ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتى ۋە ئۇنىڭ رايونلار ئارا ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا كۆرسىتىدىغان تەسىرى

218 2011-03-12 09:51:22   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   نەزەر
T|T:خەت رەزمىرى

ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتى ۋە ئۇنىڭ رايونلار ئارا ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا كۆرسىتىدىغان تەسىرى

مۇيەسسەر ئابدۇرېھىم
(شىنجاڭ پەن - تېخنىكا ئاخبارات تەتقىقات ئورنى، 830011)

      ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى قارىماققا ئىناق بولۇپ، «بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» نى ئىزچىل ھالدا تەشەببۇس قىلىپ كەلمەكتە، بۇ دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىمۇ داۋاملىق ئۇچرىشىپ سۆھبەت ئېلىپ بارماقتا. گەرچە بۇ جەرياندا بەلگىلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنچە كۆرۈنەرلىك ئەمەس. يېقىندا ئۇلار يەنە «ئوتتۇرا ئاسىيا ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسى» دېگەن نامنى «ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمكارلىق تەشكىلاتى» غا ئۆزگەرتىپ، ھەمكارلىق دائىرىسىنى سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ساھەلەرگىچە كېڭەيتتى. ئەمەلىيەتتە، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپ ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، قىلچە ئىناق ئەمەس، بۇ دۆلەتلەرنىڭ نۇرغۇن ئىش - ھەرىكەتلىرى «بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» تەلىپىدىن خېلىلا يىراق. ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئارىسىدا ساقلىنىۋاتقان بۇنداق ئىناقسىزلىق رايونلار ئارا ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا پاسسىپ تەسىر كۆرسەتمەكتە.
      بىرىنچى، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ «بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى
      ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئۆزئارا مۇناسىۋەت ئۈستىدە توختالغاندا، قارشى تەرەپنى »شېرىك« دەپ ئاتاشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆزئارا دىپلوماتىيەدە ئەڭ كۆپ قوللىنىدىغان سۆزى «بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» تىن ئىبارەت. ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى تىل، دىن، ئۆرپ - ئادەت ۋە تارىخىي ئەنئەنە جەھەتتە ئورتاقلىققا ئىگە. ئۇنىڭ ئۈستىگە، زېمىنى چېگرىلىنىدىغان ۋە تاغ - دەريالىرى تۇتىشىدىغان بولغاچقا، كىشىلەر ئۇلارنى بىر گەۋدە دەپ قاراشقا ئادەتلىنىپ قالغان. شۇڭا ئۇلار «بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» نى يولغا قويغاندا، كىشىلەر قىلچە ئەجەپلەنمىدى، بۇ ئىشنى ئەقىلگە مۇۋاپىق دەپ قاراشتى. دەرۋەقە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر «بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئۈچۈن كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. بۇنىڭ ئىپادىلىرى تۆۋەندىكىچە:
      1. شەكىل جەھەتتە ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تۇردى
      مۇستەقىل بولۇشتىن ئىلگىرى، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى «ئىقتىساد، پەن - تېخنىكا ۋە مەدەنىيەت ھەمكارلىقى كېلىشىمى»، »ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ۋە قازاقىستان دۆلەت ھالقىغان كېڭەش كومىتېتىنى تەشكىللەش توغرىسىدىكى كېلىشىم قاتارلىق ھۆججەتلەرنى ئىمزالىغانىدى. لېكىن ئەينى ۋاقىتتا، ۋەزىيەت يار بەرمىگەچكە، تۈرلۈك كېلىشىملەر ئىجرا قىلىنمىدى. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، ئىقتىسادىي كىرىزىسنى يېڭىش ئۈچۈن، جۇغراپىيەلىك ئۈستۈنلۈك، ئەنئەنىۋى ئالاقە ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئارتۇقچىلىقىدىن قانداق پايدىلىنىپ، ئورتاق دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش توغرىسىدا قايتا ئويلاشتى.
      1993 - يىلى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى كۆپ تارماقلىق دۆلەت ھالقىغان كومىتېت ۋە ئارال دېڭىزىنى قۇتقۇزۇش خەلقئارا فوندى جەمئىيىتىنى قۇردى، لېكىن ئۇلار كونكرېت ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانمىدى، ئارال دېڭىزىنى قۇتقۇزۇش خەلقئارا فوندى جەمئىيىتىلا بىرقانچە قېتىم يىغىن ئاچتى، ئەمما ئۈنۈمى ئانچە كۆرۈنەرلىك بولمىدى. مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق يۈرۈشمىگەن ئەھۋالدا، 1994 - يىلى 1 - ئايدا قازاقىستان بىلەن ئۆزبېكىستان بىرلىككە كەلگەن ئىقتىسادىي بوشلۇق بەرپا قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. شۇ يىلى 4 - ئايدا قىرغىزىستان بۇ دۆلەتلەرگە قوشۇلدى، ئۈچ دۆلەت «بىرلىككە كەلگەن ئىقتىسادىي بوشلۇق بەرپا قىلىش ئەھدىنامەسى» نى ئىمزالىدى. 1998 - يىلى 3 - ئاينىڭ 26 - كۈنى تاجىكىستانمۇ بۇ ئەھدىنامەگە رەسمىي كىردى. ئۇزۇن ئۆتمەي، ئوتتۇرا ئاسىيا بىرلىككە كەلگەن ئىقتىسادىي بوشلۇقى ئوتتۇرا ئاسىيا ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسىگە ئۆزگەرتىلدى. بۇ تەشكىلات ھەر خىل پروگراممىلارنى تۈزۈش ھەم ھۆججەتلەرنى ئىمزالاش بىلەن بىرگە، يەنە بىر قاتار دۆلەت ھالقىغان ئورگانلارنى قۇردى. 2002 - يىلى 2 - ئاينىڭ 28 - كۈنى ئوتتۇرا ئاسىيا ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسى يەنە ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئۆزگەرتىلدى. مەزكۇر تەشكىلات دۆلەت ماسلاشتۇرغۇچىلىرى كومىتېتىنى قۇردى، كومىتېتتا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ بىردىن ماسلاشتۇرغۇچىسى بار بولۇپ، زۇڭتۇڭنىڭ بىۋاسىتە باشقۇرۇشىدا بولىدۇ.
      2. ھەمكارلىق مەزمۇنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى
      1994 - يىلى قازاقىستان، ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستان ئۈچ دۆلەت ئىمزالىغان »بىرلىككە كەلگەن ئىقتىسادىي بوشلۇق بەرپا قىلىش ئەھدىنامەسى« دە مۇنداق دەپ بەلگىلەندى: مەزكۇر تەشكىلاتقا قاتناشقان دۆلەتلەر تاۋار، ئەمگەك - مۇلازىمەت، كاپىتال، ئەمگەك كۈچى قاتارلىق جەھەتلەردە ئەركىن يۆتكىلىشچانلىققا ئىگە بولۇپ، كرېدىت، ھېسابات، باج، باھا ۋە تاموژنا بېجى سىياسەتلىرى ماسلاشتۇرۇلىدۇ. 2002 - يىلى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى قۇرغان ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرىكى ئىقتىسادىي ساھەدىن سىياسىي، پەن - تېخنىكا، مەدەنىيەت ساھەلىرىگىچە كېڭەيتتى. «قازاقىستان ھەقىقەت گېزىتى» بۇنى «رايونلار ئارا بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنىڭ يېڭى ئەندىزىسى» دەپ ئاتىدى.
      3. ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ باشلىقلىرى ئۈچۈن دائىم ئۇچرىشىپ تۇرۇش پۇرسىتىنى يارىتىپ بەردى
      ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تۇرۇۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئارا تەشكىلات ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى باشلىقلىرىنىڭ دائىم ئۇچرىشىش سۇپىسى بولۇپ قالدى، ئۇلار كۆپ قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ ئالاقىدار مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلدى، بۇ جەرياندا بەلگىلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. مەسىلەن: ئۆزبېكىستان بىلەن قىرغىزىستاندا قۇرغاقچىلىق ئاپىتى يۈز بەرگەندە، قازاقىستان ئۇلارنى ئەرزان باھالىق ئاشلىق بىلەن تەمىنلىدى؛ سۇ مەنبەسىدىن پايدىلىنىش مەسىلىسىدە، كېڭىشىش ۋە مۇنازىرە قىلىش ئارقىلىق قىسمەن بىرلىككە كەلدى.
      ئىككىنچى، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئارا ئىناقسىزلىقنىڭ ئىپادىلىرى
      يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك، قارىماققا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى باشلىقلىرىنىڭ ئالاقىسى قويۇقلاشقان، دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەت خېلىلا ياخشى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى »بىر گەۋدىلەشتۈرۈش« نى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقاندەك قىلسىمۇ، لېكىن خەلقئارا جەمئىيەت شۇنىڭغا دىققەت قىلدىكى، تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ئۆم ئەمەس، »بىر گەۋدىلەشتۈرۈش« قەدىمىمۇ ئىنتايىن ئاستا بولماقتا.
      ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى دۆلەت ئىچىدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى، بولۇپمۇ ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلغاندا ھەرقايسىسى ئۆز يولىنى تۇتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ ئۇسۇلىنى ئەڭ ياخشى دەپ قاراشتى. ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئىككى چوڭ ئەزاسى - قازاقىستان بىلەن ئۆزبېكىستاننى مىسالغا ئالساق، ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ھەمدە كرېدىت، ھېسابات، باج، باھا، تاموژنا بېجى ۋە تاشقى پېرېۋوت قاتارلىق جەھەتلەردىكى سىياسەتلىرى ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاشمايدۇ. قازاقىستان مۇستەقىل بولغاندىن بۇيان، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا «شوك بىلەن داۋالاش» ئۇسۇلىنى قوللاندى، ئۆزبېكىستان بولسا تەدرىجىي ئىلگىرىلەش خاراكتېرىدىكى ئىسلاھاتنى يۈرگۈزدى؛ قازاقىستاندا پۇلنى ئەركىن ئالماشتۇرۇشقا ئىجازەت قىلىندى، ئۆزبېكىستاندا بولسا قوش رېلىس تۈزۈمى يولغا قويۇلدى. قازاقىستان ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىچىدىكى ئەنئەنىۋى ئاشلىق تەمىنلەش دۆلىتى بولۇپ، ئۆزبېكىستان دۆلەت بىخەتەرلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، كېۋەز ئېتىزلىرىنى زور كۈچ بىلەن تارايتىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى تەرەققىي قىلدۇرماقتا. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسى ئوخشىشىپ كېتىدىغان بولغاچقا، تولۇقلاشچانلىقى كۈچلۈك ئەمەس، شۇڭا ئىقتىسادنى »بىر گەۋدىلەشتۈرۈش« نىڭ ئېلىپ بېرىلىشى زور قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلمەكتە.
      ئۈچىنچى، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئارا ئىناقسىزلىقنىڭ رايونلار ئارا ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا كۆرسىتىدىغان پاسسىپ تەسىرى
      ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت، بولۇپمۇ بۇ دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئىناقسىزلىق ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا نۇرغۇن پاسسىپ تەسىرلەرنى كۆرسىتىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشىغا توسقۇنلۇق قىلدى. ئىمزالانغان كېلىشىملەر ئەمەلىيلەشتۈرۈلمىگەنلىكتىن، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى بەلگىلىك تەسىرگە ئۇچرىدى. مەسىلەن: قازاقىستان تۆمۈريول تىرانسپورتى ئارقىلىق ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستان ئىككى دۆلەتنى قىستاپ، جۇڭگودىن بىۋاسىتە كېسىپ ئۆتىدىغان يەنە بىر تۆمۈريولنى ياتقۇزۇشنى زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلىپ، ئۇلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى. ناھايىتى روشەنكى، بۇنداق قىلغاندا ئاز بولمىغان خىراجەت سەرپ قىلىنىپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى ئۆزئارا ئىشىنىشنىمۇ يوقىتىدۇ.
      شۇنىڭ بىلەن بىرگە، قازاقىستاننىڭ تەبىئىي گاز سانائىتىنى راۋاجلاندۇرۇشتىن مەقسىتى ئۆزبېكىستانغا نىسبەتەن تايىنىشچانلىقنى ئاجىزلىتىشتىن ئىبارەت. ئۆزبېكىستانمۇ كېۋەز ئېتىزلىرىنى ئاشلىق ئېتىزلىرىغا ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، قازاقىستانغا نىسبەتەن تايىنىشچانلىقىنى ئاجىزلاشتۇرماقتا، بۇنداق كېتىۋەرسە، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ مۇقىملىقى تەسىرگە ئۇچرايدۇ - دە، بۇ رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ تاشقى مەبلەغ جەلپ قىلىشىغا ئىنتايىن پايدىسىز بولىدۇ، نەتىجىدە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ.
      پايدىلانمىلار:
      [1] «رۇسىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شەرقىي ياۋروپا بازارلىرى» [2010]- يىللىق سانلىرى، خەنزۇچە
      [2] «ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى» [2010]- يىللىق سانلىرى، ئۇيغۇرچە
      [3] «شىنجاڭ مالىيە ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى» [2010] - يىللىق سانلىرى، ئۇيغۇرچە

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر