ئۆزبېكىستان پاسپورتنى بىئولوگىيەلىك پەرقلەندۈرۈش سىستېمىسىنى قۇرماقچى

304 2011-03-05 11:21:27   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   نەزەر
T|T:خەت رەزمىرى

ئۆزبېكىستان پاسپورتنى بىئولوگىيەلىك پەرقلەندۈرۈش سىستېمىسىنى قۇرماقچى

      2010- يىل 7 - ئاينىڭ باشلىرىدا ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى فرانسىيەنىڭ «ئوۋبايت پەن - تېخنىكىسى» شىركىتى بىلەن ئومۇمىي سوممىسى 75 مىليون 100 مىڭ ياۋرو بولغان توختامنى ئىمزالىدى. بۇ توختام بويىچە، فرانسىيەنىڭ «ئوۋبايت پەن - تېخنىكىسى» شىركىتى ئۆزبېكىستاننىڭ پاسپورتنى بىئولوگىيەلىك پەرقلەندۈرۈش سىستېمىسىنى قۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ.
      مەزكۇر تۈر مەبلىغىنىڭ بىر قىسمىنى فرانسىيە تەرەققىيات بانكىسى قەرز پۇل بېرىش ۋاسىتىسى ئارقىلىق تەمىنلەيدۇ، قالغان قىسمىنى ئۆزبېكىستان دۆلەت بانكىسى ھۆكۈمەتنىڭ كېپىللىكى ئاستىدا قايتا يۈرۈشتۈرۈپ بېرىدۇ. بۇ تۈرگە چېتىلىدىغان مەخسۇس ماشىنىلار (يۈرۈشلەشكەن ئۈسكۈنە، خورىغۇچى ماتېرىياللار ۋە دېتاللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) نىڭ تاموژنا بېجى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.
      2010 - يىلى 1 - ئايدىكى ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭ بۇيرۇقى بويىچە، 2011 - يىلى 1 - ئايدا ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى يېڭى پاسپورت سىستېمىسىنى يۈرگۈزىدۇ. بىرىنچى باسقۇچتا دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى، چەت ئەلگە چىقماقچى بولغانلار ياكى چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق گراژدانلارغا يېڭى پاسپورت ئالماشتۇرۇپ بېرىلىدۇ؛ 2015 - 2012 - يىللىرى ئىككىنچى باسقۇچ بولۇپ، قالغان گراژدانلارغا يېڭى پاسپورت ئالماشتۇرۇپ بېرىلىدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر