى يەنىلا ئۈزلۈكسىز ئاشتى.
      قازاقستاننىڭ ئۆز دۆلىتىدىكى قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى سانائەت ئاساسى ئاجىز بولۇپ، پەقەت ئۆز دۆلىتىنى شېغىل، خىش ۋە سېمونت بىلەنلا تەمىنلىيەلەيدۇ، قالغان مەھسۇلاتلارنى ئاساسەن ئىمپورت قىلىشقا تايىنىدۇ. قازاقستاننىڭ قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىغا بولغان ئېھتىياجىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشى بىلەن قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنى ئىمپورت قىلىش سوممىسىمۇ تېز سۈرئەتتە ئاشتى. مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، نۆۋەتتە قازاقستاندا قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى جەھەتتىكى تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت كەسكىن بولۇپ، قازاقستان نائىلاج ئەتراپتىكى دۆلەتلەر، بولۇپمۇ جۇڭگودىن %80 قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنى ئىمپورت قىلماقتا.
      ھازىر قازاقستاندىكى قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى بازارلىرى دەسلەپكى قەدەمدىكى تەرەققىيات باسقۇچىدا تۇرىۋاتقان بولۇپ، ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن دەرىجىلىك مەھسۇلاتلار كۆپرەك. بازارلاردا سېتىلىۋاتقان قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئىمپورت قىلىنغان مەھسۇلاتلار، بۇ مەھسۇلاتلار ئىشلەپچىقارغۇچى سودىگەرلەردىن ئىمپورت قىلغۇچى سودىگەرلەرگە، ئىمپورت قىلغۇچى سودىگەرلەردىن توپ تارقاتقۇچى سودىگەرلەرگە، توپ تارقاتقۇچى سودىگەرلەردىن پارچە ساتقۇچى سودىگەرلەرگە ئۆتكىچە قاتلاممۇ - قاتلام باھا قوشۇلۇش ۋە تاموژنا بېجى قاتارلىق ئامىللار سەۋەبىدىن پارچە سېتىش باھاسى ئىنتايىن يۇقىرى بولماقتا. مەسىلەن، تازىلىق فار - فۇر بۇيۇملىرى، يەرگە يېيىتىلىدىغان خىش، تام قەغىزى ۋە سۇۋالغۇ قاتارلىقلارنىڭ باھاسى جۇڭگودىكى ئوخشاش تۈردىكى ماتېرىياللارنىڭ باھاسىغا قارىغاندا ئىككىندىن تۆت ھەسسىگىچىلىك يۇقىرى. نۆۋەتتە قازاقستاننىڭ ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى بۇ مەسىلىگە دىققەت قىلىپ، بۇنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدىمەكتە، شۇنداقلا جۇڭگودىكى ئەمەلىي كۈچكە ئىگە كارخانىلارنىڭ قازاقستانغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ زاۋۇت قۇرۇشىنى ئۈمىد قىلماقتا.
      ھازىر قازاقستاندا قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ۋە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تىجارەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان جۇڭگو كارخانىلىرىدىن ئاساسەن خۇاشىڭ مەبلەغ سېلىش شىركىتى، قازاق ئالدىڭ ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتى، چېڭفېڭ ئۆي جاھازلىرى شىركىتىنىڭ ئالمۇتادا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنى ۋە تيەنجىن شەھەر قۇرۇلۇش گۇرۇھىنىڭ قازقستاندىكى ئىش بېجىرىش ئورنى قاتارلىقلار بار بولۇپ، خۇاشىڭ مەبلەغ سېلىش شىركىتى ئاساسلىقى سولياۋ پولات قېتىشمىلىق ئىشىك، دېرىزە ۋە cvp تۇرۇبا ماتېرىياللىرىنى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، شىركەتنىڭ 000 2 توننا شەكىللىك ماتېرىيال، 100 مىڭ كۇب مېتىر سولياۋ پولات قېتىشمىلىق ئىشىك دېرىزە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى بار. مەزكۇر زاۋۇت سولياۋ پولار قېتىشمىلىق ئىشىك، دېرىزە ياساشتا يېرىم تەييار ماتېرىياللارنى جۇڭگودىن ئېلىپ بېرىپ شۇ جايدا پىششىقلاپ ئىشلەيدۇ. 2009 - يىلىدىن باشلاپ مەزكۇر زاۋۇت يەنە ئاليۇمىن ئىشىك، دېرىزە ۋە ئوغرىدىن ساقلىنىش ئىشىكىنى ئىشلەپچىقىرىشقا باشلىدى. قازاقستاندىكى قازاق ئالدىڭ ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتى ئاساسەن ئوغرىدىن ساقلىنىش ئىشىكى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، مەھسۇلاتلىرىنى ئاساسەن قۇرۇلۇش كارخانلىرى ۋە ئوتتۇرا تۆۋەن دەرىجىلىك مەھسۇلاتلارنى پارچە سېتىش بازارلىرىغا ساتىدۇ. چېڭفېڭ ئۆي جاھازلىرى شىركىتىنىڭ ئالمۇتادا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنى ئاساسەن جۇڭگودىن تەييار ئۆي جاھازلىرىنى ئېلىپ بېرىپ توپ تارقىتىش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. تيەنجىن شەھەر قۇرۇلۇش گۇرۇھىنىڭ قازاقستاندىكى ئىش بېجىرىش ئورنى ئاساسەن ئاستانە شەھىرىدە ئولتۇراق ئۆي قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنى زىننەتلەش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا يۇقىرىدىكى بۇ ئورۇنلارنىڭ تىجارەت ئۈنۈمى ياخشى، بازار ئىستىقبالى پارلاق.
      قازاقستاندا جۇڭگو بىلەن شېرىكلىشىپ قۇرۇلغان كارخانىلاردىن سىرت باشقا دۆلەتلەر بىلەن شېرىكلىشىپ قۇرۇلغان قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى كارخانىلىرى ئانچە كۆپ ئەمەس. قازاقستان سودا سانائەت بىرلەشمىسى تەمىنلىگەن ئۇچۇردىن قارىغاندا، شېرىكلىشىپ قۇرۇلغان بۇ كارخانىلار ئالمۇتا بىلەن ئاستانە شەھىرىگە مەركەزلەشكەن، مەھسۇلاتلىرىدىن ئاساسەن ئېلېكتر سىمى، كابېل، مېتال تور، ئىسسىقلىق ئۆتكۈزگۈچى ماتېرىياللار، قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇلياۋ ماتېرىياللار، سولياۋ پولات قېتىشمىلىق تۇرۇبا ماتېرىياللىرى، جۈمەك، ھاك تاش ماتېرىياللىرى، سوۋالغۇ، يەرگە يېيىتىلىدىغان خىش ۋە ئۆي جاھازلىرى قاتارلىقلار بار. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئاتراۋ شەھىرىدە قۇرۇلما پولات مەھسۇلاتلىرى ۋە باشقا قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىلىدىغان ماتېرىياللارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان بىر كارخانا بار.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر