قىرغىزىستان جۇڭگو مال تىرانسپورت ئاپتوموبىللىرىنىڭ چېگرىدىن كىرىشىنى چەكلىدى
قىرغىزىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى يېقىندا ھۆكۈمەتنىڭ مەخسۇس كومىتېتىنى قۇرۇپ، قىرغىزىستان - جۇڭگو چېگرا شەھەرلىرى تورغات ۋە ئەركەستام چېگرا ئېغىزلىرىنىڭ قىرغىزىستان تەرىپىدە مالنى ئايرىپ قاچىلاش پونكىتى قۇرۇش توغرىسىدا بۇيرۇق ئېلان قىلدى. مەزكۇر بۇيرۇقنى ئېلان قىلىشتىن مەقسەت، جۇڭگو مال تىرانسپورت ئاپتوموبىللىرىنىڭ قىرغىزىستان چېگرىسىغا كىرىشىنى چەكلەپ، قىرغىزىستان مال تىرانسپورت تىجارەتچىلىرىنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتىنى قوغداشتىن ئىبارەت. بۇ بۇيرۇقتا يەنە قىرغىزىستان قاتناش مىنىستىرلىكىگە تاموژنا، چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتلىرى ۋە مالىيە تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە ئالاقىدار قانۇن ھۆججەتلىرىنى تۈزۈپ چىقىشنى ھەمدە پونكىت قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سالغۇچىلارنى ئىزدەشنى ھاۋالە قىلدى.
مالنى ئايرىپ قاچىلاش پونكىتى قۇرۇلۇشىنى مىسالغا ئالساق، جۇڭگو تەرەپنىڭ يۈك ئاپتوموبىللىرى ئەڭ يىراق بولغاندا قىرغىزىستان تەۋەلىكىدىكى مالنى ئايرىپ قاچىلاش پونكىتىغا بېرىپ، مالنى چۈشۈرۈۋەتكەندىن كېيىن قۇرۇق قايتىپ كېتىدۇ، قىرغىزىستان مال تىرانسپورت تىجارەتچىلىرى چۈشۈرۈلگەن ماللارنى ئايرىپ قاچىلاپ، قىرغىزىستاننىڭ باشقا رايونلىرىغا توشۇيدۇ. بۇنداق بولغاندا جۇڭگو تەرەپنىڭ توشۇش تەننەرخى زور دەرىجىدە يۇقىرىلاپ كېتىدۇ - دە، تېخىمۇ كۆپلىگەن كەسپىي ئىختىلاپلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.