ئۆزبېكىستان مولىبدېن ۋە ۋولفىرامنى ئېكسپورت قىلىشنى پىلانلىماقتا

56 2011-03-19 10:59:19   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   نەزەر
T|T:خەت رەزمىرى

ئۆزبېكىستان مولىبدېن ۋە ۋولفىرامنى ئېكسپورت قىلىشنى پىلانلىماقتا

      ئۆزبېكىستان تەستە ئېرىيدىغان ۋە يۇقىرى تېمپېراتۇرىغا چىداملىق مېتاللار بىرلەشمە كارخانىسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، بۇ يىل مەزكۇر كارخانىنىڭ ئېكسپورت مەھسۇلات قىممىتى 12 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. 2010 - يىلى پۈتۈن بىر يىلدا ئۆزبېكىستان تەستە ئېرىيدىغان ۋە يۇقىرى تېمپېراتۇرىغا چىداملىق مېتاللار بىرلەشمە كارخانىسى 66 توننا ۋولفىرام ۋە 520 توننا مولىبدېن ئىشلەپچىقىرىشنى، شۇنداقلا ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارىنىڭ %97.5 ىدىن كۆپرەكىنى چەت ئەللەرگە ئېكسپورت قىلىشنى پىلانلىدى.
      بۇندىن باشقا، مەزكۇر كارخانا ۋەكىلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىرلەشمە كارخانا ئۆتكەن يىلى ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىنى كەڭ كۆلەمدە تۆۋەنلىتىش پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كارخانىنىڭ مەھسۇلات قىممىتى تەننەرخىنى ئومۇميۈزلۈك ھالدا %37.1 تۆۋەنلەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە مولىبدېننىڭ باھاسى %47.7 تۆۋەنلەپ، ھەر كىلوگىرامىنىڭ باھاسى 44 ئامېرىكا دوللىرىدىن 23 ئامېرىكا دوللىرىغا چۈشتى؛ ۋولفىرامنىڭ باھاسى %20.1 تۆۋەنلەپ، ھەر كىلوگىرامىنىڭ باھاسى 28.3 ئامېرىكا دوللىرىدىن 22.6 ئامېرىكا دوللىرىغا چۈشتى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر