ئۆزبېكىستان پارچە سېتىش سودىسى قائىدە - تەرتىپلىرىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزدى

184 2011-03-06 11:52:00   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   نەزەر
T|T:خەت رەزمىرى

ئۆزبېكىستان پارچە سېتىش سودىسى قائىدە - تەرتىپلىرىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزدى

      دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى بازىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سودا ساھەسىدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ئۆزبېكىستان ئىجتىمائىي ئىگىلىك تەرەققىياتىدىكى تەخىرسىز ۋەزىپىلەرنىڭ بىرىدۇر. ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى 2010 - يىلى 6 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ماقۇللىغان قارار بۇ خىزمەتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يەنە بىر تۈرلۈك تەدبىر ھېسابلىنىدۇ. قارار تەلىپىگە ئاساسلانغاندا، پارچە سېتىش سودىسى ۋە بازار سودىسى قائىدە - تەرتىپلىرى ھەم نەق پۇل ھېساباتى، تىرانسپورت ئاپتوموبىللىرىنى ۋاقىتلىق ساقلاپ بېرىش مۇلازىمىتى قاتارلىقلارغا چېتىلىدىغان بىرقاتار ھۆكۈمەت بەلگىلىمىلىرىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ۋە تولۇقلانغان.
      ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ «نەق پۇل ھېساباتىدا پۇل ئېلىش ماشىنىسىنى مەجبۇرىي ئىشلىتىش توغرىسىدىكى قارارى» دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، 2010 - يىلى 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ، تەبىئىي شەخسلەر بىلەن قانۇنىي ئىگىلەر نەق پۇل ھېساباتى ئېلىپ بارغاندا ئىشلىتىلىدىغان پۇل ئېلىش ماشىنىلىرىنىڭ ھەممىسى بىرتۇتاش تېخنىكا تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇشى ھەمدە ئۆزبېكىستان ئۆلچەم ئىدارىسىنىڭ ۋە ھەرقايسى جايلاردا تەسىس قىلىنغان تارماق ئورگانلارنىڭ مەجبۇرىي گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزۈلۈشى كېرەك. ئەگەر گۇۋاھلىقتىن ئۆتكۈزۈلمىگەن ياكى بىرتۇتاش تېخنىكا تەلىپىگە يەتمەيدىغان پۇل ئېلىش ماشىنىلىرىنى ئىشلەتسە، ھەتتا بۇ خىل پۇل ئېلىش ماشىنىلىرىدىن پايدىلىنىپ ئىسچوت كەسسە، ئۇ ھالدا ئۆزبېكىستاننىڭ ئالاقىدار قانۇنى بويىچە خاتالىق سادىر قىلغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
      ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى دۆلەت ئىچىدىكى پارچە سېتىش سودىسى قائىدە - تەرتىپلىرىگە قارىتا تولۇقلاش ئېلىپ باردى. تولۇقلانغاندىن كېيىنكى بەلگىلىمە بويىچە، تاموژنا بېجى ھۆججىتى توشقۇزۇلغان كۈندىن باشلاپ 12 ئايدىن كېيىن، ئىمپورت قىلىنغان بىر قىسىم تەييار ئىستېمال بۇيۇملىرىنى قايتا پارچە سېتىشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. بۇ تاۋارلار ئىلمە توقۇلما تۈرىدىكى كىيىم - كېچەكلەر، كارىۋات بۇيۇملىرى، ئۇخلاش كىيىمى، لۆڭگە، تورسىمان كاناپ ۋە باشقا تەييار بۇيۇملارنى شۇنداقلا تېلېۋىزور، توڭلاتقۇ، ھاۋا تەڭشىگۈچ قاتارلىق ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
      ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى بازار سودىسى پائالىيىتى قائىدە - تەرتىپلىرىغا ئاساسلانغاندا، 100 دىن ئارتۇق (100 نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) مۇقىم يايما ئورنى بار بولغان بازارلاردا بازار باشقۇرغۇچى تەرەپنىڭ ئىجارە ھەققى ۋە باشقۇرۇش ھەققىنى يىغىشى پەقەت بانكا سىستېمىسىنىڭ ئاپتوماتىك ھېساباتى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر