شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا سودا ھەمكارلىقىدىكى ئەۋزەللىكى ھەققىدە قىسقىچە مۇلاھىزە
سائادەتگۈل مۇھەممەد
(شىنجاڭ پەن - تېخنىكا ئاخبارات تەتقىقات ئورنى، 830011)
ئوتتۇرا ئاسىياغا نىسبەتەن جۇڭگو ئىنتايىن زور جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە، شىنجاڭ بولسا جۇڭگودىكى ئوتتۇرا ئاسىياغا ئەڭ يېقىن شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيانى ئەڭ جەلپ قىلىدىغان رايوندۇر. شىنجاڭ ھازىر تەرەققىي قىلىپ رايونلار ئىچىدە ئەڭ ھاياتىي كۈچكە ۋە ئىقتىسادىي تەسىرگە ئىگە رايون بولۇپ قالدى. ئۇنداقتا، شىنجاڭ ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن بولغان سودا ھەمكارلىقتا قانداق ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە؟
شىنجاڭنىڭ رايون ئەۋزەللىكى
شىنجاڭ ھەر قېتىم پۈتۈن جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان ۋاقىتتا، بىز شىنجاڭنىڭ ئۆزىدە بار بولغان بايلىقى ۋە رايون ئەۋزەللىكىنى تىلغا ئالماي تۇرالمايمىز. شىنجاڭ ئەتراپىدىكى 8 دۆلەت بىلەن چېگرىلىنىدۇ، 17 بىرىنچى دەرىجىلىك پورتى ۋە 12 ئىككىنچى دەرىجىلىك پورتى بار، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە شىنجاڭدا غايەت زور تۆمۈريول، تاشيول قاتناش تورى ۋە ھەر قايسى رايونلاردا مۇكەممەل بولغان ئايرودروم بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە، شىنجاڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ كىندىكىگە جايلىشىشتەك جۇغراپىيەلىك ئورۇنغا ئىگە. مانا بۇ شارائىتلار شىنجاڭنىڭ ئۆز رايون ئەۋزەللىكى ۋە قاتناش ئىقتىدارىنى بىر خىل كاپىتال سۈپىتىدە تەشۋىق قىلىشىغا يېتەرلىك ئاساس بولالايدۇ.
شىنجاڭدا سودا ئىشلىرىغا تۈرتكە بولىدىغان تۈرلۈك سىياسەتلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ سودا نازارىتى پائال تۈردە ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، سودا ئىشلىرىغا تۈرتكە بولىدىغان تۈرلۈك سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، قوشنا دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا بازارلىرىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتتى؛ ھەرقايسى ئوبلاستلارنىڭ پارتكوم، ھۆكۈمەتلىرى ئۆز رايونىنىڭ تاشقى سودا خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش سالمىقىنى كۈچەيتىپ، ئۆز رايونىنىڭ يېڭى تۈرتكىلىك سىياسەتلىرىنى پائال تۈردە ئوتتۇرىغا قويۇپ، سودا، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ۋە پېرېۋوت قوبۇل قىلىش ئىشلىرىنىڭ قۇلايلىقلاشتۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى ھەمدە ئېكسپورت كارخانىلىرىنىڭ قىيىنچىلىقىنى يېنىكلىتىپ، تاشقى سودا ساھەلىرىنىڭ ئىشەنچىسىنى تۇراقلاشتۇردى، ھەرقايسى جايلاردىكى تاشقى سودا كارخانىلىرىنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى زور دەرىجىدە قوزغىدى؛ پۈتكۈل ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تاموژنا، دۆلەت تەكشۈرۈش تارماقلىرى، باج ئىشلىرى تارماقلىرى، تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش ئورۇنلىرى، بانكا ۋە تۆمۈريول تىرانسپورتى قاتارلىق فۇنكسىيەلىك تارماقلار ساھەلەر ئارا ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، »چوڭ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش« نىڭ رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، تاشقى سودا كارخانىلىرىنىڭ تېز سۈرئەتتە تاموژنىدىن مال ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن قۇلايلىق يارىتىپ بەردى ھەمدە زور كۈچ بىلەن قوللاپ قۇۋۋەتلىدى.
شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسى مۇقىم ئاشتى
2010 - يىلى 1 - ئايدىن 5 - ئايغىچە شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسىدا مۇقىم ئېشىش كۆرۈلدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئىمپورت - ئېكسپورت سودا ئومۇمىي سوممىسى 5 مىليارد 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %13.1 ئاشتى؛ ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 4 مىليارد 269 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %11 ئاشتى؛ ئىمپورت ئومۇمىي سوممىسى 931 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %23.7 ئاشتى.
شىنجاڭنىڭ چېگرا سىرتىدىكى مەبلەغ سېلىش كارخانىلىرىنىڭ سانى كۆرۈنەرلىك ئاشتى
0102 - يىلىنىڭ ئالدىنقى بەش ئېيىدا، شىنجاڭنىڭ چېگرا سىرتىدىكى مەبلەغ سېلىش كارخانىلىرىنىڭ سانى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. چېگرا سىرتىدىكى مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىدىن 22 سى يېڭىدىن تەستىقلانغان بولۇپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 61 سى كۆپەيدى؛ چېگرا سىرتىدا سېلىنغان مەبلەغ ئومۇمىي سوممىسى 311 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 4.3 ھەسسە ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگو تەرەپنىڭ كېلىشىم تۈزگەن مەبلەغ ئومۇمىي سوممىسى 301 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 3.3 ھەسسە ئېشىپ، چەت ئەللەرگە سېلىنغان مەبلەغ ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %2.19 ىنى ئىگىلىدى. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىز مەبلەغ سالغان ئاساسلىق رايون ۋە دۆلەتلەر قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، ئۆزبېكىستان، لىۋىيە، تايلاند، گرۇزىيە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، شياڭگاڭ قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. مەبلەغ ئاساسلىقى قازاقىستان بىلەن قىرغىزىستانغا ئالاقىدار 21 تۈرگە سېلىنغان بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ چەت ئەللەردىكى مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنىڭ %5.45 ىنى ئىگىلەيدۇ.
تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرى تىزىمغا ئالدۇرغان مەبلەغ زور دەرىجىدە ئاشتى
0102 - يىلىنىڭ ئالدىنقى بەش ئېيىدا، چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانىلاردىن 81 ى ئاپتونوم رايونلۇق سودا سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىدا تىزىمغا ئالدۇرغان، مەبلەغ ئومۇمىي سوممىسى 912 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %1.29 ئاشقان، تىزىمغا ئالدۇرغان مەبلىغى 401 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %2.92 ئاشقان. چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانىلار ئىچىدە شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن كارخانىلىرى تىزىمغا ئالدۇرغان مەبلەغ 07 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 2.44 ھەسسە ئاشقان، پۈتۈن رايوندىكى تىزىمغا ئالدۇرغان مەبلەغنىڭ %6.59 ىنى ئىگىلىگەن؛ تىزىمغا ئالدۇرغان چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانىلار ئىچىدە مەبلەغ سوممىسى ئەڭ كۆپ بولغىنى شياڭگاڭ، سالغان ئومۇمىي مەبلىغى 101 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 3 ھەسسە ئاشقان. رايونىمىز ساياھەت تاشقى پېرېۋوت كىرىمى مۇقىم ئېشىپ 06 مىليون 006 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بولغان بولۇپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %4.91 ئاشقان.
شىنجاڭ سودا نازارىتىدىكى ئالاقىدار ئەربابلار مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تاشقى سودا تەرەققىياتى يەنىلا ئىنتايىن مۇرەككەپ بولغان دۆلەت ئىچى - سىرتى ۋەزىيىتىگە دۇچ كەلمەكتە، يەنى دۇنيا ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى ياخشىلىنىپ، تاشقى ئېھتىياج تەدرىجىي ئەسلىگە كېلىش ئىمكانىيىتى مەۋجۇت بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىش ئاساسى تۇراقسىز بولۇش، سودا سۈركۈلۈشى ئۈزلۈكسىز كۆپىيىپ كېتىش قاتارلىق ئېنىقسىز ئامىللارمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا، جۈملىدىن »نورمىغا كاپالەتلىك قىلىش، تۈزۈلمىنى تەڭشەش، مۇۋازىنەتنى ساقلاش« ۋەزىپىسى يەنىلا قىيىن ۋە ئېغىر بولماقتا.
شىنجاڭنىڭ نۇرغۇن جايلىرى ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنى جەلپ قىلىدۇ
ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ۋە شىنجاڭدىن قايتقان سودىگەرلەر ۋە ساياھەتچىلەر ئۈرۈمچىنىڭ ھەممە يېرىدە 03~02 قەۋەتلىك ئېگىز بىنالارنى كۆرۈپ زوقلاندى، چۈنكى بۇنداق مەنزىرىنى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە پاكىستان قاتارلىق بىرنەچچە دۆلەتتە كۆرگىلى بولمايتتى. بۇ دۆلەتلەرنى تېخىمۇ زوقلاندۇرغىنى شىنجاڭنىڭ قاتناش ئەھۋالى بولدى. قازاقىستان بولسا ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى ئەڭ چوڭ دۆلەت، ئومۇمىي كۆلىمى 2 مىليون 427 مىڭ 009 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان بولۇپ، شىنجاڭنىڭ يەر كۆلىمىدىن 1 مىليون 06 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر چوڭ، ئەمما تاشيول قاتنىشى ئومۇمىي لېنىيەسى پەقەت شىنجاڭنىڭ 3/2 سىچىلىك كېلىدۇ. شىنجاڭدا كىشىگە ئەڭ تەسىر قىلىدىغىنى شىنجاڭنىڭ يول ئەھۋالى ئىنتايىن ياخشى. ئۈرۈمچىدىن سانجىغىچە بولغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ قوش يۆنىلىشلىك 8 ئاپتوموبىل يولىدا يول بويى قاتناش راۋان. نۆۋەتتە، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە 7 چوڭ تاشيول قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.
ئوتتۇرا ئاسىيا شىنجاڭ ئارقىلىق تىنچ ئوكيان بىلەن بولغان ئارىلىقىنى يېقىنلاشتۇردى دېڭىز - ئوكيانلاردىن يىراق بولۇش ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئەڭ كۆرۈنەرلىك جۇغراپىيەلىك ئالاھىدىلىكى. ئەمما ھازىر ئوتتۇرا ئاسىيا شىنجاڭ ئارقىلىق شەرق تەرەپكە قاراپ تەرەققىي قىلدى. 02 يىل ئىلگىرى ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ جۇڭگو - قازاقىستان قورغاس چېگرىسىدىن جۇڭگونىڭ شەرقىي قىسمىدىكى ليەنيۈنگاڭ پورتىغا بېرىش ئۈچۈن تەخمىنەن 51 كۈن كېتەتتى، ھازىر بولسا ئېلېكترلەشكەن تومۈريول ئارقىلىق چېگرا ئېغىزلىرىدىن شەرقىي قىسىمدىكى دېڭىز بويى رايونلىرىغا تەخمىنەن 05 سائەتتىلا يېتىپ بارغىلى بولىدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، شىنجاڭ ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن تىنچ ئوكيان ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىقنى يېقىنلاشتۇردى. شىنجاڭدىكى بارلىق چېگرا ئېغىزلىرى ئىچىدە جۇڭگو - قازاقىستان قورغاس چېگرا ئېغىزىنىڭ نەچچە يۈز يىللىق تارىخى بار بولۇپ، ھازىرمۇ قۇرۇلۇشى ئەڭ تېز، ئىناۋىتىمۇ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان چېگرا ئېغىزى ھېسابلىنىدۇ.
قىسقىسى، بىرقەدەر ئاجىز بولغان چوڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى جۇڭگو پۇقرالىرى ئۈچۈن نەپ ئېلىپ كېلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە موڭغۇلىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئاسىيا ئۈچۈنمۇ پايدىلىق. ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئالاقىسىنىڭ كۆپ قىسمى شىنجاڭ ئارقىلىق بولىدۇ، شىنجاڭ جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.
پايدىلانمىلار:
]1[ »رۇسىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شەرقىي ياۋروپا بازارلىرى« ]J[، 0102 - يىللىق سانلىرى، خەنزۇچە
]2[ »ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى« ]J[، 0102 - يىل 9~8 - سان، خەنزۇچە
]3[ »ئاسىيا كىندىكى« گېزىتى، 0102 - يىللىق سانلىرى، ئۇيغۇرچە
]4[ »شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى«، 0102 - يىللىق سانلىرى، ئۇيغۇرچە